خىتاي ئولىمپىك ئاخبارات قائىدىسىنىڭ ۋاقىت چەكلىمىسىنى ئۇزارتتى

خىتاي بېيجىڭ ئولىمپىك يىغىنى مۇناسىۋىتى بىلەن چىقارغان "چەتئەللىك مۇخبىرلارنىڭ خىتايدىكى ئاخبارات خىزمەت قائىدىسى"گە دائىر بەلگىلىمە ئەتكەس بولۇشقا ئاز قالغاندا، مەزكۇر بەلگىلىمىنىڭ ئۇزارتىلغانلىقىنى جاكارلىدى.

0:00 / 0:00

مەزكۇر قائىدىدە چەتئەللىك مۇخبىرلارغا خىتايدىكى خالىغان يەرنى ۋە خالىغان كىشىنى زىيارەت قىلىش ھوقۇقى بېرىلگەن بولۇپ، بەزى تەشكىلاتلار بۇ قائىدىنىڭ ئۇزارتىلغانلىقىنى قارشى ئالغان بولسىمۇ، لېكىن يەنە بەزى تەشكىلاتلار بۇ قائىدىنىڭ ئەھمىيىتى قالمىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.

خىتاي ھۆكۈمىتى، 17 ‏ - ئۆكتەبىر كۈنى بېيجىڭ ئولىمپىك يىغىنى مۇناسىۋىتى بىلەن چىقارغان خىتايدىكى چەتئەللىك مۇخبىرلارنىڭ خالىغان جاينى ۋە خالىغان كىشىنى زىيارەت قىلىش ئەركىنلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش توغرىسىدىكى "ئاخبارات خىزمەت قائىدىسى" ئەتكەس بولۇشقا 15 مىنۇت قالغاندا بايانات ئېلان قىلىپ، مەزكۇر قائىدەنىڭ تۇراقلاشتۇرۇلغانلىقىنى جاكارلىدى.

مەزكۇر قائىدە خىتاينىڭ ئولىمپىك مەزگىلىدە كىشىلىك ھوقۇقنى ياخشىلاش، ئاخبارات ئەركىنلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش توغرىسىدىكى بىر قاتار ۋەدىلىرىنىڭ بىر قىسىمى بولۇپ، خىتاي مەزكۇر قائىدىنى2008 ‏ - يىلى 17 ‏ - ئۆكتەبىرگە قەدەر يولغا قويىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى. لېكىن خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ليۇ جيەنچاۋ 17 ‏ - ئۆكتەبىر جۈمە كۈنى مەزكۇر قائىدە ئەتكەس بولۇشقا ئاز قالغاندا بايانات ئېلان قىلىپ، مەزكۇر قائىدەنىڭ تۇراقلاشتۇرۇلغانلىقىنى تەكىتلىگەن. ئۇ مۇنداق دەيدۇ": بېيجىڭ ئولىمپىك يىغىنى مۇناسىۋىتى بىلەن چىقىرىلغان يېڭى مەتبۇئات قائىدىسىنىڭ ئاساسى پرىنسىپى ۋە روھى ئۈزلۈكسىز يولغا قويۇلىدۇ".

يېڭى بەلگىلىمە 23 ماددىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، يېڭى بەلگىلىمىدە كونا بەلگىلىمىدىكى خىتايغا كەلگەن چەتئەللىك مۇخبىرلار 7 كۈن ئىچىدە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا ئۆزىنى مەلۇم قىلىش، خىتاي پۇقرالىرىنى زىيارەت قىلماقچى بولسا ياكى بېيجىڭنىڭ سىرتىدىكى ئۆلكە - ئاپتونوم رايونلارغا بارماقچى بولسا رۇخسەت ئېلىش، دېگەن ماددىلار چىقىرىۋېتىلگەن ئىدى. خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئولىمپىك ئاخبارات قائىدىسىنى مۇقىملاشتۇرغانلىقى خەلقئارا تەشكىلاتلاردا ئوخشىمىغان پىكىر ۋە ئىنكاسلارنى قوزغىغان بولۇپ، بەزىلەر خىتاي دائىرىلىرىنىڭ قارارى مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە تېگىشلىك بىر ئىلگىرىلەش،دەپ قارىسا، يەنە بەزىلەر مەزكۇر بەلگىلىمىنى ئۇزارتىش ياكى بىكار قىلىشنىڭ ئەھمىيىتى قالمىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

