خىتاينىڭ ئاخبارات - نەشرىيات ئەركىنلىكى مەسىلىسى

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆز ئوبرازىنى ياخشىلاش ئۈچۈن يولغا قويۇۋاتقان تۈزۈم ۋە بەلگىلىمىلەر سانىنىڭ كۆپىيىۋاتقانلىقى كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى جەلىپ قىلماقتا. خىتاي ھۆكۈمەتنىڭ دۆلەت ئاخبارات ئىدارىسى تەرىپىدىن 6 - ئاپرىل كۈنى ئېلان قىلىنغان "ئاخبارات، نەشرىيات قۇرۇلمىسى ئىسلاھاتىنى يەنىمۇ بىر قەدەم ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ يېتەكچى ئىدىيىسى توغرىسىدا پىكىر" ناملىق ھۆججىتى، خىتاي ۋە دۇنيادا ھەرخىل ئىنكاسلارنى پەيدا قىلدى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﻛﺮﻩﻡ
2009.04.14

بۇ ھۆججەتتىن بەزىلەر خىتايدا ئاخبارات، نەشرىيات ئەركىنلىكى ئەمەلگە ئېشىپ قالارمۇ دەپ ئۈمىدلەنسە، يەنە بەزىلەر بۇنى بىر كۆز بويامچىلىقتىن ئىبارەت، دەپ مەزكۇر "ئاخبارات، نەشرىيات قۇرۇلمىسى ئىسلاھاتىنى يەنىمۇ بىر قەدەم ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ يېتەكچى ئىدىيىسى توغرىسىدا پىكىر" ناملىق ھۆججەتكە قارىتا، د ئۇ ق باش كاتىپى دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنى ئۆز پىكرىنى بايان قىلدى.

"ئىنتايىن ئەخمىقانە ۋە ساختا"

گېرمانىيە دولقۇنلىرى رادىئوسىنىڭ 7 - ئاپرىلدىكى بىر خەۋىرى مەزكۇر تېمىغا مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، "خىتاينىڭ ئاخبارات، نەشرىيات قۇرۇلمىسى ئىسلاھاتى ئەمەلىيەت ئەمەس" ناملىق بۇ خەۋەردە، خىتاي ھۆكۈمەتنىڭ بۇ مەسىلىدە سەمىمىي ئەمەسلىكى تەنقىدلەنگەن.

خىتاي دۆلەت ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ ھۆججىتىدە، ئالدىمىزدىكى بەش يىلدا ئاخبارات، نەشرىيات ئىشلىرىنىڭ ھۆكۈمەتسىزلىشىش، خۇسۇسىيلىشىشىغا رۇخسەت قىلىدىغانلىقى ھەم ئۇنى ھۆكۈمەتنىڭ ماددىي جەھەتتىن قوللايدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن بولۇپ، گېرمانىيە دولقۇنلىرى رادىئوسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان خىتاي زىيالىيسى لىداتوڭ ئەپەندى: "بۇ خىل قۇرۇلما ئىنتايىن ئەخمىقانە ۋە ساختا" دېگەن باھانى بەرگەن.

لىداتوڭ: بۇ -- كۆز بويامچىلىقتىن باشقا نەرسە ئەمەس

لىداتوڭنىڭ ئېيتىشىچە، ئاخبارات، نەشرىيات ئەركىنلىكى خىتاينىڭ ئاساسى قانۇنىدا بار. ئۇنىڭ ئۈچۈن توختىماي يېڭى بەلگىلىمىلەرنى ئېلان قىلىشنىڭ ھاجىتى يوق. خىتاي قانۇن بويىچە ئىش كۆرسە، يەنى ئاساسى قانۇندىكى پرىنسىپلارنى ھەقىقى ئىجرا قىلسىلا، بۇ مەسىلە ھەل بولىدۇ. ئەمەلىيەتتە، ئىجرا قىلىنمىدى ۋە چەكلىمىلەر داۋام قىلىۋاتىدۇ. چىرايلىق بەلگىلىمىلەرنى توختىماي ئېلان قىلىش، كۆز بويامچىلىقتىن باشقا نەرسە ئەمەس.

