خىتايدا نامايىشچىلار بىلەن ساقچىلار ئارىسىدا توقۇنۇش كېلىپ چىققان

گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى لۇفېڭ شەھىرىدىكى دېھقانلار 9-ئاينىڭ 21-كۈنى قوزغىلىپ، يەر سېتىپ تاپقان پۇلىنى يەۋالغان ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىغا قارشى نارازىلىق نامايىشى ئېلىپ بارغان.

فرانسىيە ئاۋازى رادىئوسىنىڭ 23-سېنتەبىر «گۇاڭدۇڭدىكى يېزا خەلقى يەر ساتقان پۇلىنى يەۋالغان ھۆكۈمەت ئەمەلدارىغا قارشى قوزغالدى» ناملىق خەۋىرىدە بايان قىلىنىشىچە، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى لۇفېڭ شەھىرى دۇڭخەي يېزىسىنىڭ ۋۇكۇۋەن كەنتىدىكى دېھقانلار 9-ئاينىڭ 21-كۈنى قوزغىلىپ چىقىپ، يەر سېتىپ تاپقان پۇلىنى يەۋالغان ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىغا قارشى نارازىلىق نامايىشى ئېلىپ بارغان. گېرمانىيە دولقۇنلىرى رادىئوسىمۇ بۈگۈن ئوخشاش مەزمۇندا خەۋەر تارقاتتى.

guangdong-lufeng-qozghilang-385.jpg
گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى لۇفېڭ شەھىرىدىكى قوزغىلاڭچىلارنىڭ ساقچى ئاپتوموبىلىنى ئۆرۈۋەتكەن كۆرۈنۈش. 2011-يىلى 22-سېنتەبىر. (AFP)

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ئىلگىرى بۇ يېزىنىڭ 3200 مو يېرى خوڭكوڭلىق بىر پۇلدارغا سېتىلغان. يەر سېتىشتىن كىرگەن پۇلدىن 700 مىليون يۈەننى يېزىدىكى ئەمەلدارلار يەۋالغان. بۇ قېتىم، مەبلەغ سالغان خوڭكوڭلۇق كىشى بۇ يەردە قۇرۇلۇش باشلىماقچى بولغاندا، يېزا خەلقى قوزغىلىپ چىقىپ نارازىلىق بىلدۈرگەن. يەرنى قايتۇرۇپ بېرىش تەلىپىدە بولغان. 21-سېنتەبىردىكى بۇ نامايىش تىنچ ئاخىرلاشقان. بىراق، يېزى خەلقى ئارىسىدا بىر ئۆسمۈر بالىنىڭ 21-سېنتەبىر كەچتە ساقچىلار تەرىپىدىن ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈلگەنلىك خەۋىرى تارقالغان. بۇنىڭ بىلەن غەزەپلىرى قايناپ تاشقان خەلق 22-سېنتەبىر كۈنى يەنە قوزغىلىپ، يېزىلىق ھۆكۈمەت ۋە ساقچىخانىنى قورشىۋالغان. خىتاي ھۆكۈمىتى كۆپ ساندا قوراللىق قىسىملارنى ئىشقا سېلىپ، بۇ قارشىلىقنى باستۇرماقچى بولغان.

خوڭكوڭدا چىقىدىغان نۇرلۇق گېزىتنىڭ بايان قىلىشىچە، نامايىشچىلار بىلەن ساقچىلار ئارىسىدا توقۇنۇش كېلىپ چىققان. نامايىش توپىلاڭغا ئايلىنىپ كەتكەن. توپىلاڭچىلار كالتەك-توقماقلار بىلەن قوراللىنىپ، خىش-كېسەكلەرنى ئېتىپ، 10 دىن ئارتۇق ساقچىنى يارىلاندۇرغان. يېزىلىق ھۆكۈمەت ۋە ساقچىخانىغا قورشاپ ھۇجۇم قىلغان. ئالتە دانە ساقچى ئاپتوموبىلىنى ئۆرۈۋەتكەن. ھۆكۈمەت، پارتكوم بىناسىنى ۋەيران قىلغان. خوڭكۇڭلۇق باينىڭ ئۆيىنىمۇ بۇزۇپ تاشلىغان ۋە ئۇ قۇرۇلۇش ئېلىپ بارماقچى بولغان يەردىكى ماشىنا-ئۈسكۈنىلەرگە بۇزغۇنچىلىق قىلغان. تۆت نەپەر توپىلاڭچى نەق مەيداندىن تۇتۇپ كېتىلگەن. ۋەقەدە ئۆلۈم-يېتىم ھادىسىلىرىنىڭ يۈز بەرگەنلىكى مەلۇم ئەمەس.

گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىدە مۇشۇ بىر يىل ئىچىدىلا كۆپ قېتىم ھۆكۈمەتكە قارشى ۋەقەلەر يۈز بەرگەن. بۇ يىل 6-ئايدا گۇاڭدۇڭ ئىشچىلىرىدىن ئون مىڭلىغان كىشى مائاشىنى ئۆستۈرۈپ بېرىشنى تەلەپ قىلىپ نامايىش ئۆتكۈزۈپ، ساقچى تەرەپ بىلەن قانلىق توقۇنۇشقا كىرىپ قالغان. يەنە شۇ 6-ئايدا مىڭلىغان ياقا يۇرتلۇق ئىشچىلار قوزغىلىپ چىقىپ، خىتاي ساقچى تەرەپ بىلەن قانلىق توقۇنۇش ئېلىپ بارغان. بۇ توقۇنۇشقا ھامىلىدار بىر ئايالنىڭ ئامانلىق ساقلىغۇچىلار تەرىپىدىن قاتتىق ئۇرۇلغانلىق خەۋىرى سەۋەبچى بولغان. نامايىشچىلارنىڭ ساقچىلارغا تاش-كېسەك ئاتقان، بانكىنىڭ پۇل ئاپپاراتلىرىنى ۋە پوچتىخانىلارنى ۋەيران قىلغان كۆرۈنۈشلىرى خىتاي ت ۋ قاناللىرىدا كۆرسىتىلگەن. 2009-يىلى 26-ئىيۇن كۈنى شياۋگۇەندە ئۇيغۇرلارنى ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈش ۋەقەلىرىمۇ مۇشۇ گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىدە يۈز بەرگەن ئىدى. بۇنىڭ ئاقىۋىتىدە، ئۈرۈمچىدە 5-ئىيۇل قانلىق ۋەقەسى كېلىپ چىققان. بۇ خۇسۇستا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىدىن غەيۇر ئەپەندى ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

فرانسىيە ئاۋازى رادىئوسىنىڭ نۇرلۇق گېزىتتىن نەقىل ئېلىپ ئېيتىشىچە، خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرى بۇ قېتىمقى ۋەقەگە 200 ئەتراپىدا كىشى قاتناشتى دېگەن. ئەمما خوڭكوڭدا چىقىدىغان نەنخۇا سەھەر گېزىتىنىڭ نەق مەيداندىكىلەردىن ئۇچۇر ئىگىلەپ بايان قىلىشىچە، بۇ قېتىمقى قارشىلىق ھەرىكىتىگە نەچچە مىڭ كىشى قاتناشقان. 23-سېنتەبىردىن باشلاپ، ھۆكۈمەت تەرەپ مىڭلىغان قوراللىق قىسىمنى ھەرىكەتلەندۈرۈپ، ۋەقە يۈز بەرگەن يېزىنى قورشىۋالغان. يېزا ئەتراپىدىكى پۈتۈن يوللارنى قامال قىلغان. ۋەقەنىڭ بېسىقتۇرۇلغانلىقى توغرىسىدا تېخى ئېنىق مەلۇمات يوق. فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ بۈگۈن بېيجىڭدىن بەرگەن مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 23-سېنتەبىرمۇ بۇ رايوننىڭ ۋەزىيىتى يەنىلا جىددىي ئىكەن. رايون ئەتراپىدىكى چوڭ يوللارنىڭ قاتنىشى توسالغۇغا ئۇچرىغان. كىشىلەرنىڭ بۇ رايونغا كىرىپ-چىقىشى مەنئى قىلىنغان.