خەۋەرلەردە ئېيتىلىشىچە، بوۋاقلار سۈت پاراشوكىنى ئىشلەپ چىقىرىدىغان 22 خىتاي شىركىتىنىڭ مەھسۇلاتلىرى تەكشۈرۈلۈشكە مەجبۇر بولدى.
كېسەلگە گىرىپتار بولغان بوۋاقلارنىڭ سانى كۆپەيمەكتە
بوۋاقلار سۈت پاراشوكى مەسىلىسى يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان جىددىي بىر مەسىلە سۈپىتىدە كۆتۈرۈلۈش بىلەن خەلقئارا جەمىيەتنىڭ دىققىتىنى تارتماقتا. كۆپلىگەن پەرزەنتلىرىنىڭ سۈت پاراشوكىغا قوشۇلغان خىمىيىلىك ماددا مېلامىندىن زەھەرلىنىپ، كېسەللەرگە گىرىپتار بولغانلىقىدىن يۈرەكلىرى ئازابلانغان ئاتا - ئانىلارنىڭ بېسىمى نەتىجىسىدە، خىتاي سەھىيە تارماقلىرى بۇ مەسىلىگە دىققەت قىلىپ، دەرھال مۇناسىۋەتلىك چارە - تەدبىرلەرنى قوللىنىشقا باشلىدى.
"ۋال سىترىت ژۇرنىلى" گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي سەھىيە مىنىستىرلىكى چارشەنبە كۈنى بوۋاقلار سۈت پاراشوكىدىن زەھەرلىنىپ، كېسەل بولغان بوۋاقلارنىڭ سانىنىڭ 6244 نەپەرگە يەتكەنلىكى، ئۇلارنىڭ 158 نەپىرىنىڭ بۆرەك ئاجىزلىق كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ، ئۈچ نەپىرىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى ئاشكارىلىدى. سەنلۇ شىركىتىنىڭ ئىشلەپ چىقارغان بوۋاقلار سۈت پاراشوكىدىن زەھەرلىنىش ئەھۋالى ئەڭ ئېغىر بولۇپ، بۇ قېتىمقى كرىزىستىكى مەركەزلىك جاۋابكارلىق بۇ شىركەتكە ئارتىلغانلىقى ئۈچۈن چارشەنبە كۈنى سەنلۇ شىركىتىنىڭ لىدىرى تىئەنۋېنخۇئا خىتاي مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرى تەرىپىدىن قولغا ئېلىنغان. ئۇنى قولغا ئېلىشتىن ئىلگىرى سەھىيە دائىرىلىرى مەخسۇس تۈردە بۇ شىركەتنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى تەكشۈرۈشكە باشلىغان ئىدى.
نارازىلىقلار كۈچىيىشكە باشلىدى
خىتاي رەسمىي ئاخبارات ۋاسىتىلىرى بۇنىڭدىن بىر قانچە كۈن ئىلگىرى خىتاي سەھىيە مىنىستىرلىكىنىڭ نامەلۇم بۇزۇق ئادەملەرنىڭ بوۋاقلار سۈت پاراشوكىغا بىر خىل زەھەرلەش خاراكتېرىغا ئىگە مېلامىن ماددىسىنى قوشۇۋەتكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلغان ئىدى.
شۇنىڭدىن كېيىن پۈتۈن خىتاي دائىرىسىدە پۇقرالارنىڭ بوۋاقلار سۈت پاراشوكىغا بايقۇت ئېلان قىلىش كەيپىياتى ھەتتا بىر قىسىم ئاتا - ئانىلارنىڭ مەزكۇر قىلمىشلارنى سادىر قىلغان سۈت پاراشوكى شىركەتلىرى ئۈستىدىن ئەرزى قىلىش، ھۆكۈمەتنى تەنقىد قىلىش ئەھۋاللىرى كۈچىيىپ كەتكەن. چۈنكى، خىتاي بويىچە ھازىرچە 22 شىركەتنىڭ بوۋاقلار سۈت پاراشوكىدىن بوۋاقلارنى زەھەرلەيدىغان خىمىيىلىك مېلامىن ماددىسى بايقالغان.
ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ مەخسۇس خىتاي پۇقرالىرىدىن ئىگىلەپ، تارقاتقان ئىنكاسلىرىدىن قارىغاندا، خىتاي پۇقرالىرى خەلقئارا جەمىيەتتىن جۇڭگو ھۆكۈمىتىگە زەھەرلىك بوۋاقلار سۈت پاراشوكىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان بوۋاقلار ئۈستىدىن مۇستەقىل تىببىي تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش ھەققىدە بەسىم ئىشلىتىشىنى ھەتتا خىتايدىكى بۇ سۈت پاراشوكلىرىغا قارىتا ئۈچىنچى بىر دۆلەت ۋە ياكى خەلقئارالىق سەھىيە تەشكىلاتلىرى جۈملىدىن دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ مۇستەقىل تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشىنى تەلەپ قىلغان. چارشەنبە كۈنى خىتاي ھۆكۈمىتى زەھەرلىك بوۋاقلار سۈت پاراشوكىنى ئىشلەپ چىقارغان كارخانا، سۈپەت تەكشۈرۈش ئورگانلىرى ۋە مەمۇرىي ئورگانلارنىڭ مەسئۇللىرىنى قاتتىق جاۋابكارلىققا تارتىپ، خەلققە جاۋاب بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
خىتاي شىركەتلىرى بوۋاقلار سۈت پاراشوكلىرىنى باشقا دۆلەتلەرگىمۇ چىقارغان
"لوس ئانجېلەس ۋاقتى" گېزىتىنىڭ يېزىشىچە، خىتاينىڭ چىڭداۋ ۋە گۇئاڭدوڭدىكى ئىككى بوۋاقلار سۈت پاراشوكى شىركىتىنىڭ مەھسۇلاتلىرى خىتاينىڭ ئىچىنى تەمىنلىگەندىن سىرت يەنە خەلقئاراغا يۈزلەنگەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ مەھسۇلاتلىرى بېنگال، بىرما، بۇرۇندى قاتارلىق دۆلەتلەرگە ئېكىسپورت قىلىنغان.
بىراق، خىتاي سەھىيە دائىرىلىرى بۇ دۆلەتلەرگە چىقىرىلغان بوۋاقلار سۈت پاراشوكىدا مېلامىن سېزىلمىگەنلىكىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، لېكىن كۆزەتكۈچىلەر بۇنىڭدىن گۇمان قىلماقتا. بەلكى، خەۋەرنىڭ كېڭىيىشىگە ئەگىشىپ، خىتاي مەھسۇلاتلىرىنى قوبۇل قىلغان مەزكۇر دۆلەتلەردىمۇ ئىنكاسلارنىڭ كۆرۈلۈشى شۇنىڭدەك بۇ ئەھۋالنىڭ خىتاينىڭ بوۋاقلار سۈت پاراشوكىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بالىلار ھەمدە چوڭلار يېمەكلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ خەلقئارا بازارلارغا يۈزلىنىشىگىمۇ سەلبىي تەسىر پەيدا قىلىدىغانلىقىنى پەرەز قىلماقتا.
17 - سېنتەبىر كۈنى يەنە خىتاي دۆلەتلىك سۈپەت تەكشۈرۈش ئىدارىسى "يىلى" ۋە "مېڭنىئۇ" ماركىلىق بوۋاقلار سۈت پاراشوكىدىنمۇ خىمىيىلىك زەھەرلىك مېلامىن ماددىسى بايقالغانلىقىنى ئاشكارىلىغان.
ئۇيغۇر ئېلىدا 31 بىمار بوۋاق سېزىلدى
خىتاي مەتبۇئاتلىرىدىكى ئۇچۇرلاردا ھازىرغىچە، ئۇيغۇر ئېلىدا زادى قانچىلىك بوۋاقنىڭ زەھەرلەنگەنلىكى ھەققىدە مەلۇمات يوق ئىدى. ئەمما، تەڭرىتاغ تورىنىڭ 17 - سېنتەبىردىكى خەۋىرىدە ئۇيغۇر ئېلىدا 31 بوۋاقنىڭ بۇ خىل سۈت پاراشوكىدىن زەھەرلىنىپ، بۆرەك ئاجىزلىقىغا گىرىپتار بولغانلىقى ھەققىدە بىر خەۋەر ئېلان قىلىندى.
ئەمما، چەت يېزا - قىشلاق ۋە چارۋىچىلىق رايونلىرىدا ياشايدىغان، ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز، موڭغۇل ۋە باشقا مىللەت ئاتا - ئانىلىرىنىڭ قانچىلىك بوۋاقلىرى زەھەرلەندى، دېگەن سوئالغا ھازىرچە جاۋاب يوق. چۈنكى، چەت ناھىيە ۋە يېزا - قىشلاقلاردا سەھىيە ئىشلىرى ۋە بىلىملىرى ئارقىدا قالغانلىقى سىر ئەمەس.