ھازىر خەلق ئىچىدە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئەمدى مال باھاسىنى مۇقىم قىلىش ئۈچۈن ئەسكەر چىقىرامدۇ دېگەن سوئال چىقتى.
ب ب س نىڭ بايان قىلىشىچە، خىتايدا بۇ يىل ئاشلىق باھاسى ئۆستى، ئۇنىڭغا ئەگىشىپ، تۇرمۇش بۇيۇملىرىنىڭ باھاسى ئۆسۈشكە باشلىدى. بۇ مەسىلە يېقىندا خىتاي ھۆكۈمىتى تېز ھەل قىلمىسا بولمايدىغان چوڭ مەسىلىگە ئايلاندى. تۈنۈگۈن خىتاي دۆلەت كابىنىتى ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەردىن، دۆلەت زاپىسىنى كۆپلەپ بازارغا سېلىپ، تەمىنلەش مىقدارىنى ئېھتىياج مىقدارىدىن ئاشۇرۇۋېتىش ئارقىلىق مال باھاسىنى دەرھال كونترول قىلىشنى تەلەپ قىلدى.
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 'خىتايدا مال باھاسىنىڭ ئۆرلەپ كېتىشى ئىمپورت خاراكتېرلىك' دېگىنى ئەتراپلىق ئەمەس
خىتاي ھۆكۈمىتى، خىتايدا ھازىر مال باھاسى ئۆرلەپ، پۇل پاخاللىقى كېلىپ چىقىۋاتقانلىقىنى، چەتئەل پۇللىرىنىڭ خىتايغا كۆپلەپ ئېقىپ كېرىپ، ئەڭ ئاساسلىق دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىنىڭ تەننەرقى ئۆرلەپ كەتكەنلىكى، پۇرسەتپەرەسلەرنىڭ پايدا قازىنىش مەقسىتىدە بېسىمدارلىق قىلغانلىقى، شەھەرلەشتۈرۈش جەريانىدا ئىشلەپچىقىرىش ۋاستىلىرى، ئەمگەك كۈچى ۋە يەر - زېمىن باھاسىنىڭ ئۆسۈپ كەتكەنلىكى قاتارلىق مەسىلىلەر كەلتۈرۈپ چىقاردى دەپ قارايدۇ.
ئەمما، بېيجىڭدىكى مەشھۇر ئىقتىسادشۇناس جۇڭ داجۈننىڭ قارىشىچە، ھۆكۈمەتنىڭ 'خىتايدا مال باھاسىنىڭ ئۆرلەپ كېتىشى ئىمپورت خاراكتېرلىك' دېگىنى، يەنى غەرب دۆلەتلىرىنىڭ پۇلنىڭ مىقدارىنى كۆپەيتىش تەدبىرى پەيدا قىلدى دېگىنى ئەتراپلىق ئەمەس. ئەمەلىيەتتە، خىتايغا چەتئەل پۇللىرى كۆپلەپ كىرگەندە، خىتاي ھۆكۈمىتىمۇ پۇلنى كۆپلەپ تارقاتتى. خىتاي بانكىسى بۇلتۇر ئون تىرلىيون يۇەن قەرز تارقاتقان ئىدى، بۇيىلمۇ ھازىرغا قەدەر 8 تىرلىيون يۇەن قەرز تارقىتىپ بولدى. خىتايدا بۇقەدەر كۆپ مىقداردىكى پۇلنىڭ قىممىتىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن، ئۆسۈمنى ئاشۇردى، شۇنىڭ بىلەن بېسىمدارلىق ئەۋج ئالدى، يەنى تۇرمۇشتا جىددىي ئېھتىياجلىق بولغان ئاشلىق، ياغ، پاختا قاتارلىق مەھسۇلاتلارنى بېسىۋېلىپ، ساقلاپ تۇرۇپ باھاسىنى ئۆرلىتىش ئەۋج ئالدى.
