نېمە ئۈچۈن خىتايدا ئولىمپىك ئۆتكۈزۈش شۇ قەدەر غەلىتە؟

‏ - ‏-‏ - ئولىمپىك مۇسابىقىسى دۇنيا مىقياسىدا ھەر تۆت يىلدا بىر قېتىم، يا بۇ شەھەردە يا ئۇ شەھەردە ئۆتكۈزىلىدۇ، - - - دەپ ئوبزورىنى باشلايدۇ خىتاينىڭ 1980‏ - يىللاردىكى باش مىنىستىرى جاۋ زىياڭنىڭ كاتىبى باۋتوڭ ئەپەندى،‏‏ ‏- ‏-‏ - ئولىمپىكنى دۇنيادىكى قايسى بىر دۆلەت ئۆتكۈزسە، شۇ دۆلەتنىڭ دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ قىياپىتى ئادەتتە ناھايىتى نورمال بولۇپ كەلمەكتە. ئەمما خىتايدا ئولىمپىك ئۆتكۈزۈش بەكلا قېيىن، بەكلا غەلىتە بولۇۋاتىدۇ. بۇ نېمە ئۈچۈن؟

0:00 / 0:00

خىتايغا بېيجىڭدا ئولىمپىك ئۆتكۈزۈش پۇرسىتى خەلققە چوڭ قىرغىنچىلىق قىلغاندىن كېيىن كەلدى

باۋتوڭ ئەپەندىنىڭ بۈگۈن 'يېڭى ئەسر ژۇرنىلى'دا بېسىلغان 'ئولىمپىك ۋە خىتاينىڭ ماھىيىتى' ناملىق ئوبزورىدا تەھلىل قىلىنىشىچە، خىتايغا بېيجىڭ شەھىرىدە ئولىمپىك ئۆتكۈزىدىغان بۇ پۇرسەت، خىتاي رەھبەرلىرى مۇشۇ شەھەردە چوڭ قىرغىنچىلىق يۈرگۈزگەندىن كېيىن كەلدى شۇنداقلا، شۇ قىرغىنچىلىقتىن بۇيان خەلقئارا جەمئىيەت بېيجىڭدا خەلققە قىرغىنچىلىق يۈرگۈزگەن شۇ بىر نەچچە قاتىلنى توختىماي ئەيىبلەپ كېلىۋاتقان مۇشۇنداق بىر ۋاقىتتا كەلدى.

قاتىللار بۇ ئولىمپىكتا خەلقنى باستۇرۇش ئارقىلىق باش كۆتۈرگەنلىكىنى كۆز - كۆز قىلماقچى

باۋتوڭ ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، خەلق بۇ پۇرسەتنى پۈتۈن دۇنيا خەلقى بىلەن دوستلۇق ئورنىتىدىغان پۇرسەت دەپ قارايدۇ. ئەمما خىتايدا ئەينى يىللاردا خەلقنى باستۇرغان قاتىللارنىڭ ۋارىسلىرى ھازىر بۇ پۇرسەتنى، ئۆزلىرى بۇرۇن قىرغان، باستۇرغان خەلق ئالدىدا، ئۆزىنى يەنە بىر قېتىم كۆرسىتىپ قويىدىغان پۇرسەت دەپ قاراۋاتىدۇ.

بۇ قاتىللار ئولىمپىك ئۆتكۈزۈشتىن ئىبارەت مۇشۇ پۇرسەتتە، خەلقنى باستۇرۇش ئارقىلىق ئۆزلىرى باش كۆتۈرۈپ چىقىپ پەيدا قىلغان 'مۇقىملىق' ۋە 'ئىناقلىق' نى كۆز - كۆز قىلماقچى. بۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلار خەلقنىڭ پۇلىنى، بايلىقىنى ئايىماي سەرپ قىلىۋاتىدۇ. ئۇلار بۇ ئولىمپىكتا، خەلقنى باستۇرۇش ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ باش كۆتۈرۈپ چىققانلىقىنى، خەلقنى باستۇرۇش ئارقىلىق 'مۇقىملىق' پەيدا قىلغانلىقىنى، مانا بۇ ئەڭ ياخشى تۈزۈم، ئەڭ ياخشى جەمئىيەت، دەپ كۆرسەتمەكچى.

