ئامېرىكا ئاۋازى رادىئو ئىستانسىسىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بايان قىلىنىشىچە، تۈنۈگۈن خىتاي ھۆكۈمىتى تۇنجى قېتىم "1 - قېتىملىق مەملىكەتلىك مۇھىت بۇلغىنىش ئەھۋالى ھەققىدە دوكلات"نى ئېلان قىلغان.
خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاينىڭ تۇنجى قېتىملىق بۇ دوكلاتى 2007 - يىل ئىچىدىكى سۇ مەنبەلىرىنىڭ بۇلغىنىش ھەققىدىكى سانلىق مەلۇماتلار ئاساسىدا تەييارلانغان بولۇپ، بۇ دوكلاتتا تۇنجى قېتىم يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھالدا ناھىيە - كەنتلەردىكى كۈندىلىك تۇرمۇش ئىستېمالى ھەم ئەخلەتلەرنى بىر تەرەپ قىلىش زاۋۇتلىرى تەسىرىدىن سۇ مەنبەلىرىنىڭ بۇلغىنىش ئەھۋالى بۇ قېتىملىق تەكشۈرۈش دائىرىسى ئىچىگە كىرگۈزۈلگەن.
خىتاي مۇھىت ئاسراش مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى جاڭ لىجۈننىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتايدىكى مۇھىت بۇلغىنىشىدا سۇنىڭ بۇلغىنىشى ئېغىر بولۇپ،2007 - يىلىدىكى بۇلغانغان سۇ مىقدارى 30 مىليون 289 مىڭ 600 توننا بولغان. نۆۋەتتە خىتايدىكى سۇ مەنبەلىرىنىڭ بۇلغىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتقان سانائەت ئىشلەپچىقىرىش كارخانىلىرى ئاساسەن، قەغەزچىلىك، توقۇمىچىلىق، نېفىت - خىمىيە سانائىتى زاۋۇتلىرى شۇنداقلا كۆمۈرچىلىك ھەم رەڭلىك مېتال ئىشلەپچىقىرىشى قاتارلىقلار بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىشلەتكەن سۇ مىقدارى 83%تىن 73% كىچە ئىكەن.
خىتايدا سۇ مەنبەلىرىنىڭ بۇلغىنىش ئەھۋالى زاۋۇت - كانلارنىڭ كېرەكسىز سۇلارنى دەريا - ئېقىنلارغا قويۇپ بېرىشىدىن باشقا يەنە، ئىستېمال ساھەسىدىكى سۇنىڭ بۇلغىنىش ئەھۋالىمۇ ئېغىر ئىكەن. نۆۋەتتە خىتايدىكى مېھمانسارايلار، رېستورانلار، ساچتراچخانىلار ھەم پۇقرالارنىڭ كۈندىلىك سۇ ئىشلىتىشتە سۇ مەنبەلىرىنىڭ بۇلغىنىش ئەھۋالىمۇ ئېغىر بولۇپ، ئىستېمال ساھەسىدە بۇلغانغان سۇ 11 مىليون 80 مىڭ توننا بولغان.
سۇنىڭ بۇلغىنىشى نەتىجىسىدە خىتايدا ئىنسانلارنىڭ سالامەتلىكى بىلەن بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك بولغان يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ بۇلغىنىش ئەھۋالى ئېغىرلاشقان بولۇپ، ھازىر خىتاي يېزىلىرىدا ئىشلىتىلىۋاتقان سۇ مەنبەسىنىڭ 43.7% بۇلغانغان سۇ ئىكەن.
خىتاينىڭ بۇ قېتىملىق دوكلاتىدا، خىتايدىكى ھاۋانىڭ بۇلغىنىش ئەھۋالى ھەققىدە مەلۇمات بېرىلمىگەن بولۇپ، فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، چالا كۆيگەن گازلارنى ھاۋاغا قويۇپ بېرىش جەھەتتە، خىتاي 2005، 2006 - يىللىرىدىن باشلاپ ئامېرىكىدىن كۆپ ئېشىپ كەتكەن بولۇپ، دۇنيا بويىچە ھاۋاغا زەھەرلىك كاربون گازى قويۇپ بېرىدىغان 1 - نومۇرلۇق چوڭ دۆلەتكە ئايلانغان. دۇنيا بانكىسى ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، خىتايدا ھەر يىلى 750 مىڭ ئادەم بۇلغانغان ھاۋادا زەھەرلىنىپ ئۆلۈۋاتقان بولۇپ، دۇنيا بويىچە ئەڭ ئېغىر دەرىجىدە بۇلغانغان 10 شەھەرنىڭ ھەممىسى خىتايدا ئىكەن.
