" 2017 - يىلى خىتايدا توپىلاڭ يۈز بېرىدۇ "

خىتايدا داۋام قىلىۋاتقان سىياسىي زۇلۇم ۋە ئىقتىسادى تەرەققىيات خىتاينى قانداق ئاقىۋەتلەرگە گىرىپتار قىلىدۇ؟ خىتاينىڭ ئىستىقبالى زادى قانداق؟ بۇ سوئالغا بېرلىنلىق فىزىكا ئالىمى ۋە جەمئىيەتشۇناس پروفېسسور كالبېرىس ئەپەندى جاۋاب بەرگەن. ئۇ 6 - ئاينىڭ 28 - كۈنى گېرمانىيە ھەپتىلىك مۇھىم تېمىلار مۇنازىرىسى ژۇرنىلىدا ماقالە ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ كەلگۈسىگە بولغان قىياسلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

0:00 / 0:00

بۇ ئەسەرنى كۆرگەن ياۋرۇپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكى تەشكىلاتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى تۇرسۇن ئەپەندى، خىتايدىكى ئۆزگىرىشنىڭ ئەمەلگە ئاشمايدىغان مەسىلە ئەمەس، بەلكى پەقەتلا ۋاقىت مەسىلىسى ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

مەملىكەت خاراكتېرلىك ئومۇمى توپىلاڭ

كالبېرىس ئەپەندى سۆزىدە، 2008 - يىلدىن كېيىن خىتايدا يەرلىكلەرنىڭ قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ ئۈزلۈكسىز باش كۆتۈرىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ مۇنداق دەيدۇ: "خىتايدىكى يېزىلىقلار بىلەن شەھەرلىكلەرنىڭ تۇرمۇش سەۋىيىسىدىكى پەرقنىڭ ئارتىپ بېرىشى ۋە تۇرمۇش شارائىتلىرىدىكى ئادالەتسىزلىكلەر، ھۆكۈمەتنىڭ چىرىكلىكى، مۇھىت بۇلغىنىشى تۈپەيلى پەيدا بولىدىغان كېسەللىكلەر سانىنىڭ ھەسسىلەپ ئارتىپ بېرىشى 2008 - يىلدىن كېيىن خىتايدا ئالدىنى ئالغۇسىز زور قارشىلىقلارنى مەيدانغا كەلتۈرىدۇ. 2015 - يىلىغا يەتكەندە، بۇ خىل قارشىلىقلار مەملىكەت خاراكتېرلىك ئومۇمى خەلق توپىلىڭىغا ئايلىنىشقا باشلايدۇ."

كالبېرىس ئەپەندى يەنە، خىتاينىڭ ئۇچقاندەك ئىلگىرىلەۋاتقان ئىقتىسادى تەرەققىياتى پەيدا قىلىدىغان پاجىئەلەر ھەققىدە توختىلىپ: "چەكلىمىسىز ئېشىۋاتقان ئىقتىسادى كېرىم مىليونلىغان ئىنسانلارغا زىيانكەشلىك قىلىدۇ. خىتايدىكى ئىقتىسادى شەرەپ بىلەن ئىجتىمائىي پاراۋانلىق نەزەرىيىسى جەمئىيەت ئادالەتسىزلىكى بىلەن جەمئىيەتكە بولغان بۇزغۇنچىلىق كېلىماتىنىڭ ئالدىنى ئالالمايدۇ. خىتايدا ئىقتىسادى كېرىم مەيلى قانچىلىك ئاشمىسۇن، ئۇ ئىنسانلار ۋە تەبىئىي مۇھىتقا بولغان غايەت زور زىيانكەشلىككە ئارا تۇرالمايدۇ" دەيدۇ.

