ئامېرىكا ئاۋازى رادىئو ئىستانسىسىنىڭ 2 - دېكابىردىكى خەۋىرىدە، شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدىن نەقىل ئېلىنىپ كۆرسىتىلىشىچە،" ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن، خېبىيدىكى كۆپلىگەن ئاخبارات ئورگانلىرى ۋەقە يۈز بەرگەن كانغا مۇخبىرلارنى ئەۋەتىپ ۋەقەنى خەۋەر قىلماقچى بولغىنىدا، ۋەقەنىڭ ھەقىقىي ماھىيىتىنى يوشۇرماقچى بولغان كان خوجايىنى مۇخبىرلارغا 2 مىليون 600 مىڭ يۈەن خەلق پۇلى پارا بېرىپ، ۋەقەنى خەۋەر قىلماسلىقنى تەلەپ قىلغان، شۇنىڭ بىلەن كان پارتلاش ۋەقەسى بىر يىلغىچە ئاشكارىلانمىغان."
خېبىيدىكى مۇخبىرلارنىڭ پارا ئېلىپ ۋەقەنىڭ ھەقىقىي ماھىيىتىنى يوشۇرۇپ، شۇنچە جىق ئادەم ئۆلۈش ۋەقەسىنى يوشۇرۇش قىلمىشى پاش بولغاندىن كېيىن، خىتايدىكى مۇخبىرلارنىڭ پارا ئېلىش قىلمىشىنىڭ ئەسلىدىنلا مەۋجۇد ئىكەنلىكى ھەققىدىكى خەۋەرلەر ئاشكارىلىنىشقا باشلىغان.
خىتاينىڭ "خىتاي ياشلىرى" گېزىتىنىڭ 30 - نويابىردىكى خەۋىرىدە بايان قىلىنىشىچە، "خىتايدا مۇخبىرلارنىڭ خەۋەر ئىشلەش جەريانىدا، شىركەت خوجايىنلىرىدىن پارا ئېلىش قىلمىشى ئىلگىرىكى يىللاردىن بۇيان يۈز بېرىپ كېلىۋاتقان بولۇپ، 2002 - يىلى سەنشى ئۆلكىسىدىكى "سەنشى ئالتۇن كانى"دا يۈز بەرگەن كان ۋەقەسىدە نۇرغۇنلىغان مۇخبىرلار كان خوجايىنىدىن پارا ئېلىپ ۋەقەنىڭ ھەقىقىي ماھىيىتىنى يوشۇرۇپ ياكى بۇرمىلاپ خەۋەر قىلغان؛ 2005 - يىلى خېنەن ئۆلكىسى رۇجۇ ئوبلاستىدا يۈز بەرگەن بىر قېتىملىق كان ۋەقەسىدىمۇ ۋەقەنى زىيارەت قىلىش ئۈچۈن بارغان 450 تەك مۇخبىرغا تەخمىنەن 200 مىڭ يۈەن خەلق پۇلى قىممىتىدىكى قىزىل بولاق تارقىتىلغان؛ 2008 - يىلى سەنشىنىڭ خوباو گەنخې كۆمۈر كېنىدىكى كان ۋەقەسىدىمۇ كان خوجايىنى مۇخبىرلارغا " ئېغىز ئېتىش پۇلى" بەرگەن.
خىتايدا مۇخبىرلارنىڭ پارا ئېلىش قىلمىشى كىشىلەرنىڭ غەزىپىنى قوزغىغان بولۇپ، خىتاي تور بەتلىرىدە خىتايدىكى مۇخبىرلارنىڭ كەسپى ئەخلاقى ھەققىدىكى بەس -مۇنازىرىلەر كۈچەيگەن. خىتاينىڭ "شىڭچۇ تور بېتى" دە 28 - نويابىر كۈنى ئېلان قىلىنغان بىر پارچە ماقالىدە " بۇ مۇخبىرلار پۈتكۈل مۇخبىرلارنىڭ يۈز - ئابرۇيىنى تۆكتى، ئۇلار مۇخبىرلىق سالاھىيىتىگە ھەم مۇخبىرلىق ئەخلاقىغا ھاقارەت كەلتۈردى" دەپ تەنقىد قىلىنسا، " شەرق تور بېكىتى" دە 3 - نويابىر كۈنى ئېلان قىلىنغان ماقالىدا، "نۆۋەتتە خىتايدا بارغانچە ئەۋج ئېلىۋاتقان پارىخورلۇق قىلمىشلىرى بۈگۈنكى كۈنلۈكتە مۇخبىرلار ئارىسىدىمۇ يامراشقا باشلىغان. بەزى مۇخبىرلاردا خەۋەر يېزىشنى پۇل تېپىشنىڭ ۋاسىتىسى قىلىۋېلىش خاھىشى ئېغىر بولماقتا،" دەپ كۆرسىتىلدى.