خىتاي ئۈزلۈكسىز ھالدا خىتايدىكى مۇھىت بۇلغىنىش ئەھۋالىنى دۇنيا جامائەتچىلىكىدىن يوشۇرۇپ كېلىۋاتقان بولۇپ، خىتايدىكى مۇھىت ئەھۋالى ھەققىدە مەتبۇئات ئورۇنلىرىغا مەلۇمات بەرگۈچىلەرنى تەقىب ئاستىغا ئېلىپ كېلىۋاتقان ئىدى. خوڭكوڭ مەتبۇئاتلىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، تۈنۈگۈن خىتاينىڭ سىچۈەن ئۆلكىسى چېڭدۇ شەھىرىدىكى سوت مەھكىمىسى خىتايدىكى مۇھىت قوغدىغۇچى يازغۇچى، كىشىلىك ھوقۇق ئاكتىپى تەن زورېننى، ئۇنىڭ خىتايدىكى مۇھىت بۇلغىنىش ئەھۋالى ھەققىدە ئېلان قىلغان ماقالىلىرى سەۋەبىدىن، " دۆلەت ھاكىمىيىتىگە ئىغۋاگەرچىلىك قىلغان " دېگەن جىنايەت بىلەن 5 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلغان. بۇ سەۋەبتىن خوڭكوڭدىكى بىر قىسىم ئامما خىتاينىڭ خوڭكوڭدىكى ئىش بېجىرىش بىناسىنىڭ ئالدىغا كېلىپ نارازىلىق نامايىشى ئېلىپ بارغان.
مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە، ھازىر خىتايدا سانائەتلىشىش ھەم شەھەرلىشىشنىڭ تېزلىشىشىگە ئەگىشىپ، خىتاي دۇنيادىكى مۇھىت بۇلغىنىشى ئەڭ ئېغىر بولغان دۆلەتلەرنىڭ بىرىگە ئايلىنىۋاتقان بولۇپ، خىتايدىكى مۇھىت بۇلغىنىشى پۈتۈن يەر شارى مۇھىتىغىمۇ ئېغىر تەسىرلەرنى كەلتۈرمەكتە ئىكەن. خەلقئارانىڭ قاتتىق بېسىمى نەتىجىسىدە خىتاي تەرەپ، 2009 - يىل 12 - ئاينىڭ 8 - كۈنى كوپېنھاگېن كىلىمات يىغىنىدا، خىتايدىكى مۇھىت بۇلغىنىش مەسىلىسىنى "غەربنىڭ گازىنى شەرققە يۆتكەش" ئارقىلىق ھەل قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى.
خىتاي يىغىندا، 2008 - يىلى قورغاستىن گۇاڭجۇغىچە 5 مىڭ كىلومېتىرلىق تەبىئىي گاز تۇرۇبا قۇرۇلۇشى باشلانغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ھەم 2010 - يىلىدىن 2012 - يىلىغىچە 100 مىليارد ياۋرو مۇھىت ئاسراش مەبلىغى ھازىرلاپ، 2020 - يىلىغا يەتكەندە، پۈتۈن خىتايدا ھاۋاغا قويۇپ بېرىلىدىغان زەھەرلىك گاز مىقدارىنى 40% ئازايتىدىغانلىقىنى ۋەدە قىلغان.
ئەمما خەلقئارادىكى مۇھىت مۇتەخەسسىسلىرى ھەم خىتاينىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىنى كۆزەتكۈچىلەر، خىتاينىڭ بۇ ۋەدىسىگە نىسبەتەن بەكمۇ ئۈمىدۋار پوزىتسىيىدە بولمىغان. ئۇلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ھازىرقى مۇشۇ ئەھۋالدىن قارىغاندىمۇ ئەگەر خىتاي 2020 - يىلىغىچە ھەر يىلى قايتا ئېنېرگىيە ئىشلەپچىقىرىشنى 15% ئازايتىپ ماڭالىغان تەقدىردىمۇ، ھاۋانىڭ بۇلغىنىشىنى ئاران 20% تۆۋەنلىتەلەيدىكەن.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.