خىتاي قانۇن تەرەققىياتىنىڭ كېلەچەكتىكى يۆلۈنۈشى توغرىسىدا ئىسپات بېرىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ۋە ھۆكۈمىتىنىڭ بىرلىشىپ باشقۇرۇشىدىكى خىتاي ئىشلار كومىتېتى چارشەنبە كۈنى دۆلەت مەجلىسىدە ئىسپات بېرىش يىغىنى چاقىرىپ، مۇناسىۋەتلىك تەرەپلەرنىڭ پىكىرىنى ئالدى. بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ تېمىسى خىتاي قانۇن تەرەققىياتىنىڭ كېلەچەكتىكى يۆلۈنۈشىگە بېغىشلانغان ئىدى.

0:00 / 0:00

ئىسپات بېرىش يىغىنىدا چەتئەلدىكى خىتاي دىنىي زاتلار، خىتاي ئىشچىلار ھەرىكىتى پائالىيەتچىلىرى، ئىنتېرنېت پروگرامما يېتەكچىلىرى ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەتقىقاتچىلىرى گۇۋاھلىقتىن ئۆتتى.

خىتاينىڭ ئىقتىسادى ۋە سىياسى تەسىرىنىڭ كېڭىيىشىگە ئەگىشىپ، ئۇنىڭ كېلەچەكتىكى قانۇن تەرەققىيات يۆلۈنۈشى قايسى تەرەپكە ماڭىدۇ ؟ دېگەن مەسىلە خىتاي پۇقرالىرىنى، دېموكراتچىلىرىنى، كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنى قىزىقتۇرىدىغان مەسىلە بولۇپلا قالماي، بۇ يەنە ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ۋە ھۆكۈمىتى دىققەت قىلىدىغان مەسىلىلەرنىڭ بىرىدۇر. ئامېرىكا 2000 ‏ - يىلى دۆلەت مەجلىسى ۋە ھۆكۈمىتىنىڭ بىرلىشىپ باشقۇرۇشىدىكى خىتاي ئىشلار كومىتېتى قۇرۇپ، خىتاي كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى ۋە قانۇننىڭ رولى ئۈستىدە كۆزىتىش ئېلىپ بارماقتا ئىدى. مەزكۇر كومىتېتنىڭ چارشەنبە كۈنى چاقىرغان ئىسپات بېرىش يىغىنى مانا مۇشۇ تېمىغا يەنى خىتاي قانۇن تەرەققىياتىنىڭ كېلەچەك يۈزلىنىشىگە بېغىشلاندى.

" دىنىي ئەركىنلىكنى باستۇرۇش ئۇيغۇر ئىلى ۋە بېيجىڭدا ئالاھىدە ئېغىر "

يىغىندا ئامېرىكىنىڭ تېكساس شتاتىدىكى دىنىي تەشكىلات "جۇڭگو ياردەم جەمئىيىتى" نىڭ مەسئۇلى بىشوپ فۇ شيۇچيۇ، خىتاي يەر ئاستى خرىستىئان پروتېستانت مۇرىتلىرىنىڭ دىنىي ئەركىنلىك ئەھۋالى توغرىسىدا دوكلات بېرىپ، ئولىمپىك يىغىنى بىلەن تەڭ يەر ئاستى پروتېستانت مۇرىتلىرىنىڭ دىنىي ئەركىنلىك ئەھۋالى ئېغىرلاشقانلىقىنى، باستۇرۇش ھەرىكىتىنىڭ ئۇيغۇر ئىلى ۋە بېيجىڭدا ئالاھىدە ئېغىر ھېسابلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. خىتايدا قانۇننىڭ توغرا ئىشلىتىلمەيدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن بىشوپ فۇ، بىر قىسىم دېلولاردا قانۇننىڭ توغرا ئىشلىتىلمەيدىغانلىقى ئاشكارىلانغانلىقىنى، بۇنىڭ خىتايدا قانۇننىڭ رولىنى خۇنۇكلەشتۈرۈۋاتقانلىقىنى، يېقىندا ئۇيغۇر ئېلىدە يۈز بەرگەن بىر ۋەقە بۇنىڭ تىپىك مىسالى بولالايدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى. ئۇ مۇنداق دەيدۇ،" جۇڭگو ياردەم جەمئىيىتى 2008 ‏ - يىلى ئاپرىلدا خىتاي دائىرىلىرىنىڭ شىنجاڭدا ئائىلە خرىستىئان ئەزالىرىغا قارشى ' قانۇنسىز خرىستىئان پائالىيىتىگە قارشى تۇرۇش' نامىدىكى ئىستراتېگىيىلىك ھەرىكەت باشلىغانلىقىنى دوكلات قىلدى. ھەرىكەتنىڭ نىشانى خەنزۇ ۋە ئۇيغۇر خىرىستئانلىرىغا قارىتىلدى. ئۇيغۇر خرىستىئانلار بولسا دىنىي ۋە مىللىي ئالاھىدىلىكى تۈپەيلى ھەر ئىككى تەرەپتىن ئالاھىدە ئېغىر جازاغا تارتىلماقتا. خىتاينىڭ باشقا جايلىرىدا دىنىي ئەركىنلىك قىسمەن قوغدىلىدىغان بولسىمۇ، لېكىن شىنجاڭدا جىددىي چەكلىنىۋاتىدۇ. ئۇزۇن مەزگىلدىن بېرى شىنجاڭدا خرىستىئانلارنى ئۈزلۈكسىز قولغا ئېلىش، ئۇلارغا ئەسكى مۇئامىلىدە بولۇش داۋاملاشماقتا. كىشىنى ئەڭ بىئارام قىلىدىغىنى دىندارلارنى دۆلەت بىخەتەرلىكى ۋە بۆلگۈنچىلىك بىلەن جازالاشتۇر."