دېڭ شاۋپىڭنىڭ پىلىموت ۋە تانكىلىرى خەلقنى يانجىپ، قانغا مىلەپ ئۆتكەن جاينى كۆرۈڭلار

خىتايدا ھازىر نېمە بار؟ ھەممە ئادەم كۆرۈڭلار، چەتئەللىكلەرمۇ كېلىپ كۆرۈڭلار : خىتايدا چىن سىخۇاڭ دېگەن تۇنجى پادىشا ئۈچۈن دەپنە قىلىنغان ساپال ئات ياكى ساپال ئەسكەرلەرلا بار ئەمەس، بېيجىڭدىكى چەكلەنگەن قىزىل قورونىڭ تيەنمېن راۋىقى بار. ئۇ ماۋزېدۇڭ ئۆزىنىڭ 'قىزىل قوغدىغۇچى' لىرىغا قولىنى پۇلاڭلىتىپ، ئۇلارنى بۇلاڭچىلىق قىلىشقا چاقىرغان جاي.

دېڭ شاۋپىڭنىڭ پىلىموت ۋە تانكىلىرى خەلقنى يانجىپ، قانغا مىلەپ ئۆتكەن جاي. پۈتۈن دۇنيادا سوتسىيالىزم يىمىرىلگەندىن كېيىنمۇ، ماركىسىزم، سوتسىيالىزم، پرولېتارىيات دىكتاتورىسى دېگەن لەنىتى ئەخلەتلەر تېخىچە ساقلىنىپ تۇرۇۋاتقان جاي. بۇلارنىڭ ھەممىسى خىتايدىكى 'مۆجىزىلەر'. بۇ لەنىتى نەرسىلەرنى 2008 ‏ - يىلىدىمۇ يەنىلا كۆرەلەيسىلەر. بۇنى كۆرگەنلەر چۇقۇم ئەۋلاتلارغا سۆزلەپ بېرىڭلار.

قاتىللار خەلقنى 'بۆلگۈنچى'، 'توپىلاڭچى' دەپ جازا ھۆكۈم قىلىۋاتقان جايلار مۇخبىرلارغا يېپىق

باۋتوڭ ئەپەندىنىڭ بايان قىلىشىچە، خىتاي چەتئەل مۇخبىرلىرىغا 2007 ‏ - يىلىدىن باشلاپ ئەركىن ئۇچۇر توپلايدىغان ئىمتىياز بېرىدىغانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى. ئەمما ئەمەلىيەتتە شۇنداق قىلمىدى. ھازىر چەتئەللىكلەر كەلسىلا، قاتىللارنىڭ ۋارىسلىرى تەمىنلىگەن راھەت - پاراغەتكە چۆكۈپ كېتىدۇ. ئەگەر چەتئەل مۇخبىرلىرى خىتايدىكى قاتىللار خەلقنى باستۇرۇپ - ئۆلتۈرۈپ پەيدا قىلغان 'مۇقىملىق' بار جايغا بارسا، ئۇنىڭغا ئىجازەت بار.

بۇنداق جايلارنى كوممۇنىست پارتىيىنىڭ تەشۋىقات مىنىستىرلىقى ئاللىقاچان تەييارلاپ قويغان. ئۇ جايلاردىكى ئۇچۇرلارنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭ 'ئىچكى خەۋەرلىرى' دىن ئېقىپ چىققان مەينەت سۇ. ئەمما چەتئەل مۇخبىرلىرى باشقا جايلارغا - - خىتاينىڭ ھەقىقىي ماھىيىتى بار جايلارغا، كوممۇنىست پارتىيىنىڭ ماھىيىتى ئاشكارا تۇرغان جايلارغا، بىر نەچچە قاتىل خەلقنى 'بۆلگۈنچى'، 'توپىلاڭچى' دەپ جازا ھۆكۈم قىلىۋاتقان جايلارغا بارالمايدۇ. مانا بۇ خىتاينىڭ ھەقىقىي كۆرۈنۈشى، بۇنىڭ نامى 'خىتايچە' دەپ ئاتىلىدۇ.

مانا بۇ خىتاينىڭ ھەقىقىي كۆرۈنۈشى

باۋتوڭ ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، خىتايدا كوممۇنىست پارتىيە رەھبەرلىكى دېموكراتىيىنى ۋە قانۇننى چەكلەيدىغان رەھبەرلىك. ئىرادىسى ئاجىز ئادەملەرنى ئالۋاستىغا ئايلاندۇرۇپ قويىدىغان رەھبەرلىك، خەلقنى مەڭگۈ قەد كۆتۈرەلمەيدىغان ۋە ھەقىقىي دۆلەت پۇقراسى قىلمايدىغان رەھبەرلىك، مانا بۇ خىتاينىڭ ھەقىقىي كۆرۈنۈشى ۋە خىتايدا ئولىمپىك ئۆتكۈزۈشنىڭ نەقەدەر قېيىن، نەقەدەر غەلىتە ئىكەنلىكىنىڭ سەۋەبى.