ئۇيغۇرلار: 'خىتاي كۆپ قانۇنلارنى تۈزدى، ئەمما ھېچقايسىسى ئەمەلىيلەشمىدى'

يېقىندىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمەت خەۋەرلىرىدە، يېڭىدىن بەزى قانۇن ‏ - بەلگىلىمىلەرگە تۈزىتىش كىرگۈزۈدىغانلىقى جاكارلاندى. بۈگۈن خىتاي باش مىنىستىرى ۋېن جياباۋمۇ خىتاي دۆلىتىدە قانۇن بويىچە دۆلەت باشقۇرۇشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا تىرىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﻣﯩﻬﺮﯨﺒﺎﻥ
2010.08.27
Urumqi-xitay-piqaq-esker-qatil-305 ﺳﯜﺭﻩﺗﺘﻪ، 14 - ﺋﯩﻴﯘﻝ، ﺩﯙﯓ ﻛﯚﯞﺭﯛﻙ ﺑﺎﺯﯨﺮﯨﻨﯩﯔ ﻳﯧﻨﯩﺪﺍ، ﻗﻮﺭﺍﻟﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺋﯚﺗﻜﯜﺭ ﺗﯩﻐﻼﺭﻧﻰ ﺑﯧﻜﯩﺘﯩﭗ، ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻏﺎ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﭘﻮﺳﺘﺘﺎ ﺗﯘﺭﻏﺎﻥ ﺧﯩﺘﺎﻱ ﻗﻮﺭﺍﻟﻠﯩﻖ ﺳﺎﻗﭽﯩﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮﻯ.
AFP Photo

ئەمما، بۈگۈن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئۇيغۇر زىيالىيلىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 60 يىلدىن بۇيان توختىماي قانۇن - بەلگىلىمىلەرنى تۈزۈپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما بۇ قانۇن - بەلگىلىمىلەرنىڭ پەقەت قەغەز يۈزىدىلا قالىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

يېقىندىن بۇيان خىتاي ھەم خەلقئارا مەتبۇئاتلاردا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئەسلىدىكى قانۇن - بەلگىلىمىلەرگە تۈزىتىش كىرگۈزگەنلىكى ھەققىدىكى خەۋەرلەر كۆپىيىشكە باشلىدى.مەسىلەن، خىتاي ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى ۋە جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىقى ئۆتكەن ھەپتە ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، 2010 - يىلى 1 - ئۆكتەبىردىن باشلاپ، دېلولارنى ئېنىقلاشتا رىئايە قىلىشقا تېگىشلىك يېڭى نىزامنى سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

23 - ئاۋغۇست كۈنى بېيجىڭدا ئېچىلغان، خىتاينىڭ مەملىكەتلىك 16 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىدا، ئىقتىسادىي جىنايەتلەرگە قارىتا ئۆلۈم جازاسى بېرىشنى بىكار قىلىش لايىھىسى سۇنۇلدى. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون دائىرىلىرىمۇ، 16 - ئاۋغۇست دۈشەنبە كۈنى ئۈرۈمچىدە سەپەرۋەرلىك يىغىنى چاقىرىپ، ئەمەلدارلارنىڭ ۋەزىپىسىدىن پايدىلىنىپ جىنايەت ئۆتكۈزۈشى ۋە پارىخورلۇق قىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش توغرىسىدىكى بىر بەلگىلىمە چىقارغان.

بۈگۈن27 - ئاۋغۇست ئەتىگەن خىتاي دۆلەت باش مىنىستىرى ۋېن جياباۋمۇ"مەملىكەت بويىچە قانۇن بويىچە ئىش بېجىرىش سەپەرۋەرلىك يىغىنى"دا، شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، خىتايدا سىياسىي ئىسلاھات ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقىنى، بۇندىن كېيىن خىتايدا قانۇن بويىچە دۆلەت باشقۇرۇش ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

بۈگۈن خىتايدا يېڭىدىن چىقىرىلغان قانۇن ‏ - بەلگىلىمىلەر ھەم خىتاي باش مىنىستىرى ۋېن جياباۋنىڭ " خىتايدا قانۇن بويىچە دۆلەت باشقۇرۇشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش" شوئارى ھەققىدە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئۇيغۇر زىيالىيلىرى ئۆز سۆزلىرىدە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 60 يىلدىن بۇيان توختىماي قانۇن - بەلگىلىمىلەرنى تۈزۈپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما بۇ قانۇن - بەلگىلىمىلەرنىڭ پەقەت قەغەز يۈزىدىلا قالىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئۇيغۇر ئېلىدىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان پېنسىيىگە چىققان بىر ئۇيغۇر زىيالىيسى بۇ ھەقتىكى قارىشىنى بىلدۈردى. ئۇ سۆزىدە، ئۆزىنىڭ بۇ يىللاردا بۇنداق قانۇن - تۈزۈم، بەلگىلىمىلەرنى كۆپ ئاڭلىغانلىقىنى، ئەمما ھازىرغىچە بۇلارنىڭ ھەقىقىي ئىجرا قىلىنغانلىقى ھەققىدە ھېچقانداق ئىسپات كۆرمىگەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئىلگىرى شىخەنزە ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇتقۇچى بولۇپ ئىشلىگەن ھازىر ئامېرىكىدا يەرلەشكەن ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدىن ئىلشات ھەسەن ئەپەندى، خىتاي قانۇن - بەلگىلىمىلىرىنىڭ پەقەت قەغەز يۈزىدىكى قۇرۇق گەپ بولۇپ قالىدىغانلىقىنى، بولۇپمۇ ئۇيغۇرلارغا نىسبەتەن بۇ قانۇنلارنىڭ ھېچقاچان ئىجرا قىلىنمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

