خىتاي، يەرلىك دائىرىلەرنىڭ جەمئىيەت مۇقىملىقىغا كاپالەتلىك قىلىشىنى تەلەپ قىلدى

خىتايدىكى ئىشسىزلىق مەسىلىسىنىڭ كۈندىن - كۈنگە كۈچىيىپ كېتىشى تۈپەيلى كېلىپ چىقىدىغان نارازىلىقلارنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتى، ھەر قايسى يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ جەمئىيەت مۇقىملىقىغا كاپالەتلىك قىلىشىنى ئالاھىدە ئاگاھلاندۇردى.

0:00 / 0:00

بۇ ئارىدا خىتاينىڭ پايتەختىدىكى بېيجىڭ دائىرىلىرى يېڭى بىر ئىستراتېگىيە تۈزۈپ، ئىشسىزلارنى قايتا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئۈچۈن مەخسۇس خىراجەت ئاجرىتىشنى پىلانلىغان. تۆۋەندە مۇخبىرىمىز ئەقىدە سىلەرگە بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان ماقالىلەرنىڭ قىسقىچە مەزمۇنىنى ئاڭلىتىدۇ.

چەتئەل ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ " خىتاي ھۆكۈمىتى يەرلىك دائىرىلەرنىڭ جەمئىيەت مۇقىملىقىغا كاپالەتلىك قىلىشىنى تەلەپ قىلدى"، " بېيجىڭ ئىقتىساد ئاجرىتىپ كارخانىلارنى ئىشسىزلارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا رىغبەتلەندۈرمەكتە " دېگەن تېمىلاردا ئېلان قىلغان ماقالىلىرىدە، خىتاينىڭ ئالىي دەرىجىلىك ھۆكۈمەت خادىملىرىنىڭ، ھەر قايسى يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنى ئاگاھلاندۇرۇپ، ئۇلارنىڭ جەمئىيەت مۇقىملىقىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن چارە ‏ - تەدبىر قوللىنىشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ماقالىدە بۇنىڭغا دەرھال ئاۋاز قوشقان بېيجىڭ شەھەرلىك ھۆكۈمىتىنىڭ يېڭى بىر ئىستراتېگىيە تۈزۈپ چىقىپ، ئىشسىزلارنى قايتا كارخانىلارغا ئورۇنلاشتۇرۇشنى قارار قىلغانلىقى ئېلان قىلىنغان.

خىتاينىڭ ئېكىسپورت ساھەسىنىڭ ئېغىر كرىزىسقا ئۇچرىشى بىلەن تەڭ، نۆۋەتتە ئىشسىزلارنىڭ سانى كۈندىن ‏ - كۈنگە كۆپىيىپ جەمئىيەت مۇقىملىقى تەھدىت ئاستىدا قېلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەۋاتقان كۆزەتكۈچىلەر، "خىتايدا ئىشسىزلار سانىنىڭ شىددەت بىلەن كۆپىيىشى، ھۆكۈمەت ئەڭ ئەندىشە قىلىۋاتقان بىر مەسىلە" دېيىشمەكتە.

بېيجىڭ شەھەرلىك ئەمگەك ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇنىڭدىن كېيىنكى 3 يىلدىن 5 يىلغىچە بولغان ئارىلىقتا، ھۆكۈمەت ئىشسىزلارنى قايتا ئىشقا قوبۇل قىلغان ئىدارىنى، قوبۇل قىلىنغان كىشى بېشى ھېسابىغا ھەر يىلى 10 مىڭ يۈەن خەلق پۇلى بىلەن تەمىنلەيدىكەن.

خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى چاڭ مېڭجۇاڭ يەكشەنبە كۈنى":يەرلىك ھۆكۈمەت خىزمەت ئىستىلىنى ئۆزگەرتىپ، جەمئىيەت مۇقىملىقىغا پايدىلىق مۇھىت بەرپا قىلىشى كېرەك " دېگەن، ئۇ يەنە، ھازىرقى شارائىتتا، مەۋجۈت بولۇۋاتقان جەمئىيەت مەسىلىلىرى مۇقىملىققا تەسىر كۆرسىتىدىغان ئامىللار ھېسابلىنىدىغانلىقىنى، مۇقىملىقنى ساقلاشتا يەرلىك ھۆكۈمەت چوقۇم سەگەك بولۇشى، بولۇپمۇ جەمئىيەت مۇقىملىقىنىڭ ھازىرقى ئەڭ مۇھىم ۋە ئەڭ جىددىي مەسىلە ئىكەنلىكىنى تونۇپ يېتىپ، ئاساسلىق كۈچنى چارە ‏ - تەدبىر ئىشلىتىشكە مەركەزلەشتۈرۈشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن.