"خىتايدا 2016 - يىلى تۇنجى قېتىم ئەركىن سايلام ئېلىپ بېرىلىدۇ "

2030 - يىلىدىن ئىلگىرىكى خىتاينىڭ تەرەققىيات مەنزىرىسى توغرىسىدا ئىلمىي قىياسلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان كالبېرىس ئەپەندى، "2017 - يىلى خىتايدا توپىلاڭ يۈز بېرىدۇ" ناملىق ئەسىرىدە، خىتايدىكى ئىجابىي ۋە سەلبىي تەرەققىيات توغرىسىدا ئەتراپلىق توختىلىپ ئۆتكەن. ئۇ خىتاي تەرەققىياتىنىڭ ئىجابىي تەرەپلىرىنى تىلغا ئالغاندا مۇنداق دېگەن: "خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسى ۋە دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ ئىچكى قاتلىمىدا، ئىسلاھاتچىلار گۇرۇھىنىڭ سادالىرى كۈچىيىدۇ. ئۇلار دۆلەتنىڭ ئاساسى نىشانىنى ئۆزگەرتىپ، ئىقتىسادى ئىگىلىككە تايىنىپ تۇرۇپ پۇقرالار جەمئىيىتى ۋە دېموكراتىك تۈزۈلمە بەرپا قىلىشنى تەلەپ قىلىدۇ."

كالبېرىس ئەپەندى يەنە، خىتايدىكى ئىجابىي تەرەققىيات ھەققىدە مۇنداق دېگەن: "2016 - يىلىغا بارغاندا ھەر قايسى ئۆلكە، شەھەرلەر تۇنجى قېتىم ئەركىن سايلام ئېلىپ بارىدۇ. يالغۇز كوممۇنىستىك پارتىيىلا ئەمەس، ھەر قايسى قانۇنلۇق تەشكىلاتلار سايلام نامزاتى بولىدۇ. ئۇلار ئۈچۈن ئالدىن شەرت بولسا، جەمئىيەت پاراۋانلىقى پرىنسىپىغا ھۆرمەت قىلىشتىن ئىبارەت. "

" دۆلەت رەئىسىنى خەلق بىۋاستە سايلايدۇ"

خىتايدىكى ئىجابىي تەرەققىياتنىڭ 2020 - يىلىغا كەلگەندە، خىتاينىڭ ھاكىمىيەت قاتلىمىغا تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى تىلغا ئالغان كالبېرىس ئەپەندى يەنە مۇنداق دەيدۇ: "2020 - يىلىغا بارغاندا، خىتاي دۆلىتىنىڭ مەركىزى ھاكىمىيىتى خىتايچە دېموكراتىيىلىشىش قەدىمىنى باسىدۇ. كوممۇنىستىك پارتىيىنىڭ خەلق قۇرۇلتىيىدىكى ۋەكىللىك نىسبىتى ئاران %25 نى ئىگىلەيدۇ. قالغان %75 ۋەكىلنى خەلق سايلام بىلەن بەلگىلەيدۇ.

بۇندىن باشقا، دۆلەت رەئىسىنى خەلق بىۋاستە سايلايدۇ. كومپارتىيە سىرتىدىكى زاتلار خەلق تەشكىلاتلىرى ۋە گۇرۇھلارنىڭ قوللىشى ھەمدە بىر مىليون كىشىلىك ئىمزاغا ئېرىشكەن ئەھۋال ئاستىدا، رەئىسلىك نامزاتى بولالايدۇ. ئاياللارنىڭ ھاكىمىيەتتىكى نىسبىتى %25 كە يېتىدۇ. خىتايدا 2024 - يىلى تۇنجى نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك چوڭ سايلام ئېلىپ بېرىلىدۇ ھەم نەتىجىلىك ئاخىرلىشىدۇ."

ھۆكۈمەت تەرىپىدىن چەتكە قېقىلغانلار ئېتىبارغا ئېرىشىدۇ

كالبېرىس ئەپەندى "2017 - يىلى خىتايدا توپىلاڭ يۈز بېرىدۇ" ناملىق قىياسىدا، 2020 - يىللاردىن كېيىن، خەلق ئىچىدە زور تەسىرگە ئىگە بولغان، لېكىن خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن نەزەردىن چۈشۈپ قالغان ياكى قەستەن چەتكە قېقىلغان مەشھۇر شەخسلەرنىڭ ھۆكۈمەتسىز تەشكىلاتلارنى قۇرىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

2030 - يىلىغا كەلگەندە، بۈيۈك جەمئىيەت ھەم ئېكولوگىيىلىك مۇھىتقا يۈزلىنىپ، كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئەڭ ئەقەللى قانۇن - تۈزۈم بىخەتەرلىكىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىشقا بارلىق ئاۋام خەلقنى سەپەرۋەر قىلىدىغانلىقىنى ھەمدە بەلگىلىك مۇكەممەللىكنى روياپقا چىقىرىدىغانلىقىنى تەكىتلەيدۇ.

