خىتاينىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيىسى نېمە نەتىجە بەردى؟
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﮔﯜﻟﭽﯧﻬﺮﻩ
2009.08.19
2009.08.19

Youtube ﺩﯨﻦ ﺋﯧﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﺳﯜﺭﻩﺗﻠﻪﺭ.
ئۇنىڭدىن باشقا، خىتايلار بىلەن ئۇيغۇر ۋە باشقا مىللەتلەرگە كىچىكىدىن تارتىپ، ئىككى ئايرىلالماسلىق، ئۈچ ئايرىلالماسلىق دېگەندەك ئىدىيىلەرنى سىڭدۈرۈپ كەلگەن ئىدى، ئۈرۈمچىدە 5 - ئىيۇل ۋەقەسىنىڭ يۈز بېرىشى بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ خىل مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ياخشىلاش ھەققىدىكى سىياسەتلىرىنى يەنىمۇ كۈچەيتىشكە باشلىدى.
ئۇنداقتا خىتاينىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىش ھەققىدىكى سىياسىي تەشۋىقات ھەم ھەرىكەتلىرىنىڭ نېمە ئۈنۈمى بولدى ؟ بۇنىڭغا قارىتا ئۇيغۇر ۋە خىتاي پائالىيەتچىلىرى ھەم زىيالىيلىرىنىڭ كۆز قاراشلىرى ھەققىدە مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە تەييارلىغان زىيارەت خاتىرىسىنى سىلەرگە سۇنداق.
ئۇيغۇر ئېلىدە خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتىنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيىسىدىكى "ئاز سانلىق مىللەتلەر خىتايدىن ئايرىلالمايدۇ، خىتايلار ئاز سانلىق مىللەتلەردىن ئايرىلالمايدۇ، ئاز سانلىق مىللەتلەر ئۆز - ئارا ئايرىلالمايدۇ " دېگەندەك شوئارنى يادا بىلمەيدىغان بىرمۇ كىشى بولمىسا كېرەك، ھەتتا يېڭى مەكتەپ يۈزى كۆرگەن بالىلار ئۈچۈنمۇ بۇنى يادا بىلىش تۇنجى سىياسىي ۋەزىپىدۇر.
بۇ خىلدىكى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىش ھەققىدىكى شوئارلىرى، سىياسىي تەربىيىلەر خىتاينىڭ بارلىق تەشۋىقاتىدىكى ئەڭ ئاساسلىق تېما بولمىغاندىن سىرت، بۇنى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ كوچا، قورۇ تاملىرىدا، مەكتەپ، ئىدارە - ئورگان تەشۋىقات تاختىلىرىدا، تەشۋىقات ۋارەقلىرىدە داۋاملىق ئۇچرىتىپ تۇرغىلى بولىدۇ.
ھەممىگە مەلۇم بولغاندەك، 5 - ئىيۇل ۋەقەسى يۈز بەرگەن ۋاقىت، مەكتەپ ئورۇنلىرى ئاساسەن يېڭىدىن يازلىق تەتىلگە قويۇپ بېرىلگەن مەزگىلگە توغرا كەلگەن ئىدى، نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئېلىدىكى بارلىق مەكتەپلەر يېڭى ئوقۇش مەۋسۈمىنى باشلاش ئالدىدا تۇرىدۇ،شۇ ۋەجىدىن خىتاي ھۆكۈمىتى مائارىپ ساھەسى بويىچە يېڭى ئوقۇش مەۋسۇمى باشلىنىش بىلەن ئوقۇغۇچىلارغا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيىسىنى كۈچەيتىش ھەققىدە قارار ھەم تەدبىرلەرنى ئالغان.
5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن كېيىن خىتاي دائىرىلىرى ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان ئېلىپ بېرىۋاتقان مىللەتلەر ئىتتىپاقلىق تەربىيىسىنىڭ يەنىلا كۇپايە قىلمايۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىپ، ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئالىي مەكتەپلەردىن باشلاپ ھەتتا باشلانغۇچ مەكتەپلەرگىچە، قايتىدىن مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيىسىنى كۈچەيتىش پائالىيەتلىرىنى ئېلىپ بارماقچى ئىكەن.
شىنخۇا تورىنىڭ 17 - ئاۋغۇست خەۋىرىدىن ئاشكارىلىنىشىچە،ئۈرۈمچىدىكى مەكتەپلەردە 1 - سېنتەبىر ئوقۇش باشلىغاندىن باشلاپ، خىتاي ۋە ئاز سانلىق بالىلىرى قول تۇتۇشۇش پائالىيىتى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا ئائىت بىر جۈملە سۆز ئۆگىنىش ھەرىكىتى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا ئائىت بىر ھېكايە ئېيتىش، مىللەتلەر ئارا دوستلۇق سوۋغىسى بېرىش، ھەر مىللەت بالىلىرى ئۆز - ئارا قۇچاقلىشىشقا ئوخشاش پائالىيەتلەر شۇنداقلا مەخسۇس 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىنى تونۇش ھەققىدە مەخسۇس سىياسىي تەربىيىلەر ئېلىپ بېرىلىدىكەن.
