‏خىتاينى تىنچ ئۆزگەرتىشنىڭ ھەقىقىي كۈچ سالمىقى كۆرۈندى

بۈگۈن تىبەتلەرنىڭ تاغقا يامىشىش ماھىرى سېرىن ۋانمو خانىم خىتاينىڭ ئولىمپىك مەشئىلىنى دۇنيادىكى ئەڭ ئېگىز پەللىسى بولغان جۇمۇلاڭما چوققىسىغا يەتكۈزدى. ئۈرۈمچىدە بولسا خىتاينىڭ 'تەڭرىتاغ تورى' دا، "بۇنىڭدىن 9 يىل بۇرۇن ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى ناتو توغرا نىشانلانغان باشقۇرۇلىدىغان بومبا بىلەن يۇگۇسلاۋىيىدە خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ خادىملىرىنى ۋەھشىيلەرچە پارتلىتىپ ئۆلتۈرگەن ئىدى، بۈگۈنكى كۈندە غەرب ئۇچۇر ۋاستىلىرى يەنە، تىبەت مۇستەقىلچىلىرىنى قوللاپ، بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلىدىغان ئولىمپىك مۇسابىقىسىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىۋاتىدۇ، شۇ سەۋەبتىن جۇڭگودا 'ۋەتەنپەرۋەرلىك' خاھىشى يۇقىرى ئۆرلەۋاتىدۇ،" دەپ تەسۋىرلەپ بىر ماقالە ئېلان قىلدى.

0:00 / 0:00

مۇشۇ كۈندە، خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتىنىڭ ئۇچۇر ۋاسىتىسى بولغان 'كۆزۈتۈش جۇرنىلى' ئولىمپىك مەشئىلى ۋەقەلىرى ۋە غەربنىڭ خىتايغا قارىتا قوللىنىۋاتقان تىنچ ئۆزگەرتىش تاكتىكىسى دۇچ كەلگەن قىيىنچىلىقلار ھەققىدە مۇلاھىزە يۈرگۈزۈلگەن بىر ماقالە ئېلان قىلدى.

تىنچ ئۆزگەرتىش تەسەۋۋۇرىدىكى خاتالىق

‏-‏-‏- غەربنىڭ خىتايغا قارىتا تىنچ ئۆزگەرتىش تاكتىكىسى قوللىنىشنى ئامېرىكىنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئەدىسون ئەپەندى 1945 ‏- يىلىدىن 1953 ‏-يىلىغىچە ۋەزىپە ئۆتىگەن ئامېرىكا پرېزىدېنتى ترومانغا يازغان دوكلاتىدا ئوتتۇرىغا قويغان تەشەببۇس ئىدى، ‏-‏-‏- دەپ بايان قىلىنىدۇ يۈيەن ئەپەندىنىڭ 'كۆزۈتۈش جۇرنىلى' دا بۈگۈن ئېلان قىلغان ئولىمپىك مەشئىلى ۋەقەلىرى ۋە غەربنىڭ خىتايغا قارىتا قوللىنىۋاتقان تىنچ ئۆزگەرتىش تاكتىكىسى دۇچ كەلگەن قىيىنچىلىقلار مۇلاھىزە قىلىنغان بۇ ماقالىسىدە، ‏-‏-‏-‏- ئۇ دوكلاتىدا 'خىتاينىڭ ئۇزۇن يىللىق تارىخى ۋە دېموكراتىك شەخسىيەتچىلىك خىتايدا ھامان غەلىبە قازىنىپ، سىرتتىن كىرگەن تۈزۈمنى ئاغدۇرۇپ تاشلايدۇ. بىزنىڭ خىتايدا رىغبەتلەندۈرىدىغىنىمىز دەل مۇشۇنداق ئۆزگىرىشنىڭ جەريانى بولۇشى كېرەك' دەپ كۆرسەتكەن. شۇنىڭدىن كېيىن ئامېرىكىنىڭ خىتاينى تىنچ ئۆزگەرتىش تاكتىكىسى 1949‏- يىلىدىن باشلاپ يولغا قويۇلۇۋاتىدۇ.