نۆۋەتتە، خېبىيدا يۈز بەرگەن كان ۋەقەسىدە مۇخبىرلارنىڭ پارا ئېلىش ۋەقەسىدە يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭمۇ ئېغىر مەسئۇلىيىتى بارلىقى ئاشكارىلىنىۋاتقان بولۇپ، "خىتاي گېزىتى"نىڭ 30 - نويابىردىكى ئىنگلىزچە خەۋىرىدە، كان خوجايىنى مۇخبىرلارغا 2 مىليون 600 مىڭ يۈەن خەلق پۇلى پارا بەرگەندىن سىرت، ناھىيىلىك ھۆكۈمەتمۇ ناھىيىلىك گېزىتكە ئېلان راسخوتى ئۈچۈن 250 مىڭ يۈەن خەلق پۇلى ھەم 30 مىڭ يۈەن گېزىتكە يېزىلىش ھەققى بەرگەنلىكىنى خەۋەر قىلغان، ئەمما " خىتاي خەۋەرلىرى" گېزىتىنىڭ خىتايچە نۇسخىسىدا بۇ خەۋەر بېرىلمىگەن.
گەرچە خىتايدا نۇرغۇن كىشىلەر خېبىيدىكى كان پارلاش ۋەقەسىدە پارا ئالغان مۇخبىرلارنىڭ ئىسمىنى جەمئىيەتكە ئاشكارىلاشنى تەلەپ قىلىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرى ئۇلارنىڭ ئىسمىنى تېخى جەمئىيەتكە ئاشكارىلىمىغان. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ قىلمىشىغا قارىتا، جېجياڭ ئۆلكىسى خاڭجۇ شەھىرىدىكى مۇستەقىل مۇخبىر چۇ ئەيزوڭ 2 - دېكابىر كۈنى ئامېرىكا ئاۋازى رادىئو ئىستانسىسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ،" ئەگەر بۇ مۇخبىرلارنىڭ ئىسمى ئاشكارىلىنىپ كېتىدىغان بولسا بەلكىم جەمئىيەتتە زور غۇلغۇلا قوزغىلىشى مۇمكىن، مۇخبىرلاردىكى " قىزىل بولاق ئېلىش" مەسىلىسى ھازىر خىتايدىكى ئومۇمى كەيپىياتقا ئايلىنىپ قېلىۋاتىدۇ. ئەگەر خىتاينىڭ ھۆكۈمەت ئورگان گېزىتلىرىدىن خەلق گېزىتى، شىنخۇا ئاگېنتلىقى، مەركىزى خەلق رادىئو ئىستانسىسى قاتارلىق ئورۇنلاردىكى مۇخبىرلارنىڭ "قىزىل بولاق ئېلىش" قىلمىشلىرى ئاشكارىلىنىپ كېتىدىغان بولسا، ئۇنداقتا بۇ ئورگانلارغا بولغان بېسىم تېخىمۇ ئېغىر بولىشى مۇمكىن" دېدى.
ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقى 30 - نويابىر كۈنى بۇ ۋەقە ھەققىدە ئوبزور ئېلان قىلىپ، " خىتايدا خەۋەرنى قامال قىلىش قىلمىشى ھازىر ئومۇميۈزلۈك ئەھۋالغا ئايلىنىپ قالدى. خىتايدا يۈز بەرگەن ۋەقەلەرنى ئاشكارىلىماسلىق قىلمىشى ئەمەلىيەتتە يۇقىرى دەرىجىلىك ئورگانلارنىڭ جازالىشىدىن قورقۇش ھەم دۆلەت ئىچىدىكى سەتچىلىكلەرنىڭ خەلقئاراغا ئاشكارىلىنىپ كېتىشىدىن قورققانلىق سەۋەبىدىن بولۇۋاتىدۇ. خېبىيدىكى يەرلىك دائىرىلەرنىڭ بۇ ۋەقەنى يوشۇرۇن تۇتۇشىمۇ، بۇ ۋەقە خىتايدىكى ئولىمپىك يىغىنىدىن 3 ھەپتە ئىلگىرى يۈز بەرگەن. ئەينى چاغدا خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىمۇ خىتاينىڭ ئەڭ ياخشى تەرەپلىرىنىلا گەۋدىلەندۈرۈشكە تىرىشىۋاتاتتى" دەپ كۆرسەتتى.
كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، خىتايدا ھۆكۈمەت ئورگانلىرىنىڭ ئاخبارات خەۋەرلىرىگە بولغان كونتروللۇقى ئەسلىدىنلا ناھايىتى چىڭ بولغاندىن سىرت خىتايدىكى مۇخبىرلارنىڭمۇ ئەخلاق ساپاسىدا ئېغىر مەسىلە مەۋجۇد بولۇپ، خىتايدا ئېلان قىلىنغان خەۋەرلەرنىڭ ئىشەنچلىك قىممىتى تۆۋەن بولغان شارائىتتا، مۇخبىرلارنىڭ پارا ئېلىپ خەۋەر يېزىش قىلمىشى خىتايدىكى مۇخبىرلارنىڭ كەسپى ۋە ئىجتىمائىي ئەخلاق ساپاسىنىڭ خەلقئارا مۇخبىرلار ئەخلاقى ئۆلچىمىدىن يەنىلا ناھايىتى تۆۋەندە تۇرىدىغانلىقىنى كۆرسەتمەكتە ئىكەن.