خىتايدا ھازىر ماۋ سولچىلىرى يامراۋاتىدۇ

ئامېرىكىدا چىقىدىغان 'بېيجىڭ باھارى' ژۇرنىلىنىڭ 2010‏ - يىل 5 ‏ - سانىدا، تايلاندتا پاناھلىنىپ تۇرۇۋاتقان مۇستەقىل تەتقىقاتچى زېڭ جېمىڭنىڭ 'خىتايدا ھازىر ماۋ زېدۇڭ سولچىلىرى خۇ جىنتاۋنىڭ ھىمايىسى ئاستىدا ئەركىن يامراپ كېتىۋاتىدۇ' دېگەن تېمىدىكى بىر مۇلاھىزىسى ئېلان قىلىندى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﯞﻩﻟﻰ
2010.05.04
Xitay-doliti-qurulghandiki-korunush-Maw-Seypidin-eziz ﺳﯜﺭﻩﺕ، ﺧﯩﺘﺎﻱ ﻗﯘﺭﻏﯘﭼﯩﺴﻰ ﻣﺎﯞﺯﯦﺪﻭﯕﻨﯩﯔ 1949‏ - ﻳﯩﻠﻰ 10‏ - ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 1 - ﻛﯜﻧﯩﺪﯨﻜﻰ ﺩﯙﻟﻪﺕ ﻗﯘﺭﯗﺵ ﻣﯘﺭﺍﺳﯩﻤﯩﺪﺍ 'ﺟﯘﯕﺨﯘﺋﺎ ﺧﻪﻟﻖ ﺟﯘﻣﻬﯘﺭﯨﻴﯩﺘﻰ ﻣﻪﺭﻛﯩﺰﻯ ﻫﯚﻛﯜﻣﯩﺘﻰ ﺑﯜﮔﯜﻥ ﻗﯘﺭﯗﻟﺪﻯ' ﺩﻩﭖ ﺟﺎﻛﺎﺭﻟﯩﻐﺎﻥ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺵ.
Youtube.com ﺩﯨﻦ ﺋﯧﻠﯩﻨﺪﻯ.

بۇنىڭدىن بۇرۇن، 'بوشۈن تور گېزىتى'دە بۇ مۇستەقىل تەتقىقاتچىنىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى ۋە ئۇنىڭ نەزەرىيە، سىياسەتلىرى ھەققىدە يېزىپ ھەر خىل گېزىت - ژۇرناللاردا ئېلان قىلغان 400 پارچىغا يېقىن ماقالىسىنىڭ تىزىمى ئېلان قىلىنغان ئىدى.

خىتايدا ھازىر ماۋ سولچىلىرىنىڭ پىكىر بايان قىلىشىغا ۋە ئىنتېرنېت ئالاقىسىگە ھېچقانداق چەكلىمە يوق

تايلاندتا سىياسىي پاناھلىنىپ تۇرۇۋاتقان بۇ مۇستەقىل تەتقىقاتچىنىڭ 'بېيجىڭ باھارى' ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان مەزكۇر يېڭى مۇلاھىزىسىدە بايان قىلىشىچە، خىتايدا ھازىر ماۋ زېدۇڭ سولچىلىرى ئەركىن يامراپ كېتىۋاتىدۇ. خىتايدا ھازىر يامراپ كېتىۋاتقان ماۋ سولچىلىرى دېڭ شاۋپىڭچىلارنى 'كاپىتالىزم ئىسلاھاتچىلىرى' دەپ سۆكىدۇ. خۇ ياۋباڭ، جاۋزىياڭچىلارنى 'سىياسىي ئىسلاھاتچىلار' دەپ چەتكە قاقىدۇ. كىشىلىك ھوقۇق، ئەركىنلىك ۋە دېموكراتىيىنى تەشەببۇس قىلىدىغان زىيالىيلارنى 'ئەركىنلەشتۈرگۈچىلەر' دەپ 'توپقا تۇتىدۇ'. بۇنداق ماۋ سولچىلىرى ھازىر خىتايدا ئىنتايىن ئەركىن، ئۇلارنىڭ پىكىر بايان قىلىشىغا، ئىنتېرنېت ئالاقىسىگە ھېچقانداق چەكلىمە يوق.

