تەن جازاسىغا ئۇچرىغان ئۇيغۇر سىياسىي مەھبۇسلىرى توغرىسىدىكى دوكلات ب د ت غا يوللاندى

ئۇيغۇر سىياسىي مەھبۇسلىرىنىڭ خىتاي تۈرمىلىرىدە قىيىن - قىستاقلارغا ئۇچرىشى ئومۇملاشقان ھادىسە بولۇپ، خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى، ب د ت ۋە ياۋرۇپا پارلامېنتى يىللاردىن بۇيان بۇ مەسىلىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئىزچىل ئەيىبلەپ كەلگەن ئىدى.

0:00 / 0:00

د ئۇ ق رەھبەرلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي تۈرمىلىرىدە ئېغىر قىيىن - قىستاقلار ۋە رەھىمسىز تەن جازالىرىغا يولۇققان ئۇيغۇر سىياسىي مەھبۇسلىرى توغرىسىدا قۇرۇلتاي باش شىتابى تەرىپىدىن ھازىرلانغان مەخسۇس بىر دوكلات، ئالدىنقى ھەپتە ب د ت قىيىن - قىستاققا قارشى تۇرۇش كومىتېتىغا يوللانغان. د ئۇ ق نىڭ باش كاتىپى، ياۋرۇپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بۇ مۇناسىۋەت بىلەن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بىزگە ئەتراپلىق مەلۇمات بەردى.

بۇ يىل 11 - ئايدا ب د ت قىيىن - قىستاققا قارشى تۇرۇش كومىتېتى جەنۋەدە يىغىن چاقىرىپ، خىتايدىكى تەن جازاسى مەسىلىسى توغرۇلۇق مۇزاكىرە ئېلىپ بارىدىكەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، د ئۇ ق يەنە بۇ يىل 11 - ئايدا خەلقئارا تەشكىلاتلار بىلەن بىرلىشىپ، ب د ت باش شىتابىدا خىتايدىكى قېيىن - قىستاقلار توغرۇلۇق مەخسۇس يىغىن چاقىرىدىكەن ۋە خىتاي تۈرمىلىرىدە دەھشەتلىك زۇلۇمغا ئۇچرىغان ئۇيغۇرلارنى تىرىك شاھىدلار سۈپىتىدە مەيدانغا چىقىرىدىكەن.

ئۇزۇن يىل خىتاي تۈرمىسىدە ئازاپ چەككەن شۋېتسىيىدىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى ئابدۇرېشىت ھاجى كېرىمى ئەپەندى، خىتاينىڭ يالغۇز تۈرمىدىكى ئۇيغۇر سىياسىي مەھبۇسلارنى ۋەھشىلەرچە قىيناش، ئۆلتۈرۈش بىلەن شۇغۇللىنىپلا قالماستىن، خىتاي زۇلمىغا قارشى كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىققان ئۇيغۇر ئەركىنلىك جەڭچىلىرىنى قىرغىن قىلىپ تاشلاۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالدى ۋە 27 - ئاۋغۇست قىزىلبۇيا ۋەقەسىنى بۇنىڭ بىر دەلىلى قىلىپ كۆرسەتتى.