خىتاي شەھەرلىرى شىددەتلىك نوپۇس ھۇجۇمىغا ئۇچرىماقتا

خىتاي نوپۇسىنىڭ شەھەرلىشىش سۈرئىتى كۈنسايىن ئېشىپ بارماقتا، ئەگەر خىتايدىكى يېزا نوپۇسىنىڭ شەھەرلەرگە قاراپ ئېقىشى مۇشۇ سۈرئەتتە داۋاملاشسا، كېلەر يىلىدا خىتاي شەھەر نوپۇسى يېزا نوپۇسىدىن ئېشىپ كېتىشتەك تارىخنى يارىتىدۇ.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﮔﯜﻟﭽﯧﻬﺮﻩ
2009.08.12

بۇ، ئاددىي بىر سان ئۆزگىرىشىنى كۆرسىتىپ قالماستىن، خىتايدەك غايەت زور نوپۇسقا ئىگە دۆلەتكە نىسبەتەن نوپۇسنىڭ يۇقىرى نىسبەتتە تېز سۈرئەتتە شەھەرلىشىشى نۇرغۇن ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي ۋە مۇھىت مەسىلىلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان بولۇپ، خىتاي بۇنىڭدىن كېلىدىغان رىقابەت ھەم ئاپەتلەرگە تەييارمۇ ؟

خىتاينىڭ شەھەرلىرى ئادەم قاينىمىدا

يېقىندا خىتاي ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسى خىتايدىكى شەھەر تەرەققىيات مەسىلىلىرى ھەققىدە كۆكتاشلىق كىتاب ئېلان قىلدى، مەزكۇر كۆك تاشلىق كىتابنىڭ شەھەر نوپۇسىغا دائىر تەتقىقات نەتىجىلىرىدىن ئاشكارىلىنىشىچە، 2008 - يىلىدىكى نوپۇس ستاتىستىكىسىدا خىتايدىكى شەھەر نوپۇسى 607 مىليونغا يەتكەنلىكى مەلۇم بولغان يەنى بۇ، خىتاي نوپۇسىنىڭ شەھەرلىشىش نىسبىتىنىڭ 45.7% كە يەتكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. ئەمما نوپۇسنىڭ شەھەرلىشىش سۈرئىتى كۈنسايىن ئۆرلەپ كېلىۋاتقان بولۇپ، كېلەر يىلى خىتايدا شەھەر بىلەن يېزا نوپۇسىنىڭ نىسبەت سېلىشتۇرمىسىدا، شەھەر نوپۇسى تۇنجى نۆۋەت يېزا نوپۇسىدىن ئېشىپ كېتىدىكەن.

نۆۋەتتە نوپۇسنىڭ شەھەرلىشىشىنىڭ شىددەت بىلەن ئۆرلىشىدىن كېلىپ چىقىۋاتقان ھەم كېلىپ چىققۇسى مەسىلىلەر خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئەندىشىگە سېلىۋاتقان، كۆپ تەرەپلىمىلىككە ئىگە مۇرەككەپ بىر مەسىلە بولماقتا ئىكەن.

خىتاي مۇتەخەسسىسلىرى ئەندىشىدە

خىتايدىكى نوپۇسشۇناس، ۋاڭ تۇڭلىڭ ئۇزۇن يىللىق تەتقىقاتلىرىغا ئاساسەن، خىتاينىڭ 5 ‏ - نۆۋەتلىك ئىنسانلارنىڭ ئولتۇراقلىشىش مۇھىتى تەتقىقات يىغىنىدا ئوتتۇرىغا قويۇشىچە، 2020 - يىلىغا بارغاندا خىتاينىڭ شەھەر نوپۇسى، پۈتۈن نوپۇسنىڭ 60 % ىنى، 2030 - يىلىغا بارغاندا 70% ىنى ئىگىلەيدىكەن. نوپۇستىكى بۇ خىل شەھەر ۋە يېزا نوپۇسىدىكى نىسبەت پەرقىنىڭ چوڭىيىشى ئۆز نۆۋىتىدە خىتايغا ئىجتىمائىي، قانۇنىي، مۇھىت قاتارلىق تەرەپلەردىن قاتمۇ - قات قىيىنچىلىق ھەم توسالغۇلارنى تۇغدۇرۇپلا قالماي، خىتاينىڭ بىخەتەرلىكىگىمۇ تەھدىت تۇغدۇرۇشى مۇمكىن ئىكەن.