مەزكۇر بەلگىلىمىنىڭ مۇقىملاشتۇرۇلغانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرگەن خەلقئارا ئاممىۋى ئورگانلارنىڭ بىرى چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتىدۇر. مەزكۇر تەشكىلات يەكشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان بۇ ھەقتىكى باياناتىدا خىتاي دائىرىلىرىنىڭ قارارىنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن، لېكىن مەزكۇر بەلگىلىمىنىڭ ھەقىقىي تۈردە ئىجرا قىلىنىشىنى، ئۇنىڭ يەرلىك مۇخبىرلارغا تەدبىقلىنىشىنى تەلەپ قىلغان. چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى باياناتتا مۇنداق دەيدۇ": چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 17 ‏ - ئۆكتەبىر كۈنى 2007‏ - يىلى ئولىمپىكنىڭ ئالدىدا يولغا قويۇلغان چەتئەللىك مۇخبىرلارنىڭ پائالىيىتىگە دائىر بەلگىلىمىنى دائىمىي قائىدىگە ئايلاندۇرغانلىقىنى قارشى ئالىدۇ..... ۋاقىت چەكلىمىسىگە ئىگە بۇ بەلگىلىمە ئەسلى ھۆكۈمەتنىڭ ساياھەت ۋە زىيارەت ئەركىنلىكىنى كەڭ قويۇۋېتىشتىكى دەۋر بۆلگۈچ ۋەقە بولۇپ قالاتتى. ئۈنۈمدار ئەركىنلەشتۈرۈش سىياسىتى چەتئەللىك مۇخبىرلارنىڭ ھوقۇقى ۋە مەنپەئەتىگە ھەقىقىي تۈردە ھۆرمەت قىلغان بولۇشى كېرەك. بۇ بەلگىلىمىدىكى پرىنسىپلار يەرلىك مۇخبىرلارغا تەدبىقلىنىشى لازىم".

چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى مەزكۇر بەلگىلىمىنىڭ دائىمىلاشتۇرۇلغانلىقىنى قارشى ئالغان بولسىمۇ، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بەلگىلىمىنى يولغا قويۇش جەريانىدا ئۇنىڭ روھىغا خىلاپ ئىشلارنى قىلغانلىقىنى تەنقىدلىگەن بولۇپ، "دائىرىلەر مەزكۇر بەلگىلىمە 2007 ‏ - يىلى يانۋاردا يولغا قويۇلغاندىن بېرى ئۇنىڭغا ئۈزلۈكسىز خىلاپلىقلارنى قىلىپ كەلدى " دەپ تەكىتلىگەن.

لېكىن مەركىزى ئامېرىكىنىڭ نيۇيورك شەھىرىدىكى مۇخبىرلار قوغداش كومىتېتى بولسا مەزكۇر بەلگىلىمىنى ئەتكەس قىلىش ياكى ۋاقىت قەرەلىنى ئۇزارتىشنىڭ ئەھمىيىتى قالمىدى، دەپ قارايدىغان مۇخبىرلار ھوقۇقىنى قوغدىغۇچى خەلقئارا ئورگانلارنىڭ بىرىدۇر. مەزكۇر كومىتېتنىڭ ئاسىيا ئىشلار كوردىناتورى باب دېيتز خىتاي ئاخبارات ئەركىنلىك بەلگىلىمىسى ئەتكەس بولىدىغان كۈنى رادىئومىزغا سۆھبەت ئېلان قىلىپ، چەتئەللىك مۇخبىرلارغا سۆھبەت ئېلان قىلغان پۇقرالارنىڭ تەھدىتكە ئۇچرىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

