خىتايدىكى بىر نېفىت تۇرۇبا يولىنىڭ پارتلىشى خىتاينى ئەندىشىگە سالماقتا

2010 - يىلى 7 - يانۋار كۈنى خىتاينىڭ لەنجۇ شەھىرىدىكى نېفىت - خىمىيە شىركىتى 303 - زاۋۇتىنىڭ 316 - نومۇرلۇق نېفىت گازى يەتكۆزۆش لىنىيىسىدە زور كۆلەملىك پارتلاش ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن كېيىن، خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتى ھەم گەنسۇ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت، بۇ قېتىملىق پارتلاش ۋەقەسىنىڭ سەۋەبىنى ئېنىقلاش ھەم بۇ رايوندا يۈز بېرىش ئېھتىمالى بولغان نارازىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن جىددىي تەدبىر قوللىنىشقا كىرىشكەن.

0:00 / 0:00

بۇ ۋەقە تۈنۈگۈن چۈشتىن كېيىن سائەت 5 يېرىمدا يۈز بەرگەن بولۇپ، ئەينى چاغدا بۇ ۋەقە ئەڭ دەسلەپ تېلېفون ئۇچۇرى شەكلىدە تارقالغان بولۇپ، خىتاينىڭ شىنخۇا تور بېتىنىڭ خەۋىرىدىن ئاشكارىلىنىشىچە، بۇ ۋەقە تەخمىنەن 1 مىليون ئەتراپىدىكى قول تېلېفون ئۇچۇرلىرى ئارقىلىق لەنجۇ شەھەر ئاھالىسىگە يەتكۈزۈلگەن.

ۋەقە ھەققىدىكى دەسلەپكى ئۇچۇرلاردا يەنە، "

خىتاينىڭ غەربىي شىمال گاز يەتكۈزۈش تۇرۇبىسىنىڭ لەنجۇدىن ئۆتىدىغان 316 - تۇرۇبا بۆلىكىدە 2 قېتىم قاتتىق پارتلاش يۈز بەردىOpens in new window ]

" دېگەن خەۋەرلەرمۇ بېرىلگەن.

بۈگۈن ئەتىگەندىن باشلاپ، خىتاينىڭ ھۆكۈمەت خەۋەر مەنبەلىرى ۋەقەنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە ئومۇميۈزلۈك خەۋەر بېرىشكە باشلىغان . خەلق تورىنىڭ خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، 7 - يانۋار كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت 5:30 ئۆتكەندە لەنجۇ نېفىت - خىمىيە شىركىتى 303 - زاۋۇت قارمىقىدىكى 316 - نېفىت گازى يەتكۈزۈش تۇرۇبا لىنىيىسىدە ئارقا - ئارقىدىن 3 قېتىم قاتتىق پارتلاش يۈز بەرگەن بولۇپ، مۇخبىر ۋەقە يۈز بەرگەن جاينىڭ ئوت دېڭىزىغا ئايلانغانلىقىنى كۆرگەن. ۋەقە يۈز بەرگەن ئورۇن لەنجۇ شەھەر مەركىزىگە 30 كىلومېتىر كېلىدىكەن، تۇرۇبا لىنىيىسىدىن 500 مېتىر ئارىلىقتا ئاھالىلەر ئولتۇراق رايونى بار ئىكەن، شۇ ئەتراپتىكى ئاھالىلەرنىڭ ئىنكاس قىلىشىچە، پارتلاش يۈز بەرگىنىدە 17 كىلومېتىر نېرىدىكى پۇقرالار قاتتىق سىلكىنىشنى ھېس قىلغان. ھازىرغىچە ۋەقەدە 6 ئادەم ئۆلگەن بولۇپ، 15 ئادەم يارىلانغان. ۋەقەدە قۇتقۇزۇش خىزمىتى ئۈچۈن، لەنجۇ ئوت ئۆچۈرۈش ئىدارىسىدىن 37 ئوت ئۆچۈرۈش ئاپتوموبىلى، 284 نەپەر ئوت ئۆچۈرۈش خادىمى ۋە داۋالاش ساھەسىدىكى قۇتقۇزۇش خادىملىرى سەپەرۋەر قىلىنغان.

خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، لەنجۇ نېفىت - خىمىيە زاۋۇتى خۇاڭخې دەرياسى ئېقىنى بويىغا قۇرۇلغان بولۇپ،پارتلاش ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن كېيىن، پۇقرالارنىڭ ۋەقەگە نىسبەتەن تۇنجى ئىنكاسى سۇنىڭ بۇلغىنىشىدىن ئەنسىرەش بولغان، بوشۈن تور بېتىنىڭ بۇ ھەقتە بېرىلگەن خەۋىرىدە، كىشىلەرنىڭ بىر ‏ - بىرىگە قىسقا ئۇچۇر ئارقىلىق يەتكۈزگەن خەۋىرىدە، " نېفىت تۇرۇبا يولىدا پارتلاش يۈز بېرىپتۇ، ئاۋۋال ئىچىملىك سۇ تەييارلىۋېلىڭلار" دېگەندىن ئىبارەت بولغان.

شىنخۇا ئاگېنتلىقىنى مۇخبىرى نەق مەيداندىن بەرگەن خەۋىرىدە، ۋەقە يۈز بەرگەن مەيداندىكى ئەھۋال ھەققىدە مەلۇمات بېرىپ مۇنداق دېگەن: "ۋەقە بەك ئېغىر بولغاچقا مۇناسىۋەتلىك دائىرىلەر بىزنىڭ ۋەقە يۈز بەرگەن جاينىڭ ئۆزىگە كىرىشىمىزگە رۇخسەت قىلمىدى. ئەمما كۆرۈپ تۇرۇپسىلەر، تۈنۈگۈن چۈشتىن كېيىن سائەت 5 يېرىمدىن باشلانغان ئوت يالقۇنى گەرچە 37 دانە ئوت ئۆچۈرۈش ئاپتوموبىلنىڭ بىرلا ۋاقىتتا 400 مىڭ كۇبمېتىرلىق سۇ كۆلچىكىدىن ئوت مەيدانىغا 17 سائەتتىن بۇيان سۇ چېچىۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن ھازىرغىچە ئوتنى ئۆچۈرۈپ بولالمىدى، ئۇلارنىڭ دېيىشىچە، ئوتنى پۈتۈنلەي ئۆچۈرۈپ بولۇشقا يەنە 24 سائەت كېتىشى مۇمكىن ئىكەن. ھازىر زاۋۇتتىن كۆتۈرۈلگەن ئىس - تۈتەك شەھەر مەركىزىگە قاراپ تارقىلىۋاتىدۇ، بىزنىڭ زىيارەت قىلىدىغان ئاپتوموبىلىمىزنىڭ ئۈستىنىمۇ قېلىن بىر قەۋەت كۈل توزىڭى قاپلىدى، شۇ تاپتا ئىس - تۈتەك دەستىدىن نەپەس ئېلىشىم قىيىنلىشىپ، گېلىم ئاغرىۋاتىدۇ."

ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ۋەقەگە قاراتقان تۇنجى ئىنكاسى قۇتقۇزۇش خىزمىتى ئېلىپ بېرىش بىلەن بىللە، بۇ رايوندا پۇقرالار ئارىسىدا مۇھىت بۇلغىنىشتىن ئەنسىرەش سەۋەبىدىن يۈز بېرىش ئېھتىمالى بولغان قالايمىقانچىلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش بولغان. مەركىزى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ نەق مەيداندىن بەرگەن خەۋىرىدە، لەنجۇ نېفىت - خىمىيە شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى لى جىمىڭ پۇقرالارنىڭ كۆڭلىنى تىندۇرۇش ئۈچۈن مۇخبىرغا مۇنداق دېگەن: "بىز نەق مەيداندىن ئەۋرىشكە ئېلىپ تەكشۈرۈش ئارقىلىق بۇ يەردىن تېخى پۇقرالارنىڭ سالامەتلىكىگە زىيان يېتىدىغان زەھەرلىك ماددىلارنى بايقىمىدۇق. ئەمما ۋەقە يۈز بەرگەن 800 كۋادرات مېتىرلىق دائىرە ئىچىدە بۇ رايوندىكى چاڭ ‏ - توزانلار ئىلگىرىكى نورمال مەزگىللەردىكىدىن 8 ھەسسە ئېشىپ كەتكەن، زاۋۇتنىڭ يېنىدا پاسكىنا سۇلارنى بىر تەرەپ قىلىدىغان مەخسۇس كۆلچەك بولغىنى ئۈچۈن بۇ ھادىسە سەۋەبىدىن خۇاڭخې دەرياسى تەمىنلەيدىغان ئىچىملىك سۇ مەنبەسى بۇلغانمايدۇ."

ئەمما چەتئەللەردىكى خەۋەر ئاگېنتلىقلىرىنىڭ بۇ ۋەقە سەۋەبىدىن پەقەت لەنجۇ شەھىرىنىڭلا ئەمەس، بەلكى خىتاينىڭ پۈتۈن غەربىي شىمال رايونىدىكى بىر نەچچە ئۆلكىنىڭ ھاۋاسىدا ھەم ئىچىملىك سۈيىدە خۇاڭخې دەرياسىنى مەنبە قىلىدىغان ئۆلكە - شەھەرلەرنىڭ ئىچىملىك سۇ مەنبەسىدە ئېغىر بۇلغىنىش بولۇشى مۇمكىن ئىكەن. بۈگۈن تەيۋەننىڭ ھەم ئامېرىكىدىكى سۇمرۇغ تېلىۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ خەۋەرلىرىدە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ۋەقەدىن كېيىن ئاممىنى تارقىتىش ئىشىغا سەل قاراپ، پۇقرالارنىڭ نارازىلىقىدىن كېلىپ چىقىدىغان قالايمىقانچىلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن يالغان تەشۋىقات ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقى تەنقىدلەنگەن.

كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، خىتايدا ئاپەت خاراكتېرلىك ئېغىر ۋەقەلەر يۈز بەرگىنىدە، ۋەقەنى يوشۇرۇپ مەلۇم قىلماسلىق ياكى كېلىپ چىققان زىياننى كىچىكلىتىپ خەۋەر قىلىش خاھىشى ئېغىر بولۇپ، 2008 - يىللىدىكى سىچۈەندىكى يەر تەۋرەش، سەنشىدىكى كۆمۈر كان پارتلاپ ئادەم ئۆلۈش ۋەقەسى، ھەتتا بۇ يىل يېڭى يىل كىرىپ 4 - يانۋار كۈنى خېبىي ئۆلكىسىنىڭ ۋۇئەن شەھىرىدە يۈز بەرگەن پولات - تۆمۈر شىركىتىنىڭ كۆمۈر گازى تۇرۇبىسى پارتلاپ 2 - تارماق زاۋۇتتىكى 16 نەپەر ئىشچىنىڭ كۆمۈر گازىدىن زەھەرلىنىپ 7 ئادەمنىڭ ئۆلۈش ۋەقەسىنىمۇ زاۋۇت دائىرىلىرى 20 سائەت كېچىكىپ خەۋەر قىلغىنى ھەم ۋەقەنىڭ سەۋەبىنى يوشۇرغانلىقى ئۈچۈن تۈنۈگۈن 7 - يانۋار كۈنى خېبىي ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت مۇناسىۋەتلىك كىشىلەرنى قولغا ئالغانلىقىنى ئۇقتۇرغان ئىدى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.