تەشكىلات قۇرغان خەلقنى قاتتىق باستۇرۇدىغان خۇ جىنتاۋ ماۋچىلار قۇرغان پارتىيىلەرنى چەكلىمىدى

ئاپتورنىڭ بايان قىلىشىچە، ماۋ سولچىلىرى 2008‏ - يىلى ماۋ زېدۇڭنىڭ تۇغۇلغانلىقىنى خاتىرىلەپ ئۆتكۈزگەن پائالىيىتىدە 'ماۋ زېدۇڭچى كوممۇنىست پارتىيە' قۇرغانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى. 2009‏ - يىلى يەنە 'خىتاي ئىشچىلار پارتىيىسى' قۇرغانلىقىنى جاكارلىدى. تەشكىلات قۇرغان خەلقنى قاتتىق باستۇرۇدىغان، ھەتتا چەتئەللەردە قۇرۇلغان تەشكىلاتلارنىمۇ ھەر ئامال قىلىپ باستۇرۇشقا، نەزەربەنت ئاستىغا ئېلىشقا ئۇرۇنۇپ كېلىۋاتقان خۇ جىنتاۋ ئۇلارنى ئەركىن قويۇۋەتتى. بۇ ئارقىلىق خۇ جىنتاۋنىڭ ئەسلىدىلا ماۋ زېدۇڭ سولچىلىرىدىن ئىكەنلىكى تېخىمۇ ئاشكارا بولدى.

ماۋ زېدۇڭ سولچىلىرى تىرىلدۈرگەن 'ماۋ زېدۇڭ ئىدېئولوگىيىسى' ھازىر خۇ جىنتاۋ ھاكىمىيىتىنىڭ ئاساسى بولۇپ قالدى

تايلاندتا تۇرۇۋاتقان بۇ مۇستەقىل تەتقىقاتچىنىڭ بايان قىلىشىچە، 'ماۋ زېدۇڭ ئىدېئولوگىيىسى' خىتايدا ئاللىقاچان ئۆلگەن ئىدېئولوگىيە.. ئەمما خۇ جىنتاۋ يېقىنقى 7 يىل ئىچىدە، ماۋ زېدۇڭنىڭ ئەۋلادلىرىدىن ماۋ يۇەنشىن، ماۋ شىنيۈلەرنىڭ ھەربىي قىسىملاردىكى ھوقۇقىنى ھەدەپ قوللاپ ۋە كېڭەيتىپ، ئۇلارغا يان تاياق بولۇپ كېلىۋاتىدۇ. ئەسلىدىكى ماۋ سولچىلىرىنىڭ ئەۋلادى بولغان بو شىلەيمۇ، خۇ جىنتاۋنىڭ قانىتى ئاستىدا تۇرۇپ 'قارا گۇرۇھلارغا زەربە بېرىش' ھەرىكىتى قوزغاش ئارقىلىق، ماۋ سولچىلىرىنىڭ سىياسىي نەتىجىلىرىنى كېڭەيتىشكە باشلىدى. بۇ جەرياندا، ماۋ زېدۇڭ سولچىلىرى تىرىلدۈرگەن 'ماۋ زېدۇڭ ئىدېئولوگىيىسى' ھازىر خۇ جىنتاۋ ھاكىمىيىتىنىڭ ئاساسى بولۇپ قالدى. خۇ جىنتاۋ ھازىر ماۋ زېدۇڭ ئىدېئولوگىيىسىنى خەلقنى بۇلاڭ -تالاڭ قىلىدىغان 'ئىقتىسادىي ئىسلاھات' تا قوللىنىۋاتىدۇ.

جاڭ زېمىنچىلەر كۇڭزىچىلىقنى كۆتۈرۈپ چىقىۋاتىدۇ

ئاپتورنىڭ بايان قىلىشىچە، خۇ جىنتاۋ ماۋ سولچىلىرى بىلەن ئىتتىپاق تۈزگەندىن كېيىن، مەركىزى كومىتېتىدىكى جاڭ زېمىنچىلەر ماۋ سولچىلىرىغا قارىمۇ - قارشى ھالدا كۇڭزىچىلىقنى كۆتۈرۈپ چىقىشىغا باشلىدى. خىتاينىڭ رەھبەرلىك قاتلىمىدا ھازىر ئوخشىمىغان بايراقلار پەيدا بولۇپ، كوممۇنىست پارتىيە مەركىزى كومىتېتىنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى زىددىيەتلەر كەسكىنلىشىۋاتىدۇ.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.