بۇ ۋەقە دۇنيا مەتبۇئاتلىرىدا كەڭ يەر ئالغان بولۇپ، خەۋەرلەردىن قارىغاندا، خۇبېي ئۆلكىسى گۇڭئەن ۋىلايىتى قىزىل باشلىق ھۈججەت چىقىرىپ بۇ ناھىيىدىكى ھەر دەرىجىلىك ئورگانلارغا 2009 - يىلى 250 مىڭ قاپ تاماكا ئىستىمال قىلىش ۋەزىپىسىنى ئورۇنلاش بۇيرۇقى چۈشۈرگەن بولۇپ، بۇ ۋەزىپىنى ئورۇنلىيالمىغان ئورۇنلارنىڭ شىتات قىسقارتىش ياكى مەمۇرىي ياردەم پۇلى بەرمەسلىك قاتارلىق جازالار بىلەن جازالىنىدىغانلىقى بەلگىلەنگەن. تېخى بۇنىڭ بىلەنلا توختاپ قالماي باشقا ئۆلكىلەردە ئىشلەپچىقىرىلغان رەقىپ ماركىلىق تاماكىلارنى چەككەنلەرنىڭمۇ جازالىنىدىغانلىقىنى بەلگىلەنگەن.
يەرلىك بىر ئاھالىنىڭ ئىنكاس قىلىشىچە، خۇبىې ۋىلايىتىدە ياشايدىغان خەلق خۇنەندە ئىشلەپچىقىرىلىدىغان خۇنەن ماركىلىق تاماكىنى چېكىشنى ياخشى كۆرىدىغان بولۇپ، بۇ خۇبىې ئۆلكىسىنىڭ ئۆزىنىڭ تاماكىسىنىڭ ئىشلەپچىقىرىلىشىغا تەسىر كۆرسەتكەن ئىكەن. بۇنىڭ بىلەن خۇبىې ئۆلكىسى مانا مۇشۇنداق تەدبىرلەرنى ئېلىش ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ 2009 - يىللىق باج ۋەزىپىسىنى ئورۇنداشنى نىشان قىلغان ئىكەن.
يەرلىك بىر ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچسىنىڭ بايان قىلىشىچە، تاماكا ئىستىمالىنى كۈچلەندۈرۈش ئەترىتى دەپ قۇرۇلغان بۇ ئەترەت ئەزالىرى بىر چۈشلۈك دەم ئېلىشتا تۇيۇقسزلا مەكتەپكە كېلىپ ئوقۇتقۇچى، ئىشچى - خىزمەتچىلەرنىڭ كۈلدانلىرىنى ۋە ئەخلەت ساندۇقلىرىنى تەكشۈرگەن، ئەخلەتلەردىن 3 تال ئوخشىمايدىغان ماركىلىق تاماكىنىڭ قالدۇقىنى بايقىغانلىقىنى ئېيىتىپ مەكتەپ مۇدىرىنى ئاگاھلاندۇرغان. كېيىن تەپتىش ھەيئىتى بۇ ئىش ئۈستىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىپ مەكتەپكە جازا بەرمەسلىكنى، ئەمما تۈزۈمگە خىلاپ ئىش قىلغان دەپ ئاگاھلاندۇرۇش بېرىشنى قارار قىلغان.
بۇ خەۋەر دۇنيا مەتبۇئاتلىرىدا ئېلان قىلىنىشى بىلەن دۇنيا جامائەتچىلىكى ئارىسىدا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ پۇلنى دەپ ئىنسان ئامىلىنى كۆرمەسكە سالىدىغان، ئىنسان ھەقلىرىنى دەپسەندە قىلىش ھەرىكىتىنىڭ يەنە بىر پاكىتى دەپ قارىلىپ غۇلغۇلا قوزغىغان. بۇ ۋەقە دۇنياغا تارقىلىپ كەتكەندىن كېيىن خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ گېپىگە دەرھال ئۆزگەرتىش بېرىپ، بۇنى قانۇنسىز قاچاق تاماكىلار بىلەن مۇجادىلە قىلىش ئۈچۈن چىقاردۇق دېگەن ۋە 5 - ماي كۈنى خۇبيې ھۆكۈمىتى ھۆكۈمەت تورىدا بايانات ئېلان قىلىپ بۇ ھۈججەتنى ئەمەلدىن قالدۇرغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ يىللىق ئىقتىسادىي كرىزىستىن كېيىن ئىقتسادنى ياخشىلاش ئۈچۈن ھەر قايسى يەرلىك ھۆكۈمەت ۋە ئورگانلارغا ئىستىمالنى ئاشۇرۇش تەلىپىنى قويغان بولسىمۇ، تاماكا ئىستىمالىنى ئاشۇرۇش تېخى تۇنجى قېتىم كۆرۈلگەن بىر ئەھۋال بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. خىتاي تاماكا ئىستىمالى ئەڭ يۇقىرى دۆلەتلەر قاتارىدا بولۇپ، ئولىمپىك مۇسابىقىسى مەزگىلىدە خىتاي ئۆز ئوبرازىنى ياخشىلاش ئۈچۈن گەرچە بېيجىڭ، شاڭخەي قاتارلىق چوڭ شەھەرلەردە ئاممىۋى سورۇنلاردا ۋە ئىدارە - ئورگانلاردا تاماكا چەكمەسلىك تۈزۈملىرىنى يولغا قويغان بولسىمۇ، قالغان ئۆلكە ۋە رايونلاردا يەنىلا بۇنداق بىر چەكلىمە يولغا قويۇلغىنى يوق.
دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ قارىشىچە خىتاي ئالغان بۇ تەدبىرلەر ئىنتايىن يېتەرسىز بولۇپ، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى خىتاي دۆلىتى مەسئۇلى دوختور ھانس ترودېسون خىتايدا تاماكا خۇمارلىرى ئىنتايىن جىق بولۇپ، ھەر يىلى بىر مىليون كىشى تاماكا سەۋەب بولغان تۈرلۈك كېسەللىكلەر بىلەن ئۆلۈپ كېتىدۇ، ئەگەر خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ ھەقتە بەزى جىددىي قارارلارنى ئېلىپ ئۆزگىرىش ئېلىپ بارمايدىغان بولسا 10 - 20 يىلدىن كېيىن بۇ دۆلەتنىڭ دوختۇرخانىلىرى تاماكا سەۋەب بولغان قان تومۇر، يۈرەك ۋە راك كېسەللىكلىرى بىلەن ھەرگىزمۇ كۈچ ئېلىشىپ بولالمايدۇ دېگەن.
ئېنىقسىز مەلۇماتلارغا قارىغاندا، خىتايدا يىلدا 2 تىرىليون تاماكا ئىشلەپچىقىرىلىدىغان بولۇپ، ئۆتكەن يىللىق سىتاتىستىكىلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، بىرىنچى ئايدىن 11 - ئايغىچە بولغان ئارىلىقتا ھۆكۈمەتنىڭ تاماكا ئىستىمالى بېجىدىن قىلغان كىرىمىنىڭ ئۆزىلا 61 مىليارد دوللار ئىكەن. بۇ رەقەم تاماكا ئىستىمالىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى ئۈچۈن قانچىلىك مۇھىم ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويماقتا. خىتايدا 350 مىليون كىشى تاماكا چېكىدىغان بولۇپ، بۇ خىتايدىكى 15 ياشتىن يۇقىرى بولغان ئەرلەرنىڭ يېرىمىنىڭ تاماكا چېكىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدىكەن.
تېخىمۇ قىزىقارلىق بولغىنى، خىتايدا كىشىلەرگە سالامەتلىك جەھەتتە ئۈلگە بولۇشى كېرەك بولغان دوختۇرلارنىڭ 58 پىرسەنتى تاماكا چېكىدىغان بولۇپ، يېقىندا خىتاي ھۆكۈمىتى بايانات ئېلان قىلىپ دوختۇرلارنى تاماكا چەكمەسلىككە، تاماكا تاشلاشنى ئويلىشىۋاتقانلارغا ئۈلگە بولۇشقا ۋە دوختۇرخانىلاردا تاماكا چەكمەسلىككە دەۋەت قىلغان.
ئەمما بۇ ھەقتە يېزىلغان خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، مۇتەخەسسىسلەر بۇنىڭغا گۇمان بىلەن قارايدىغان بولۇپ، ئۇلار خىتايدا تاماكا شىركەتلىرى دۆلەت ئىلكىدە بولغانلىقى ۋە بۇنىڭدىن نۇرغۇن كىرىم قىلىدىغانلىقى ئۈچۈن خىتاي ھۆكۈمىتى بېيجىڭ، شاڭخەي قاتارلىق چوڭ شەھەرلەردە كۆرۈنۈشتە تاماكىنى چەكلىگەندەك پائالىيەتلەرنى قىلسىمۇ، ئەمەلىيەتتە خىتاي ھۆكۈمىتى تاماكىنى تامامەن چەكلەشنى ھەرگىزمۇ خالىمايدۇ، دىيىشمەكتە. ئەمما ئامېرىكا قاتارلىق غەرب دۆلەتلىرىدە بولسا ھېچقانداق ئاممىۋى ئورۇنلاردا تاماكا چېكىشكە رۇخسەت قىلىنمايدىغان بولۇپ تاماكا چېكىدىغانلارنىڭ سانىمۇ يىلدىن - يىلغا ئازايماقتا ئىكەن.
بۇ ھەقتە دۇنيادا زىلزىلە قوزغىغان يەنە بىر ۋەقە بولسا، ئامېرىكىنىڭ داڭلىق تاماكا ماركىسى مارلبورو تاماكىسىنىڭ ئىشلەپچىقارغۇچىسى فىلىپ موررىس شىركىتى ئۆپكە راكى بىلەن ئۆلگەن بىر كىشىنىڭ ئايالى، يولدىشىنىڭ 42 يىلدىن بۇيان مارلبورو تاماكىسىنى چەككەنلىكى ئۈچۈن ئۆپكە راكى بىلەن ئۆلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، فىلىپ موررىس شىركىتى ئۈستىدىن ئەرز قىلىشى بىلەن ئون يىل سۈرگەن داۋا نەتىجىسىدە ئامېرىكا سوت مەھكىمىسى 2007 - يىلى ھۆكۈم چىقىرىپ فىلىپ موررىس تاماكا شىركىتىنى ئۆپكە راكى بىلەن ئۆلگۈچىنىڭ ئايالىغا 145 مىليون دوللار تۆلەم تۆلەشكە ھۆكۈم قىلغان ئىدى.
مانا بۇ مىسال غەرب ئەللىرىنىڭ كىشىلەرنى تاماكا چەكمەسلىككە چاقىرىپ بۇ ھەقتە پۇقرالارنىڭ ھوقۇقىنى قوغدايدىغانلىقى بىلەن خىتايدا ھۆكۈمەتنىڭ باج يىغىش ئۈچۈن پۇقرالىرىنى تاماكا چېكىشكە زورلىشى ئارىسىدا روشەن بىر سېلىشتۇرما بولسا كېرەك.