ئاپتور بۇ ماقالىسىدە، خىتاينى تىنچ ئۆزگەرتىش تەسەۋۋۇرىدىكى خاتالىقنى بايقىغان. ئۇنىڭ بايان قىلىشىچە، بۇ تەسەۋۋۇردا خىتاينى سانائەتلىشىش باسقۇچىدا تۇرىۋاتىدۇ؛ بۇ باسقۇچتا ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ ئېھتىياجى سىياسىي جەھەتتە دېموكراتىيىلىشىشتىن يۇقىرى ئورۇندا تۇرىدۇ؛ خىتاينىڭ دۆلەت رەھبەرلىرى دۆلەتنى سانائەتلەشتۈرۈش بىلەن دۆلەت پۇقرالىرىنىڭ تۇرمۇش سەۋىيىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئىشىدا زور سىناققا دۇچ كېلىدۇ؛ بۇ جەرياندا پەيدا بولغان ۋاسىتىلىق بېسىم ئارقىلىق خىتاينىڭ تۆتىنچى ۋە بەشىنچى ئەۋلاد رەھبەرلىرىدە سۈپەت ئۆزگىرىشى پەيدا بولۇپ، خىتاينىڭ ھاكىمىيەت خاراكتېرى ئۆزگىرىدۇ؛ ئولىمپىك مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈش خىتايدا يۈز بەرگۈسى ئۆزگىرىشنى تېزلىتىشى مۇمكىن، دەپ قارالغان.

‏ئاپتورنىڭ بايان قىلىشىچە، بۇ تەسەۋۋۇردىكى ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئۆزلىكىدىن دېموكراتىك تۈزۈمگە يۈزلىنىدۇ، دېگەن كۆز قاراشنىڭ، ئەمەلىيەتتە ماركسىزمنىڭ ئىقتىسادىي ئاساس ئۈستقۇرۇلمىنى بەلگىلەيدۇ، دېگەن ئاساسىي نەزەرىيىسىگە ئوخشاپ كېتىدىغان يېرى بولغانلىقى ئۈچۈن، خىتاي بۇ كۆز قاراشنى ئۆزىنىڭ پرولېتارىيات دىكتاتورىسىنى مۇستەھكەملىشى ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇپ كەتتى.

‏-‏-‏- تارىخقا قارايدىغان بولساق دەيدۇ ئاپتور بايانىدا، ‏-‏-‏- ئەينى ۋاقىتتا گىتلېرنىڭ ئۇرۇشخۇمار تەبىئىتى ئولىمپىك مۇسابىقىسى ئۆتكۈزگەنلىكى ئۈچۈن ئۆزگەرمىگەن ئىدى. ياپونىيىمۇ ئىقتىسادنى تەرەققى قىلدۇرۇش ئارقىلىق تىنچلىقپەرۋەر دۆلەتكە ئايلانمىغان ئىدى. بەلكى بۇ دۆلەتلەردە مىللەتچىلىك خاھىشى ئەركىن دۆلەتلەردىكىدىن ئېشىپ كەتكەن. بۇ دۆلەتلەردە ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئارقىلىق يېڭىدىن پەيدا بولغان ئىجتىمائىي تەبىقىلەر ۋە زىيالىيلارمۇ مۇستەبىتلىككە قارشى تۇرىدىغان كۈچكە ئايلانماي، بەلكى ئۇلارنىڭ ناتسىست تۈزۈمىنى قوللىشى ھەر قانداق ۋاقىتتىكىدىن ئېشىپ چۈشكەن ئىدى. ئەمەلىيەتتە، پەقەت ئىقتىسادىي تەرەققىيات باشلىنىشتىن بۇرۇنلا دېموكراتىك تۈزۈم تىكلىنىپ بولغان دۆلەتلەردىلا، ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئارقىلىق زور باياشاتلىق ۋە دېموكراتىك تۈزۈمنىڭ كېڭىيىشى بارلىققا كەلگەن ئىدى.

زىيالىيلارنىڭ سېتىۋېلىنىشى

‏-‏-‏- 19 ‏- ئەسىردە يۈز بەرگەن ئەركىنلىك ئىنقىلابىي ئەڭ قابىلىيەتلىك زىيالىيلارنى ھۆرمەتلەپ ئۆز سېپىگە قېتىۋالالمىغانلىقى ئۈچۈن، زىيالىيلار ئەينى ۋاقىتتا ئەركىنلىككە قارشى كۈچلەرنىڭ مەنبەسى بولۇپ قالغان ئىدى، ‏-‏-‏- دەپ مۇلاھىزە قىلىنىدۇ بۇ ماقالىدە، - كېيىنكى ۋاقىتتىكى كۈچلۈك سوۋېت ئىتتىپاقىمۇ يەنىلا مۇشۇنداق قارشى كۈچلەر تەرىپىدىن يىمىرىپ تاشلاندى. ھازىر خىتاي ھۆكۈمىتى بولسا ئەڭ قابىلىيەتلىك زىيالىيلارنى سېتىۋېلىپ ئۆز سېپىگە قوشۇۋالدى، بۇ مەسىلە ھازىر خىتاينى تىنچ ئۆزگەرتىشنى تېخىمۇ قىيىنلاشتۇرۇپ قويماقتا.

