دوكلاتتا، خىتايدا تېرىلغۇ يەر، سۇ ۋە ياغاچ قاتارلىق تەبىئىي بايلىقلارنىڭ خوراش نىسبىتىنىڭ دەرىجىدىن تاشقىرى يۇقىرى ئىكەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولۇپ، رويتېرستا مەزكۇر دوكلاتتىن نەقىل ئېلىپ كۆرسىتىلىشىچە، خىتايدا يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان بايلىقلارنىڭ ئىستېمال قىلىنىش نىسبىتى بۇ بايلىقلارنىڭ تەبىئىي ھالدا ئەسلىگە كېلىش دەرىجىسىدىن ئىككى ھەسسە تىز بولۇپ كەتكەن.
خىتاي ھازىر سادىر قىلغان خاتالىقلارنى تۈزىتىشتە پەقەت كەلگۈسىدىكى 20 يىلى ئىنتايىن ئەجەللىك
خەۋەردە نەقىل ئېلىپ كۆرسىتىشىچە، دوكلاتتا خىتايدا تەبىئىي بايلىقلارنىڭ ئىستېمال قىلىنىش دەرىجىسى بۇ بايلىق مەنبەلىرىنىڭ تەبىئىي قانۇنىيەت بويىچە يېڭىلىنىش دەرىجىسىدىن ئېشىپ كەتكەنلىكى سەۋەبىدىن، ھازىر بىخلىنىش ھالىتىدە تۇرغان خىتاي ئىقتىسادى ھەمدە تىزدىن ئۆسۈۋاتقان نوپۇسىنى تايىنىدىغان مۇقىم ھاياتلىق مەنبەسى بىلەن تەمىن ئېتىشنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن، خىتاي ھازىر سادىر قىلغان خاتالىقلارنى تۈزىتىشتە پەقەت كەلگۈسىدىكى 20 يىلى ئىنتايىن ئەجەللىك دەپ ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
1961 - يىلىدىن بۇيان خىتايدا سۇ ۋە يەر ئىشلىتىش نىسبىتى ئىككى ھەسسە ئاشقان
مەلۇم بولۇشىچە، خىتايدا ھازىر مەۋجۇت نوپۇسىنىڭ سۇ ۋە يەر ئىشلىتىش نىسبىتى بۇيىچە ھېسابلىغاندا،خىتايدا ھەر بىر ئادەم 1.6 گېكتار زېمىندىكى بايلىقتىن پايدىلىنىپ ھايات كەچۈرىدىغان بولۇپ، گەرچە بۇ 2.2 گېكتارلىق خەلقئارالىق ئوتتۇرىچە ئۆلچەمدىن ھازىرچە تۆۋەن بولسىمۇ، ئەمما بۇ نىسبەت 1961 - يىلىدىكىدىن ئىككى ھەسسە ئاشقان.
رويتېرستا بۇ ھەقتە مىسال قىلىنغان ئانالىزدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئەگەر خىتاي ئىقتىسادى تەرەققىياتى ۋە ھايات كەچۈرۈشتە سەرپ قىلىنىدىغان تەبىئىي بايلىقلارنى ئىشلىتىش دەرىجىسىنى مۇشۇ خىل تېزلىك ۋە نىسبەتنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن ئىككى خىل تاللاشقا يەنى، بىر بولسا، ئادەم ياشاشقا ماس يەر ۋە سۇ كۆلىمىنى بىر ھەسسە ئاشۇرۇش، بىر بولسا خىتايدا مەۋجۇت بولغان بايلىقتىن پايدىلىنىش نىسبىتىنى بىر ھەسسە كېمەيتىپ 0.8 گېكتارلىق چەككە چۈشۈرۈشكە دۇچ كېلىدىكەن.
"ئىنسانلار ھايات ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن يەر شارىغا ئوخشاش يەنە بىر پلانېتقا ئېھتىياجلىق بولىدۇ"
تەبىئەتنى قوغداش خەلقئارا فوندى جەمئىيىتى 10 - ئىيۇن ئېلان قىلماقچى بولغان "خىتاي: ئادەم ياشاشقا باپ كېلىدىغان زېمىن ۋە ئىنسانلار پاراۋانلىقى" ناملىق دوكلاتنىڭ ئاساسىي مەزمۇنلىرى رويتېرس ئاگېنتلىقىدا خەۋەر قىلىنغان بولۇپ، بۇ ھەقتىكى خەۋەردە بىلدۈرۈلىشىچە، دوكلاتتا، ئەگەر دۇنيا بايلىق مەنبەلىرىدىن پايدىلىنىش ھەمدە قالدۇق ئەخلەتلەرنى تاشلاش نىسبىتىنى ھازىرقى قەدەمدە داۋاملاشتۇرىدىغان بولسا، 2050 يىلىغا بارغاندا ئىنسانلار ھايات ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن يەرشارىغا ئوخشاش يەنە بىر پلانېتقا ئېھتىياجلىق بولىدۇ دەپ كۆرسىتىلگەن.
ئاۋسترالىيىدە چىقىدىغان ئېرا يەنى (TheAge) تورىدا مەزكۇر دوكلات تونۇشتۇرۇلۇپ ئېلان قىلىنغان ماقالىدە كۆرسىتىشىچە، خىتاي ھازىر دۇنيادىكى بارلىق ئېكولوگىيىلىك بايلىق ئىقتىدارىنىڭ 15 پىرسەنتىنى ئىستېمال قىلىدىغان بولۇپ، خىتايدىكى سانائەتلىشىش يەنە دۇنيادا نېفىت بىلەن تەمىنلەش ئېھتىياجىنىمۇ ئاشۇرۇۋەتكەن.
دوكلاتنىڭ ئاخىرىدا، خىتايدىكى تەبىئىي بايلىقلارنى خورىتىش مەسىلىسىگە تاقابىل تۇرۇشتا بىر نەچچە خىل ئىستراتېگىيىلىك تەكلىپ بېرىلگەن بولۇپ، بۇنىڭدا پاكىز ئېنېرگىيە تېخنولوگىيىسىگە مەبلەغ سېلىش، ئىخچام شەھەر تەرەققىياتىغا يۈزلىنىش، شەخسلەرمۇ ئۆز ئالدىغا مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى يېتىلدۈرۈش، يوشۇرۇن ئىسراپ قىلىشتىن ساقلىنىش، يەر باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش، ئۈنۈمدارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە كاربون گازىنى قويۇپ بېرىشنى كېمەيتىش قاتارلىقلار ئاساسى ئورۇندا تۇرىدۇ.