رادىئومىزغا كەلگەن بەزى ئىنكاسلارغا قارىغاندا، گەرچە تەتىل مەزگىلى بولسىمۇ ئۇيغۇر ئېلىدىكى نۇرغۇن مەكتەپلەردە ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلار قايتىدىن يىغىۋېلىنىپ سىياسىي ئۆگىنىشكە ئۇيۇشتۇرۇلغان.
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى، 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىن پەقەت ئۈرۈمچى شەھىرىدىلا ئەمەس، پۈتۈن ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەرگە مەخسۇس مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى دەرسلىكى ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە بۇ دەرسلىكنى مەۋسۇملۈك سىياسىي تەربىيە دەرسلىكى ئېمتىھان سوئالىنىڭ 15%ىنى ئىگىلەيدىغان ئاساسلىق پەنلەر قاتارىغا كىرگۈزۈشنى بېكىتكەن.
ھالبۇكى، چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرى شۇنداقلا ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرى ۋە يەنە خىتاي دىموكراتچىلىرىمۇ 5 - ئىيۇل ۋەقەسىنى دەل خىتاينىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيىسى سىياسىتىنىڭ مەغلۇبىيىتىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان بىر جانلىق مىسال دەپ مۇلاھىزە قىلماقتا.
بۇ ھەقتە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى تەتقىقات مەركىزى مۇدىرى ئۈمىد ئاگاھى ئەپەندى،خىتاينىڭ ئۆز مەغلۇبىيىتىنى ئېتراپ قىلماي، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ھەم بۇ خىل رىئال بولمىغان سىياسىي ھەرىكەتلەرنى كۈچەيتىشكە ئۇرۇنۇشى، ئۆز- ئۆزىنى ئالدايدىغان ئەخمىقانىلىق دەپ ئوتتۇرىغا قويدى.
ئۇيغۇر مەسىلىسى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي ئىجتىمائىي ۋەزىيىتىنى يېقىندىن كۆزىتىپ كەلگەن،بېيجىڭ باھارى ژورنىلىنىڭ مۇھەررىرى خۇپىڭ ئەپەندى، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئەسلى غوجىسى بولغان ئۇيغۇرلار بىلەن كۆچمەن خىتايلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان ئوخشىمىغان سىياسەتلىرى، شۇنداقلا خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن ئېلىپ بېرىۋاتقان ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش سىياسىتى بۇ جايدىكى خىتايلار بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئىناق ئۆتەلمەيدىغانلىقىدىكى ئەڭ نېگىزلىك سەۋەب ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
خۇپىڭ ئەپەندىنىڭ قارىشىچە: "5 - ئىيۇل ۋەقەسىنىڭ ئۆزى ئۇيغۇر ئېلىدە پاراۋان جەمئىيەتنىڭ مەۋجۇت ئەمەسلىكىنى، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ ۋەقەنى ھەر قانچە گىرىم قىلىپ كۆرسەتسىمۇ، بۇ جايدىكى مىللىي مەسىلىنىڭ ئېغىرلىقىنى،ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا يۈرگۈزگەن مىللىي ئاپتونومىيە سىياسىتى، مىللىي سىياسەتلىرىنىڭ مەغلۇپ بولغانلىقىنى كۆرسىتىپ بەردى. ئەلۋەتتە بۇ جايدىكى مىللىي توقۇنۇشنىمۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يىللاردىن بېرى ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇيغۇر ئېلىنى خىتايلاشتۇرۇش، ئۇيغۇر مىللىتىنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش سىياسەتلىرى كەلتۈرۈپ چىقارغان."
خۇپىڭ ئەپەندى يەنە، "خىتاي ھۆكۈمىتى بولۇپمۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىگە خىتاي نوپۇسىنى مەجبۇرىي يۆتكەپ، ئەسلىدىكى زېمىن ئىگىسى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزىنىڭ دۆلىتىدە ئۆز تىلىنىمۇ ئىشلىتەلمەيدىغان، خىزمەتكە ئورۇنلىشالمايدىغان، كۆچمەن خىتايلاردىن تۆۋەن تۇرمۇشتا ياشايدىغان، ئەمما ئېغىر بېسىمغا دۇچار بولۇۋاتقان بىر ئورۇنغا چۈشۈپ قېلىشى ئەلۋەتتە 5 - ئىيۇل ۋەقەسىدەك كۈچلۈك نارازىلىق ھەرىكەتلىرىنى مەيدانغا چىقارماي قالمايدۇ" دەپ تەكىتلىدى.
كانادا ئۇيغۇر جەمئىيىتى رەئىسى رۇقىيە خانىم، خىتاي ئۆزىنىڭ سىياسىتىنى ئۆزگەرتمەي تۇرۇپ يەنىلا سەبىي بالىلارغىمۇ مىلەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيىسىنى كۈچەپ سىڭدۈرسىمۇ، بۇ بالىلار ئۇچرايدىغان ئوخشىمىغان سىياسەت، بەرىبىر ئۇلارنى پەرقلەندۈرۈپ تۇرىدۇ شۇنداقلا ئۇلارنىڭ ھەقىقىي دوست بولالمايدىغانلىقىنى بەلگىلەيدۇ دەپ كۆرسەتتى.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.