ئىزچىل ھالدا پىكىر ئەركىنلىكىنى تەشەببۇس قىلىپ كېلىۋاتقان ئامېرىكا قەلەم جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئافىيا قاتارلىق تەتقىقاتچىلار، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئىسپات بېرىش يىغىنىدا، خىتاي تۈرمىسىدىكى سىياسىي مەھبۇس ليۇ شاۋبو 2010- يىللىق نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىغا ئېرىشكەندىن كېيىن، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىنىڭ تەسىرىنى يوقىتىشقا ئۇرۇنۇپ، ناھايىتى جىددىي ھەرىكەت قىلغانلىقى، ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى قانچە قاتتىق تەدبىر قوللانغانسېرى، خىتايدا شۇنچە جىددىي ئۆزگىرىش پەيدا بولۇۋاتقانلىقىنىڭ دەلىللىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
ليۇ شاۋبو مەسىلىسىنى خىتاي ئۆزى خەلقئارا مەسىلىگە ئايلاندۇرۇپ قويدى
خىتاي ھۆكۈمىتى ئەركىنلىك ۋە دېموكراتىيىنى تەشەببۇس قىلغان ليۇ شاۋبونى تۈرمىگە قاماپ بىر يىل تۇتۇپ تۇرۇپ، ئاندىن 11 يىللىق قاماق جازاسى ئېلان قىلدى، مۇشۇنىڭ ئۆزىلا خەلقئارادا بىردەك ئېتىراپ قىلىنغان ئەقەللىي كىشىلىك ھوقۇققا خىلاپلىق قىلغانلىق ئىدى. خىتاي پەقەت مۇشۇ دېلو سەۋەبىدىنلا، ليۇ شاۋبو مەسىلىسىنى خىتاينىڭ ئىچكى ئىشى دېگەن دائىرىدىن چىقىرىپ خەلقئارا مەسىلىگە ئايلاندۇرۇپ قويدى.
نوبېل مۇكاپاتىغا قارىتا خىتايدا ھازىر ئىككى ئېقىم بار
كۆزىتىش ژۇرنىلىنىڭ تەتقىقاتچىسى كلايىننىڭ ئېيتىشىچە، بۇ يىلقى نوبېل مۇكاپاتىغا قارىتا خىتايدا ھازىر ئىككى ئېقىم بار، بۇنىڭ بىرى، خىتايدىكى 23 نەپەر پېشقەدەم كادىرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، ليۇ شاۋبوغا بېرىلگەن نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىنى قارشى ئالىدىغان ۋە خىتايدا پىكىر ئەركىنلىكىنى يولغا قويۇشنى تەلەپ قىلىدىغانلار. يەنە بىرى، خىتايدا ئاللىقاچان ئېرىشىپ بولغان مەنپەئەتلىرىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن، ليۇ شاۋبونى جازالاشنى خالايدىغانلار. ئەمما، ھازىر خىتاي ھۆكۈمىتى دۆلەت ئىچىدىكى بۇ ئىككى ئېقىمغا بىردەكلا قاتتىق مۇئامىلە قىلدى. نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىنى خىتاينى پارچىلايدىغان مۇكاپات، بۇ مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ليۇ شاۋبونىڭ تەشەببۇسىنى خىتاينى پارچىلايدىغان تەشەببۇس دەپ تەشۋىق قىلدى.
ئۇنىڭ كۆرسىتىشىچە، ئەگەر خىتاي ھۆكۈمىتى نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ليۇ شاۋبونى داۋاملىق ھالدا تۈرمىدىن چىقارماي تۇرۇۋەرسە، ھەر ئىككى ئېقىمغا ئوخشاش قاتتىق مۇئامىلە قىلىۋەرسە، نوبېل مۇكاپاتى ھەققىدىكى ئۇچۇرلارنى توسۇۋەرسە ۋە ھۆكۈمەت بىلەن سىياسىي كۆز قارىشى ئوخشاش بولمىغان كىشىلەرنى چەكلەۋەرسە، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇنىڭدىن كېيىن تېخىمۇ بەك مات بولىدۇ.
ھازىر ئىنتېرنېتنىڭ، دۇنيانىڭ ھەر قانداق يېرىدە خەلقنى ئويغىتىش، تەشكىللەش رولىنى ئويناۋاتقانلىقى شۈبھىسىز
نيۇ-يورك دىپلوماتلار كومىتېتى دېگەن تەشكىلاتنىڭ باشلىقى ئېلزابىت ئېكانومى خانىم ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە ئىسپات بېرىشىچە، ئىنتېرنېتنىڭ ھازىر، دۇنيانىڭ ھەر قانداق يېرىدە خەلقنى ئويغىتىش، تەشكىللەش رولىنى ئويناۋاتقانلىقى شۈبھىسىز. ئەگەر خىتاي ھۆكۈمىتى تىبەتلەرنىڭ ئىنتېرنېت تورلىرىنى چەكلىمىگەن بولسا، دالاي لاما تىبەتلىكلەر بىلەن ئىنتېرنېت ئارقىلىق بىۋاسىتە پىكىر ئالماشتۇرۇشقا مەجبۇر بولمىغان بولاتتى. خىتاينىڭ شامېن شەھىرىدە 7 مىڭ ئادەم بىراقلا كوچىغا چىقىپ، مۇھىتنىڭ بۇلغىنىشىغا قارشى نامايىش قىلمىغان بولاتتى. ھەر قايسى جايلاردىكى تور ئەھلى بىردىنلا غەزەپكە كېلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خاتالىقىنى پاش قىلىپ، ئەمەلدارلارنى شەرمەندە قىلمىغان بولاتتى. خىتايدا يانفون قوللانغۇچىلارمۇ بىردىنلا ژۇرنالىستقا ئايلىنىپ كەتمىگەن بولاتتى. خىتاينىڭ 'ئوت توسما' لىرىمۇ، رىموت قىلغانچە، شۇنچە بەك ئۆتمە -تۆشۈك بولۇپ كەتمىگەن بولاتتى. دېمەك، خىتاي ھۆكۈمىتى ئىنتېرنېتنى قانچە كۆپ توسقانسېرى، ئىنتېرنېتنى كونترول قىلىش ئىقتىدارىنى شۇنچە كۆپ يوقىتىۋاتىدۇ.
خىتاي ھازىر سوۋېت ئىتتىپاقى قوللىنىپ مەغلۇپ بولغان سىياسەتلەرنى قايتىدىن تەكرارلىماسلىقى كېرەك
ئامېرىكىنىڭ ئورىگىن شتاتىدىكى پورتلاند ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سىياسىيشۇناس پروفېسسورى بۇرۇس گېلىياننىڭ ئېيتىشىچە، ئامېرىكىنىڭ خىتايغا قاراتقان سىياسەتلىرى نەق ئەمەلىي ئەھۋالغا ئاساسەن تۈزۈلىدۇ، خىتاي بۇنىڭغا مۇئامىلە قىلىشتا، سوۋېت ئىتتىپاقى 80- يىللاردا قوللىنىپ مەغلۇپ بولغان سىياسەتلەرنى قايتىدىن تەكرارلىماسلىقى كېرەك.