ۋاڭ تۇڭلىڭنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇشىچە، خىتايدا 1996 - يىلىدىن بۇيان شەھەرلەرنىڭ سان جەھەتتە تەرەققىياتى ئاساسەن توختاپ قالغان، ئەمما خىتايدا يۈرگۈزىلىۋاتقان يېزا ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ شەھەرلەرگە قاراپ ئېقىشىنى رىغبەتلەندۈرۈپ، يېزا نوپۇسىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشقا دائىر سىياسەت تەدبىرلىرىنىڭ تۈرتكىسى بىلەن، چەكلىك بولغان شەھەر دائىرىسىگە يېزا نوپۇسى شىددەت بىلەن ئاقماقتا. بۇ بىر تەرەپتىن يېزا ئەتراپىدىكى شەھەر، ناھىيە، بازارلىرىنى ئاۋاتلاشتۇرۇپلا قالماي، بالايى ئاپەتلەرنىڭ سىگنالىنى بەرمەكتە، ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى تېخى بۇ مەسىلىلەرگە تاقابىل تۇرۇشقا تەييار ئەمەس.

نۆۋەتتە خىتايدا شەھەرلەرنىڭ سانى 655، بۇنىڭ ئىچىدە 118 شەھەر نوپۇسى مىليوندىن ئاشىدىغان چوڭ شەھەر، 39 ى دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ شەھەرلەر ھېسابلىنىدۇ.

شەھەرلەر يۈزلىنىۋاتقان نوپۇس ئاپىتى

خىتاي نوپۇس ئۇچۇر تور بېتىدىكى مۇناسىۋەتلىك خەۋەردە نەقىل ئېلىنغان،خىتاي قۇرۇلۇش مىنىستىرلىقى مۇئاۋىن مىنىستىرى ليۇ جىفېڭنىڭ نۆۋەتتە خىتاي ئۇچراۋاتقان نوپۇس مەسىلىسىگە نىسبەتەن قىلغان ئەندىشىلىك بايانلىرىدىن قارىغاندا "خىتايدا شەھەر نوپۇسى نىسبىتىنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ مانا بۇ شەھەرلەردە ھازىر، تۇرالغۇ يېتىشمەسلىك، قاتناش قوراللىرى يېتىشمەسلىك، سۇ ۋە ئېنېرگىيە يېتىشمەسلىك، ئىشسىزلىق، ساۋاتسىزلىق، مۇھىت بۇلغىنىش، ساغلىق سۇغۇرتىسى ۋە پاراۋانلىقتىن بەھرىمان بولالماسلىق،، ئىجتىمائىي ۋە سىياسىي تۇراقسىزلىق، تۈرلۈك توقۇنۇشلار جىددىيلەشمەكتە، يەنە بىر تەرەپتىن بولسا كۆپلەپ يېزا نوپۇسىنىڭ تۇپرىقىدىن ئايرىلىشى بىلەن دېھقانلار ئىجتىمائىي كاپالەت جەھەتتە ئېغىر مەسىلىگە دۇچار بولىدۇ. كىچىك يېزا - كەنتلەرنىڭ شەھەرلەشتۈرۈلۈشى بىلەن مۇھىت بۇلغىنىش مەسىلىسى بارغانچە كېڭىيىدۇ ھەمدە ئەسلىدىكى جەمئىيەت تەڭپۇڭلىقى بۇزۇلۇپ قوساق تويغۇزۇش مەسىلىسىمۇ رىقابەتكە ئۇچرايدۇ."

ليۇ جىفېڭنىڭ شەھەر يېزا نوپۇسىدىكى نىسبەت ئۆزگىرىشىدىن كېلىپ چىقىۋاتقان مەسىلىنى ھەل قىلىش توغرىسىدا بەرگەن پىكرىدە " ھۆكۈمەت نۆۋەتتە يولغا قويۇۋاتقان شەھەر نوپۇسىنى سىرتلارغا يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش سىياسىتىگە ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈپ، يېزا ‏ - كەنتلەردىكى دېھقانلارنى ئۆز جايىدا كىرىم مەنبەسىگە ئىگە قىلىش، بۇنىڭ ئۈچۈن ناھىيە، يېزا، بازارلار تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش تەدبىرلىرىنى قوللىنىپ، يېزا نوپۇسىنىڭ شەھەرلىشىش سۈرئىتىنى تىزگىنلەشتە جىددىي تەدبىر ئېلىشى زۆرۈر" دەپ كۆرسەتكەن.