زىيارىتىمىز جەريانىدا ئىلشات ھەسەن ئەپەندى يەنە، خىتاي باش مىنىستىرى ۋېن جياباۋنىڭ "خىتايدا قانۇن بويىچە دۆلەت باشقۇرۇشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش" شوئارى ھەققىدە توختالدى. ئۇ سۆزىدە، بۇ يىل 16 - ئاۋغۇست كۈنى خوڭكوڭدا بازارغا سېلىنغان ۋېن جياباۋغا تەنقىدىي باھا بېرىلگەن كىتابتىكى "ۋېن جياباۋ: جۇڭگودىكى نادىر ئارتىس" دېگەن باھانى تىلغا ئېلىپ، خىتاي كومپارتىيە رەھبەرلىرى ھەم ئۇلارنىڭ سۆزلىرىنىڭ پەقەت خىتاي مەنپەئەتى ئۈچۈنلا خىزمەت قىلىدىغانلىقىنى، ئەزەلدىن خەلق مەنپەئەتىنى چىقىش قىلمايدىغانلىقىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ 60 يىلدىن بۇيان مانا مۇشۇ خىل ئالدامچىلىق سىياسىتى ئاستىدا ئېزىلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئىلشات ئەپەندى سۆزىنىڭ ئاخىرىدا، خىتايلارغا نىسبەتەن پەقەت خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىدىن ئىبارەت بىر پارتىيە ھاكىمىيەت باشقۇرۇش تۈزۈمى ئاياقلاشقاندا، ئۇيغۇرلارغا نىسبەتەن خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ رايوندىكى ھۆكۈمرانلىقى ئاياقلاشقاندىلا ئاندىن ئۇيغۇرلار ئۆز مۇستەقىللىقىنى قولغا ئېلىپ، پۇقرالارنىڭ قانۇنى ھەق - ھوقۇقلىرى كاپالەتكە ئىگە قىلىنىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

يېقىندىن بۇيان خىتايدا ئېلان قىلىنىۋاتقان قانۇن ‏ - بەلگىلىمىلىرى ھەم ۋېن جياباۋنىڭ بۇندىن كېيىن خىتايدا "قانۇن بويىچە دۆلەتنى ئىدارە قىلىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش" دېگەن بۇ سۆزى ھەققىدە، خەلقئارا مەتبۇئاتلاردا جىددىي مۇنازىرىلەر قوزغالدى. خوڭكوڭ تەيۋەنلەردە چىقىدىغان گېزىتلەردە، ھەم ب ب س ئاگېنتلىقى قاتارلىق خەلقئارا مەتبۇئاتلاردىمۇ، ۋېن جياباۋنىڭ دېگەن گېپى بىلەن قىلغان ئىشى ئوخشىمايدىغان ئەرباب ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، خەلقئارا جەمئىيەتلەر ھەم غەرب دۆلەتلىرىنىڭ، خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىنىڭ خىتايدا سىياسىي ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشىغا گۇمان بىلەن قارايدىغانلىقى ھەققىدىكى مۇلاھىزە ماقالىلىرى كۆپلەپ ئېلان قىلىنىشقا باشلىدى.

بۇ ماقالىلەردە خىتاي ھۆكۈمىتى تەشۋىق قىلىۋاتقان تۈرلۈك قانۇن ‏ - بەلگىلىمىلەر ھەققىدە توختىلىپ، "كوممۇنىستىك پارتىيىنىڭ ئەسلى مۇددىئاسى، قولغا كەلتۈرگەن مەنپەئەتلىرىنى قوغداپ قېلىش، بۇنداق ئەھۋالدا، ۋېن جياباۋنىڭ سۆزىدە خىتايدا قانۇن بويىچە دۆلەت باشقۇرۇشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇشى، ئەمەلىيەتتە كىشىلەرنىڭ كۆڭلىنى ئۇتۇۋېلىش ئۈچۈنلا دېيىلگەن قۇرۇق گەپ،" دېگەنگە ئوخشاش مۇلاھىزىلەر ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئىدى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.