جەمئىيەتنى ئۆزگەرتىدىغان كۈچلەرنىڭ بىلىم مەنبەسى بولغان ئەڭ قابىلىيەتلىك زىيالىيلار ھازىر خىتايدا ، مەنپەئەت يېمىگە قىزىقتۇرۇلۇپ ياكى بېسىم بىلەن بوي سۇندۇرۇلۇپ، ھەتتا ۋاقىتلىق ھەمكارلىق ئۈچۈن جېنىنى تىكىپ قويغان خەتەرلىك كۈچلەرگە ئايلىنىپ قالدى.

خىتاينى تىنچ ئۆزگەرتىشنىڭ ھەقىقىي كۈچ سالمىقى نېمە؟

‏-‏-‏- ئولىمپىك مەشئىلىنى ئۇزۇتۇش پائالىيىتىدە مەلۇم بولدىكى، ‏-‏-‏- دەپ مۇلاھىزىسىنى داۋاملاشتۇرىدۇ ئاپتور، - خىتاينىڭ تىنچ ئۆزگىرىشىنى كۈتۈپ تۇرغان فرانسىيە ھۆكۈمىتى خىتاي تەرىپىدىن يەتكىچە ئەخمەق قىلىنىپ، يا چاۋاك چالالمايدىغان يا قارشى تۇرالمايدىغان ئەھۋالغا چۈشۈپ قالدى.

بۇنداق مىساللاردىن قارىغاندا، خىتايدا كەلگۈسىدە ئۆزگىرىش پەيدا قىلىدىغان كۈچ سالمىقى - ئىقتىسادىي تەرەققىيات جەريانىدا مەيدانغا كەلگەن يېڭى ئىجتىمائىي تەبىقە ياكى زىيالىيلار ئەمەس، بەلكى جەمئىيەتتىكى ئەنئەنىۋى قاتلام، يەنى دېھقانلارنىڭ يەر-زېمىننى خۇسۇسىيلاشتۇرۇش ھەرىكىتى، ئىشچىلارنىڭ ئەقەللىي ئېھتىياجىنى كاپالەتلەندۈرۈش تەلىپى، دىنى تەشكىلاتلارنىڭ ئۆز ئىشىغا ئۆزى ئىگە ئىگىدارچىلىق ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈرۈش كۈرىشى قاتارلىق ھەرىكەتلەردىن ئىبارەت بولۇپ قالدى.

بۇنىڭ خىتاينى تىنچ ئۆزگەرتىشتىكى كۈچ بولالايدىغانلىقى ھازىر تىبەت ۋەقەلىرىدە ئىسپاتلاندى. تەسەۋۋۇر قىلىشقا بولىدۇكى،‏-‏-‏- دەيدۇ ئاپتور مۇلاھىزىسىدە،- مەلۇم زوراۋان كۈچ بولمىسا، خىتايدا ئۆزگىرىش پەيدا قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش قېيىن. خىتاينىڭ ئۆزگىرىشى تىنچ شەكىل بىلەن ئەمەس، زوراۋانلىق بىلەن ئىشقا ئاشىدۇ دەپ ئىشىنىشكە بولىدۇ. "ئەگەر ھۆكۈمەتنىڭ زوراۋانلىقىدا خەلقنىڭ ئېقىۋاتقان كۆز يېشى قۇرۇمىسا، كىشىلەر ئۆزىنىڭ خۇدا ئاتا قىلغان تەبىئىي ھوقۇقىغا تايىنىپ ئۇنى ئاغدۇرۇشتىن ئۆزگە چارىسى يوق" دېگەن دانا ھۆكۈمگە ئاساسلانغاندا، ئەگەر خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئۆزگەرتىش مۇمكىن بولمىسا، زوراۋانلىق بىلەن ئۆزگەرتىش ئەڭ ئاخىرقى چارە بولۇپ قېلىشى مۇمكىن. بۇنىڭ ئۈچۈن، كىشىلەر ئۆزىنىڭ مۇتلەق ئەقىدىسىدە داۋاملىق چىڭ تۇرۇشقا، ھەتتا ئەركىنلىك ئۈچۈن زۆرۈر بولغاندا جاننى تىكىشكە توغرا كېلىدۇ.