خىتاي دۆلەت ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ ھۆججىتىدە يەنە، شىنخۇا ئاگېنتلىقى، خەلق گېزىتى، مەركىزى ت ۋ قانىلى قاتارلىقلار ھەققىدە توختىلىپ" بۇ ئاساسىي تەشۋىقات قوراللىرىنىڭ ئەڭ مۇھىم ۋەزىپىسى پارتىيە ۋە خەلقنىڭ تىلى بولۇشتىن ئىبارەت"دېيىلگەن بولۇپ، لىداتوڭ بۇنىڭغا قارىتا نارازىلىق بىلدۈرۈپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بىر تەرەپتىن ئەركىن ئاخباراتنىڭ گېپىنى قىلىپ، يەنە بىر تەرەپتىن ئۇنى چۈشەيدىغان پرىنسىپنى ئالدىن بەلگىلەپ قويغانلىقىنى تىلغا ئالغان.

جۇڭگودا تېخى ھەقىقى ماھىيەتلىك ئاخبارات ئىسلاھاتى يولغا قويۇلمىدى

لىداتوڭ مۇنداق دېگەن: تۈزۈلمە قانداقلا ئۆزگەرمىسۇن، جۇڭگو خۇسۇسىيلار ئىگىدارچىلىقىدىكى ئاخبارات ئورگىنىنىڭ بارلىققا كېلىشىگە رۇخسەت قىلمايدۇ. بۇنداق بىر ئورگان، ئاخبارات ئەركىنلىكى جۇڭگودا ھەقىقى ئەمەلگە ئاشقاندا ئاندىن ۋۇجۇدقا چىقىدۇ.

لىداتوڭ مۇخبىرلارغا يەنە مۇنداق دېگەن، "ئاخبارات، نەشرىيات قۇرۇلمىسى ئىسلاھاتىنى يەنىمۇ بىر قەدەم ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ يېتەكچى ئىدىيىسى توغرىسىدا پىكىر" ناملىق بۇ ھۆججەت، بۇرۇنقىدەكلا قۇرۇق شۇئاردىن ئىبارەت. جۇڭگو بۇ ئىسلاھاتنىڭ گېپىنى قىلىشتىن ئىلگىرى، ئىدېئولوگىيىنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. جۇڭگودا تېخى ھەقىقى ماھىيەتلىك ئاخبارات ئىسلاھاتى يولغا قويۇلمىدى.

ئاخبارات ئەركىنلىكى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن بىر چۈش

لىداتوڭ، ھۆكۈمەتنىڭ گېزىت - ژۇرناللىرىدىن خەلقنىڭ بىزار بولغانلىقىنى ئىپادىلەپ مۇنداق دېگەن: ئەگەر ھۆكۈمەت خەلقنىڭ گېزىت - ژۇرناللارغا ئەركىن مۇشتىرى بولۇشىغا ئىجازەت بەرسە، خەلق گېزىتى، نۇرلۇق گېزىت دېگەنلەرنى كىم ئوقۇيدۇ؟ ئەمەلىيەتتە، بۇلارغا ئىشچى - خىزمەتچىلەر مەجبۇرى مۇشتىرى قىلىنماقتا. مۇشتىرى بولۇشنى خالىماسلىق مۇمكىن ئەمەس. سەن مۇشتىرى بولامسەن-بولمامسەن، مەركەز بەرىبىر سەن ئىشلەۋاتقان ئورگاندىن مۇشتىرىلىق پۇلىنى ئېلىۋېرىدۇ. تۆلىمىسەڭ، جەرىمانىسى بىلەن سۇغۇرۇۋالىدۇ. مانا بۇ جۇڭگودىكى ئاخبارات، نەشرىيات ئىسلاھاتى.

ئۇيغۇر زىيالىيلىرى بولسا، ئۇيغۇرلارغا نىسبەتەن ئاخبارات، نەشرىيات ئەركىنلىكى دېگەن سۆزنىڭ بىر چۈش ئىكەنلىكىنى تەكىتلەشمەكتە.



پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.