گەرچە خىتاي ئاخبارات ۋاستىلىرى، خىتايدا يۈز بېرىۋاتقان ئىشسىزلىقنى، دۇنيا مىقياسىدا يۈز بېرىۋاتقان ئىقتىسادى كرىزىسقا باغلاپ، خىتاي ئېكىسپورت ساھەسىنىڭ خىتاي تاشقى سودىسىغا ئېغىر زىيان ئېلىپ كەلگەنلىكىنى، بۇنىڭ بىلەن نۇرغۇن زاۋۇت - كارخانىلارنىڭ تاقىلىشقا مەجبۇر بولۇۋاتقانلىقىنى ۋە بۇنىڭ ئەسلىدە ھۆكۈمەت باش قاتۇرۇۋاتقان " ئىشسىزلىق "مەسىلىسىنى يەنىمۇ بىر بالداق يۇقىرى كۆتۈرۈۋەتكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ كەلگەن بولسىمۇ، ئەمما چەتئەللەردىكى ئىقتىسادشۇناسلار خىتايدىكى ئىشسىزلىقنىڭ تۈپ سەۋەبىنىڭ خىتايدا ئىشلەپچىقىرىلغان ساختا ۋە سۈپەتسىز مەھسۇلاتلار تۈپەيلى مەيدانغا كەلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرى، مۇقىملىق بىلەن ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مەسىلىسىنى ھالقىلىق مەسىلە قاتارىغا كىرگۈزۈپ، ھەر قايسى يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنى، بېيجىڭ شەھەرلىك ھۆكۈمەتكە ئوخشاش چارە - تەدبىر يولغا قويۇشقا چاقىرغان. خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، يالغۇز بېيجىڭدىلا ئەمەس، خىتاينىڭ بىر قانچە يەرلىك ھۆكۈمەتلىرى ئىشسىزلارنى قايتا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئىشلىرىنى يولغا قويۇشقا باشلىغان.

خىتاي دۆلەتلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ يېقىندا ئېلان قىلغان سىتاتىستىكىلىق مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا، بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىم پەسلىدە خىتايدا 7 مىڭغىچە بولغان ئوتتۇرا ۋە كىچىك تىپتىكى كارخانىلار ھالاك بولغان.

ئىشسىزلىقتىن كېلىپ چىقىدىغان مۇقىمسىزلىقتىن ئەندىشە قىلغان شەندۇڭ بىلەن خۇبېي ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت، كارخانىلارنىڭ خىزمەتچىلەرنى قىسقارتىشىنى قاتتىق كونترول قىلغان بولۇپ، چەتئەل مەتبۇئاتلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خۇ بېي ئۆلكىسى 40 تىن ئارتۇق ئىشچىنى خىزمەتتىن بوشۇتۇشتىن ئىلگىرى يۇقىرىغا دوكلات سۇنۇش، شەندۇڭ چىڭداۋ دائىرىلىرى بولسا ھۆكۈمەتنىڭ تەستىقىسىز 20 دىن ئارتۇق ئىشچىنى ۋە ياكى كارخانىنىڭ يۈزدە 10 ئىشچىسىنى قىسقارتىشقا يول قويۇلمايدىغانلىقىنى قارار قىلغان.

لېكىن، خىتاي ئاخبارات ۋاستىلىرى ئىشسىزلىق ھەممىدىن ئېغىر بولغان ئۇيغۇر ئېلىنىڭ، خىتاي ئۆلكىلىرىگە ئوخشاش ھۆكۈمەتنىڭ ياردەم ۋە رىغبەت بېرىشى ئاستىدا چارە - تەدبىرلەرنى ئىشقا سېلىپ، ئىشسىزلىق مەسىلىسىنى ھەل قىلىشى ھەققىدە ھېچقانداق بىر ئۇچۇر بەرمىگەن.