خىتاي ستاتىستىكا تورىدىن ئاشكارىلىنىشىچە، 1949 - يىلى خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىكى نوپۇس ستاتىستىكىسىدا شەھەر نوپۇسى2%.11 نى ئىگىلىگەن. خىتاي ئىسلاھات ئېچىۋېتىش سىياسىتىنى قوللانغان 1980 ‏- يىللاردا بۇ نىسبەت 20% كە يەتكەن، ھازىر بولسا 50% كە يېقىنلاشتى. 2010 - يىلى بولسا شەھەر نوپۇسى پۈتۈن خىتاي نوپۇسىنىڭ 50% تىن ئېشىپ كېتىدۇ. نۆۋەتتە خىتايدا شەھەر نوپۇسى 90% تىن ئاشىدىغان شەھەرلەردىنلا بەش ‏ - ئالتىسى بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە شېنجېن بولسا 100% شەھەر نوپۇسىغا ئىگە شەھەر.

چەتئەل مۇتەخەسسىسلىرى خىتاينى ئاگاھلاندۇرماقتا

ئامېرىكا ئوكلان ئۇنىۋېرستېتى خىتاي مەسىلىلىرى مۇتەخەسسىسى لورېنسى،خىتاي يولۇقۇۋاتقان ئەڭ ئېغىر نوپۇس مەسىلىسى ھەققىدە خىتاي نوپۇس تور بېتىدە ئېلان قىلغان ماقالىسىدە " ئەگەردە خىتاي مۇشۇ 10 يىلدىن 20 يىلغىچە بولغان ئارىلىقتا يېزا نوپۇسىنىڭ كۆپلەپ شەھەرگە قاراپ ئېقىشىنى كونترول قىلىشتا ئۈنۈملۈك بىر تەدبىر ئالمايدىكەن، بارلىق مەۋجۇت مەسىلىلەر بارغانچە ئېغىرلايدۇ، بولۇپمۇ ئىشسىزلار نوپۇسىنىڭ شەھەرلەرگە قاراپ يىغىلىشى، خۇددى ئېغىر قاتناش توسالغۇسىدەك، بىر تەرەپ قىلىش ئاسان بولمىغان مۇقىمسىزلىق مەسىلىسىنى مەيدانغا كەلتۈرىدۇ" دەپ خىتاينى ئاگاھلاندۇرغان.

چەتئەل جەمىئەتشۇناسلىرىنىڭ قارىشىچە، خىتاينىڭ كېيىنكى 20 يىل ئىچىدە كېڭەيتىدىغان شەھەر كۆلىمى پۈتكۈل ياۋرۇپا ئىتتىپاقىنىڭ ھەجىمىگە باراۋەر كېلىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئىنسانلارنىڭ قەدىمى يەتكەن ياشاش مۇھىتى، تەبىئىي مۇھىت تارىيىدۇ، ئېنېرگىيە سەرپىياتى، سۇ سەرپىياتى ئاشىدۇ، يۇقىرى مۇھىت بۇلغىنىشتىن ساقلىنالمايدۇ، ئەخلەت، كېرەكسىز سۇلارنى بىر تەرەپ قىلىش قىيىنچىلىقى تۇغۇلىدۇ، شەھەر نوپۇسىنىڭ تۇرمۇش، ئوقۇش، ئارام ئېلىش، خىزمەت قىلىش مۇھىتىنىڭ تارىيىشىغا ئەگىشىپ، قاتناش - ترانسپورت بېسىمى ئاشىدۇ، ئىنسانلاردا رىقابەت بېسىمى ئاشىدۇ ۋە يەنە بۇنىڭغا ئەگىشىپ كېلىدىغان بىر قاتار مەسىلىلەر خىتاينىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتىنى تەبىئىي ھالدا تىزگىنلەيدۇ.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.