خىتاي ھۆكۈمىتى يېڭى بەلگىلىمە چىقىرىپ، مەھبۇسلارنىڭ تەن جازاسى ئاستىدا ئېلىنغان ئىقرارنامىسىنى سوت مەھكىمىسىدە پاكىت ئورنىدا قوبۇل قىلىش چەكلىنىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. يېڭى بەلگىلىمە ھەققىدىكى مەلۇمات يەكشەنبە كۈنى خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىنىڭ تور بېتىدە ئېلان قىلىنغان باياناتىدا تەكىتلەنگەن بولۇپ، بەلگىلىمىدە تەن جازاسىغا تايىنىپ ئېلىنغان پاكىت، تەھدىت ۋە زورلۇققا تايانغان گۇۋاھلىقنىڭ پۈتۈنلەي ئىناۋەتسىز ئىكەنلىكى ۋە رەت قىلىنىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن. بۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تۇنجى قېتىم تەن جازاسى ۋە تەھدىت ئاستىدا ئېلىنغان پاكىتنى قانۇنسىز ۋە ئىناۋەتسىز دەپ ئېلان قىلىشىدۇر.
خىتاي دۇنيادىكى ئۆلۈم جازاسىنى ئەڭ كۆپ ئىجرا قىلىدىغان دۆلەت. خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىغا قارىغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتى 2008 - يىلى ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىپ، ئىجرا قىلىنغان مەھبۇسلارنىڭ سانى ئاز دېگەندە 1718 نەپەر بولۇپ، بۇ، شۇ يىلى دۇنيا مىقياسىدا ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلارنىڭ ئومۇمى سانىدىن كۆپ. بەزىلەر مەزكۇر بەلگىلىمە ئۆلۈم جازالىرىنى قىسقارتىپ، مەھبۇسلارنى ئىقرارغا مەجبۇرلاش ئەھۋاللىرىنىڭ ئازىيىشىغا تۈرتكە بولۇشىنى كۈتمەكتە. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى دىلشات رىشىت مەزكۇر بەلگىلىمىنى توغرا يولغا قاراپ بېسىلغان "ئىجابىي قەدەم" دەپ ئەسكەرتىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنى مەزكۇر بەلگىلىمىنى ئۇيغۇر ئېلىدە ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە چاقىردى.
بۇ يىل 5 - ئايدىكى ئامېرىكا -خىتاي كىشىلىك ھوقۇق دىئالوگىدا مۇزاكىرە قىلىنغان نېگىزلىك مەسىلىلەرنىڭ بىرى، دۆلەتنى قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىپ، پۇقرالارنىڭ ئادىلانە سوتلىنىش ھوقۇقىغا كاپالەتلىك قىلىش مەسىلىسى ئىدى. خىتاي ب د ت نىڭ تەن جازاسىغا قارشى تۇرۇش ئەھدىنامىسىغا ئىمزا قويغان دۆلەت بولسىمۇ، لېكىن تەن جازاسىنى ئىجتىمائىي جىنايەتچى ۋە سىياسى ئۆكتىچىلەرگە قارشى قوللىنىش بىلەن ئەيىبلىنىۋاتقان ئەللەرنىڭ بىرىدۇر.
ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ ئالىي دەرىجىلىك مۇپەتتىشى مانفرېد نوۋاك 2005 - يىلى 12 - ئايدا بېيجىڭ، ئۈرۈمچى ۋە لخاسادىكى خىتاي تۈرمىلىرىنى زىيارەت قىلىپ، خىتايدا تەن جازاسىنىڭ ئومۇميۈزلۈك مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى. نوۋاك شۇ قېتىمقى سەپىرىدە ئۈرۈمچىدىكى 1 - تۈرمىنى زىيارەت قىلىپ، يازغۇچى نۇرمۇھەممەت ياسىن بىلەن كۆرۈشۈش پۇرسىتىگە ئېرىشكەن ئىدى. نوۋاكنىڭ ئاشكارىلىشىغا قارىغاندا، نۇرمۇھەممەت ياسىن ئۇنىڭغا ئۆزىنىڭ تەن جازاسىغا ئۇچرىغانلىقىنى ئېيتقان.