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دۆلەت زاپىسىنى كۆپلەپ بازارغا سېلىش سىياسىتى ئارقىلىق ھازىرقى ئىقتىسادىي مەسىلىنى ھەل قىلغىلى بولمايدۇ
خوڭكوڭدا چىقىدىغان ئۇچۇر گېزىتىنىڭ مۇھەررىرى چېن جىنشياڭنىڭ قارىشىچە، خىتايدا مال باھاسىنىڭ ئۆرلەپ، بولۇپمۇ يېمەك باھاسى ئۆرلەپ، پۇل پاخاللىشىۋاتقانلىقى، بۇ، خىتايدىلا يۈز بېرىۋاتقان مەسىلە ئەمەس، بەلكى پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدا ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە يۈز بېرىۋاتقان مەسىلە. بۇنىڭغا قارىتا ھەممە دۆلەت تەدبىر قوللىنىۋاتىدۇ، ئەمما بۇ مەسىلىدە ھېچقانداق بىر دۆلەت خۇددى خىتايدەك بۇنداق جىددىيلىشىپ، بۇ مەسىلە تۈپەيلىدىن جەمئىيەتتە چوڭ قالايمىقانچىلىق چىقىدۇ دەپ بەك ئەنسىرەپ كەتمىدى. خىتاينىڭ ھازىرقى مال باھاسى ئۆرلەپ، پۇل پاخاللىشىۋاتقان بۇ مەسىلىسىدە بۇقەدەر بەك جىددىيلىشىپ كەتكەنلىكىنىڭمۇ سەۋەبى بار. چۈنكى خىتايدا ھازىر كۆكتات، ئاشلىق، ياغ، تۇخۇم، پاختا رەخت قاتارلىق تۇرمۇشتا جىددىي كېرەكلىك ماللارنىڭ باھاسى 30% ئۆرلىدى، بەزى جايلاردا 50% ئۆرلىدى.
مال باھاسى ئۆرلەش، پۇل پاخاللىشىش ھەر قانداق دۆلەتتە بىر چوڭ مەسىلە. ئەمما، بايلار بىلەن نامراتلارنىڭ پەرقى بارغانسىرى چوڭلاۋاتقان خىتايدا، بۇ مەسىلە ئەڭ كەسكىن ئىجتىمائىي زىددىيەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقارغۇسى مەسىلە. ھازىر خىتايدا نامراتلارلا ئەمەس، بەلكى ئوتتۇراھال ئىقتىساد ئىگىلىرىمۇ ھازىرقى مال باھاسى ئۆرلەپ، پۇل پاخاللىشىۋاتقانلىقىدىن قاتتىق نارازى. دېمەك نارازى بولۇۋاتقان ئادەم سانى كۈپ. خىتاي ھۆكۈمىتى تۈنۈگۈن جاكارلىغان دۆلەت زاپىسىنى كۆپلەپ بازارغا سېلىش سىياسىتى بۇيىچە كۆكتات، گۆش، ياغ، شېكەر ۋە باشقا تۇرمۇش بۇيۇملىرىنى كۆپلەپ بازارغا سېلىش ئارقىلىق، بەلكى مال باھاسىنىڭ ئۆرلەپ، پۇل پاخاللىشىۋاتقانلىقىنى بىر ئاز ئاستىلىتىپ، ئىنتايىن چوڭ ۋەقە چىقىشتىن ساقلانغىلى بولۇشى مۇمكىن، ئەمما بۇنىڭ بىلەن مەسىلىنى ھەل قىلغىلى بولمايدۇ، شۇنداقلا بۇنىڭدىن جەمئىيەتتە مۇقىمسىزلىق كېلىپ چىقىشىنى توسۇپ قالغىلى بولمايدۇ. ھازىر خەلق ئىچىدە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئەمدى مال باھاسىنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلاپ ئۈچۈن ئەسكەر چىقىرامدۇ، دېگەن سوئال چىقتى.
خىتاي ھۆكۈمىتى يېمەك باھاسىنى كونترول قىلىش چارىسىنى قوللانغاندىن كېيىن يەنە تېخىمۇ چوڭ رىقابەتكە دۇچ كەلدى
بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ بۈگۈن بېيجىڭدىن بايان قىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى يېمەك - ئىچمەك ۋە باشقا تۇرمۇش بۇيۇملىرىنىڭ باھاسىنى كونتىرول قىلىش چارىسىنى قوللانغاندىن كېيىن، ھازىر يەنە باشقا ساھەدە، بارغانسىرى ئۆرلەۋاتقان ئۆي - زېمىن باھاسى قاتارلىق باھا مەسىلىلىرىنى كونترول قىلىش ئۈچۈنمۇ ھۆكۈمەت ئارىلاشمىسا بولمايدىغان جىددىي رىقابەتكە يۈزلەنمەكتە.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.