2008 ‏ - يىلى ماي ئېيىدا يۈز بەرگەن بىر ۋەقە بۇنىڭ تىپىك مىسالى. 2008 ‏ - يىلى ئۇيغۇر ئېلىدە يۈز بەرگەن بۇ ۋەقە قايسى ۋەقە ئىدى؟ بىشوپ بو شيۇچيۇ قەشقەرلىك ئۇيغۇر خرىستىئان مۇرىتى ئالىمجان ھىمىتنىڭ مەسىلىسىنى مىسالغا ئالدى. ئۇيغۇر ئېلىدە 2007‏ - يىلنىڭ ئاخىرلىرىغا قەدەر 70 نەپەر چەتئەللىك تىجارەتچىنىڭ قوغلاپ چىقارغانلىقىنى تەكىتلىگەن بىشوپ فۇ، " بۇ شىركەتلەرنىڭ بىرى ئەنگىلىيىنىڭ Jirehouse شىركىتى ئىدى. بۇ شىركەتنىڭ ئۇيغۇر خرىستىئان پروگرامما مۇدىرى ئالىمجان ھىمىت، قانۇنسىز دىنىي پائالىيەت بىلەن شۇغۇللىنىش جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىنىپ، 27‏ - ماي كۈنى دۆلەت بىخەتەرلىكىگە تەھدىت سېلىش جىنايىتىدە سوتلاندى،" دەيدۇ.

" خىتايدا مەسىلە قانۇننى ئۆزگەرتىش بىلەن پۈتمەيدۇ "

خىتاي ئىشلار كومىتېتىدىكى يىغىندا ئىسپات بەرگەن زاتلارنىڭ يەنە بىرى، خىتاي ئىشچىلار ھەرىكىتى پائالىيەتچىسى، "جۇڭگو ئەمگەك بۈلت" نىڭ ئىجرائىيە دىرېكتورى خەن دۇڭفاڭ بولۇپ، ئۇ خىتاي قانۇن ئورگانلىرىنىڭ ئەمگەك ھوقۇقىنى قوغداش مەسئۇلىيىتى ۋە ئىشچىلار ئۇيۇشمىلىرىنىڭ رولىنى تەكىتلىدى. خەن دۇڭفاڭ، خىتايدا مەسىلە قانۇننى ئۆزگەرتىش بىلەن پۈتمەيدىغانلىقى، ئەڭ مۇھىمى قانۇن سىستېمىسىنىڭ تەرەققى قىلغان بولۇشى، قانۇن چوقۇم ئىجرا قىلىنىشى كېرەكلىكى، ئىشچىلار ئۆز ھوقۇقىنى قوللىنىپ، قانۇن چىقىرىش جەريانىغا قاتنىشىشى لازىم، دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. "جۇڭگودا ئىشچىلارنىڭ مەسىلىسى قانۇننىڭ يوقلۇقى مەسىلىسى ئەمەس، قانۇننىڭ ئىجراسىز قېلىش مەسىلىسىدۇر " دەپ تەكىتلىگەن خەن دۇڭفاڭ،" جۇڭگودا ئەدىلىيىنىڭ ناھايىتى ئاز تەرەپسىزلىكى ياكى تەرەپسىز ئەمەسلىكى دائىم قەيت قىلىنىپ كەلدى. بۇ قاراش بەزى سەزگۈر سىياسى دىلولاردا يەنىلا كۈچكە ئىگە....... لېكىن كۆپ قىسىم دىلولاردا ئەمگەك ھوقۇقىغا تاجاۋۇز قىلىش ئەھۋالى ناھايىتى قىپيالىڭاچ ھەم ۋەھشى بولۇپ، سوتچىلار ئەرىزدارنىڭ مەنپەئەتىگە كۆرە ھۆكۈم چىقارماسلىققا ئامالسىز " دەپ كۆرسەتتى.