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى تەن جازاسى ئاستىدىكى ئىقرارنامە ئۇيغۇر سىياسىي ئۆكتىچىلىرىنى ئۇزۇن مۇددەتلىك قاماققا بۇيرۇش ياكى ئۆلۈم جازاسى ھۆكۈم قىلىش ۋەقەلىرىدە ئومۇميۈزلۈك پاكىت ئورنىدا ئىشلىتىلىۋاتقان رايوندۇر. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىدىكى دىلشات رىشىت نازۇك سىياسىي دېلولاردا ساقچىنىڭ ھەرىكىتىگە چەكلىمە قويۇپ، مەھبۇسلارنىڭ ھوقۇقىغا كاپالەتلىك قىلىدىغان تەرەپسىز ئەدلىيە مىخانىزىمى يوقلۇقىنى، بۇ ئەھۋالدا سىياسىي مەھبۇسلارنىڭ تەن جازاسىغا ئۇچرىماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىشنىڭ قىيىنلىقىنى بىلدۈردى.
لېكىن، خىتاي قانۇن ساھەسىدىكى مۇتەخەسسىسلەر مەھبۇسلارنىڭ ھوقۇقىنى قوغداش مەزمۇنىدىكى بۇ يېڭى بەلگىلىمىنى زور ئىلگىرىلەش دەپ قارىماقتا. خىتاي خەلق ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ قانۇن پروفېسسورى فەن يۈي بىرلەشمە ئاگېنتلىقىغا بەرگەن بۇ ھەقتىكى مۇلاھىزىسىدە "قانۇنسىز يوللار بىلەن پاكىتقا ئېرىشىش مەسىلىسى جۇڭگودا ئۇزۇندىن بېرى تالاش - تارتىش قىلىنىپ كېلىۋاتقان مەسىلە. ھازىر ھۆكۈمەت بۇ مەسىلىدە زور قەدەم ئاتتى" دېگەن.
مەزكۇر بەلگىلىمىنىڭ ئېلان قىلىنغان ۋاقتى "جاۋ زۇخەي ۋەقەسى" خىتاينىڭ مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىدا زور غۇلغۇلا قوزغاپ، خىتاي ئەدلىيە سىستېمىسى شىددەتلىك تەنقىدكە ئۇچراۋاتقان مەزگىلگە توغرا كەلگەن ئىدى.
جاۋ زۇخەي 1999 - يىلى ئىز - دېرەكسىز يوقاپ كەتكەن بىر خىتاي پۇقراسىنى ئۆلتۈرۈش بىلەن ئەيىبلىنىپ، مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان. سوت مەھكىمىسى ئۇنىڭ ساقچىلارغا بەرگەن ئىقرارىغا ئاساسەن ھۆكۈم چىقارغان بولۇپ، ئۇ تەن جازاسى ئاستىدا "جىنايەت" سادىر قىلغانلىقىنى قوبۇل قىلغان ئىدى. لېكىن يېقىندا جاۋ زۇخەي تەرىپىدىن
"ئۆلتۈرۈلگەنلىكى" ئىلگىرى سۈرۈلگەن خىتاي پۇقراسى تۇيۇقسىز پەيدا بولۇپ قېلىپ، جاۋنىڭ گۇناھسىز ئىكەنلىكى ئاشكارىلانغان. بۇ ۋەقە خىتاي ئەدلىيە سىستېمىسىدىكى "ئادالەت" مەسىلىسىنى ئاشكارىلاپ، كىشىلەردە خىتاي قانۇنىنىڭ "ئادالىتى"گە بولغان گۇماننى چوڭقۇرلاشتۇرغان ئىدى.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.