" يەنە بىر قېتىم قانلىق قىرغىنچىلىق يۈز بېرىدۇ "

كالبېرىس ئەپەندى، بۈگۈنكى كۈندە يىلىغا 90 مىڭ قېتىمدىن ئارتۇق قارشىلىق يۈز بېرىۋاتقان، 200 مىليوندىن ئارتۇق ئادەم كۈنىگە بىر دوللارغا ئىشلەيدىغان خىتاي دۆلىتىنىڭ ئىقتىسادى تەرەققىياتىنىڭ سەلبىي تەرەپلىرى توغرىسىدا توختالغاندا، مال باھاسىنىڭ ئۇچقاندەك ئۆرلەيدىغانلىقىنى، ئىشسىزلىق ھەم نامراتلىقنىڭ ھەسسىلەپ ئاشىدىغانلىقىنى، بازار ئىگىلىكى ھەم يەر - مۈلۈك سودىسىنىڭ ۋەيران بولىدىغانلىقىنى، ئىقتىسادنىڭ سىرتقا ئېقىپ، ئىگىلىكنىڭ بىر ئىزدا توختاپ قالىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ كېلىپ، بۇنىڭ نەتىجىسىدە مەيدانغا كېلىدىغان سىياسىي ئاقىۋەتنى مۇنداق تەسۋىرلەيدۇ: " خۇ جىنتاۋ ۋە ۋېن جياباۋلارنىڭ قارشى تۇرۇشقا مادارى يەتمەسلىك سەۋەبىدىن يولغا قويۇلغان ئىسلاھاتتىن كېيىن، 2016 - يىلى كۈچلۈك گۇرۇھلار ئۇلارنى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلايدۇ. لېكىن ھاكىمىيەتنى تىزگىنىگە ئالغان بۇ كۈچلۈك گۇرۇھلارنىڭ مۇستەبىت ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدا، دۆلەت ھاكىمىيىتى ئاۋام خەلق بىلەن ئاشكارا دىئالوگ قۇرمايدۇ. ئاۋام خەلقنىڭ جەمئىيەتلەرگە ئۇيۇشۇشىنى چەكلەيدۇ. ئاكتىپلار زىيانكەشلىك ۋە جىنايەت بىلەن قارىلىنىدۇ. 2017 - يىلىغا كەلگەندە مەملىكەت خاراكتېرلىك توپىلاڭ يۈز بېرىدۇ. ئارمىيە ۋە ساقچى خەلقنى رەھىمسىزلەرچە باستۇرىدۇ. قانچە ئون مىڭلىغان كىشى قولغا ئېلىنىدۇ. ئۇلار دۆلەت بىخەتەرلىكىگە زىيانكەشلىك قىلغۇچى، ۋەتەن خائىنى، ھاكىمىيەتنى ئاغدۇرۇشنى پىلانلىغان ۋە ئۇرۇنغان دېگەن جىنايى بەتناملار بىلەن ئۇزۇن مۇددەتلىك قاماق جازالىرىغا ئۇچرايدۇ. باش بولغۇچىلار ئۆلۈم جازالىرىغا مەھكۇم قىلىنىدۇ. 2030 - يىلىدىن ئىلگىرىكى بۇ ئاپەت خاراكتېرلىك تەرەققىيات باسقۇچىنىڭ تۈپ مەنبىئى بولسا، كومپارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ئۆز ھوقۇقىنى ھەم ئىمتىيازىنى ساقلاپ قېلىشقا ئۇرۇنۇشى، دېموكراتىك تۈزۈلمە ھەمدە كاپىتالىزىمغا بولغان قارغۇلارچە ئۆچمەنلىكتىن قۇتۇلالمىغانلىقىدىن ئىبارەت."