خەن دۇڭفاڭ يەنە، ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ قانۇن جەمئىيىتى بەرپا قىلىشتىكى رولى ئۈستىدە توختالدى. ئۇ،" ئاممىۋى تەشكىلاتلار، خەلق ھوقۇقىنى قوغدىغۇچى گۇرۇھلار جۇڭگو قانۇن سىستېمىسىنىڭ تەرەققىياتىدىكى ھەل قىلغۇچ رولىنى داۋاملاشتۇرۇشى كېرەك. بېيجىڭدىكى يىرېنپىڭ تەشكىلاتى بۇنىڭ تىپىك مىسالى. بۇ ئورگان جۇڭگودا ئەيدىز ۋىرۇسى ۋە جىگەر ياللۇغى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ كەمسىتىلىش ۋەقەلىرىگە ئارىلاشتى. بىمارلارنىڭ ئۆز ھوقۇقىنى قانداق قوغدىشى كېرەكلىكى توغرىسىدا قوللانمىلارنى بېسىپ تارقاتتى، " دەپ تەكىتلىگەن.

" بىر پارتىيە ھاكىم مۇتلەقلىقى خىتايدا قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىشقا توسالغۇ بولۇۋاتىدۇ "

ئامېرىكا كولۇمبىيە ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى زىيارەتچى مۇتەخەسسىس ۋاڭ تيەنچىڭ، يىغىندا دوكلات بەرگەن خىتاي قانۇن ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەتقىقاتچىلىرىنىڭ بىرىدۇر. ئۇ، كېيىنكى 30 يىلدىن بېرى خىتاي قانۇنلىرىدا كۆپ ئىسلاھات ئېلىپ بېرىلغانلىقى، زاسىداتىللارنىڭ خىتاي قانۇن تەرەققىياتىدىكى رولى كۆرۈنەرلىك ئۆسكەنلىكى، لېكىن ئۇلارنىڭ رولىنى كۆتۈرۈۋېتىشكە بولمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ۋاڭ تيەنچىڭ مۇنداق دەيدۇ،" سىياسى سىستېمىدا بىر پارتىيە ھاكىم مۇتلەقلىقى ئۆزگەرمىگىچە زاسىداتىللارنىڭ خىتاي قانۇن ئىسلاھاتىدىكى رولىنى كۆپتۈرۈۋەتمەسلىك كېرەك. زاسىداتىللار بەزى كىچىك ئۆزگىرىشلەرنى ئېلىپ كېلىشى، جۇڭگو قانۇنلىرىغا بەزى تۈزۈتىشلەرنى كىرگۈزۈشى مۇمكىن. لېكىن ئۇلار بۇنى ئەركىن قانۇن سىستېمىسىغا ئايلاندۇرالمايدۇ". ۋاڭ تيەنچىڭ، بىر پارتىيە ھاكىم مۇتلەقلىقى خىتايدا قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىش، كىشىلىك ھوقۇقنىڭ ھۆرمەت قىلىنىشىغا توسالغۇ بولۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ، سۆزىنىڭ ئاخىرىدا خىتاي ئىشلار كومىتېتىغا بەزى تەكلىپلەرنى بەردى.

بۇ تەكلىپلەردە خىتاي دائىرىلىرىنى ب د ت نىڭ پۇقرالارھوقۇقى ۋە سىياسى ھەقلەر ئەھدىنامىسىنى تەستىقلاشقا قىستاش. شەخسى دېلولار بىلەن چەكلىنىپ قالماي، خىتاينىڭ يىغىلىش ۋە نامايىش قانۇنى، دىنىي ئىشلار قائىدىسى، جىنايى ئىشلار جازا قانۇنى بىلەن دۆلەت ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۇش قىلمىشلىرىنى جازالاش مەسىلىسى، ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش سىستېمىسى شۇنداقلا خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئاساسىي قانۇن بۇزغۇنچىلىقىنى تەكشۈرۈش تۈزۈمى تىكلەشكە چاقىرىش قاتارلىقلار بار.

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ۋە ھۆكۈمىتىنىڭ بىرلىشىپ باشقۇرۇشىدىكى خىتاي ئىشلار كومىتېتىنىڭ چارشەنبە كۈنكى يىغىنىنى كومىتېت رەئىسى، ئاۋام پالاتا ئەزاسى ساندېر لەۋىن بىلەن كومىتېتنىڭ يەنە بىر رەئىسى، كېڭەش پالاتا ئەزاسى بايرون دورگانلار باشقۇردى.