باب دېيتز مۇنداق دەيدۇ": زىيارەت ھەققىدىكى بەلگىلىمە يولغا قويۇلغانغا قارىماي، ساقچىلارنىڭ چەتئەللىك مۇخبىرلارغا سۆھبەت ئېلان قىلغان خىتاي پۇقرالىرىنى سۈرۈشتۈرگەنلىكى ھەققىدىكى ناھايىتى نۇرغۇن ۋەقەلەردىن خەۋىرىمىز بار. شۇڭا گەپنىڭ راستىنى ئېيتقاندا بىز چەكلىمىنى بوشىتىش چەتئەللىك مۇخبىرلارنىڭ ئەھۋالىدا چوڭ ئۆزگىرىش پەيدا قىلىدۇ، دەپ قارىمايمىز". خىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ ئاخبارات ۋاستىلىرىغا دوستانە مۇئامىلىدە بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن باب دېيتز، لېكىن ھازىرغا قەدەر بۇنداق ئەھۋالنىڭ يۈز بېرىپ باقمىغانلىقىنى، خىتاي ھۆكۈمىتى ئاخبارات ساھەسىدىكى ۋەزىيەتنى نۇقسانسىز كۆرسىتىشكە تىرىشىۋاتقانلىقىنى، لېكىن ئاخبارات ئەركىنلىكى يەنىلا بىر مەسىلە بولۇپ ساقلىنىۋاتقانلىقىنى، چەكلىمىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

لېكىن چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى خىتاينىڭ ئولىمپىك ئاخبارات بەلگىلىمىسىنى دائىمىيلاشتۇرغانلىقىغا بىر ئاز ئۈمىدۋار قاراۋاتقان تەشكىلاتلارنىڭ بىرى بولۇپ، بۇنىڭ چەكلىمىنى يەڭگىللىتىدىغانلىقى بولمىدى دېگەندە، " نەزەرىيىدە بولسىمۇ چەتئەللىك مۇخبىرلار خىتاينىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىغا رۇخسەتسىز بارالايدىغان، كىشىلەرنى زىيارەت قىلالايدىغان" ئەھۋالغا يېتىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

مۇخبىرلار قوغداش كومىتېتىدىكى باب دېيتيز بولسا چەتئەللىك مۇخبىرلارغا ئاخبارات چەكلىمىسى 2007 ‏ - يىلى بۇ چەكلىمە بىكار قىلىنىشتىن بۇرۇن ۋە ياكى بىكار قىلىنغاندىن كېيىنمۇ توختاپ قالمىغانلىقىنى ئەسكەرتمەكتە. ئۇ "چەتئەللىك مۇخبىرلار خىتاينى زىيارەت قىلىشتا بۇ بەلگىلىمە 2007 ‏ - يىلى بىكار قىلىنغاندىن كېيىنمۇ بۇرۇنقىغا ئوخشاش چەكلىمىگە ئۇچراپ كەلدى. بىز خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ چەكلىمىنى بوشاشتۇرۇش توغرىسىدىكى قائىدىنى بەزىدە چىڭ، بەزى بوش يولغا قويغانلىقىنى بىلىمىز. مەن ھازىرقى ئەھۋالدا خىتاي پۇقرالىرىنىڭ چەتئەللىك مۇخبىرلارغا سۆھبەت ئېلان قىلىشى يەنىلا خەتەرلىك، دەپ قارايمەن " دەيدۇ.

خىتاي ھۆكۈمىتى خىتايدىكى چەتئەللىك مۇخبىرلارنىڭ ئاخبارات قائىدىسىنى دائىمىيلاشتۇرۇش ئالدىدا خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ مەزكۇر بەلگىلىمىنى ئۇزارتىش ۋە يەرلىك مۇخبىرلارغا تەدبىقلاش ھەققىدىكى چاقىرىقى ھەم بېسىمىغا دۇچ كەلگەن بولۇپ، خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى بەلگىلىمە ئولىمپىكنىڭ يالدامىسى بولۇپ قالىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن، جۇڭگو كىشىلىك ھوقۇقى تەشكىلاتى "خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆز خەلقىنىڭ چاقىرىقىغا جاۋاب بېرىشى كېرەكلىكى" نى تەكىتلىگەن، خەلقئارا قەلەمكەشلەر جەمئىيىتى بولسا خىتايدا "ئاخبارات كونترولى ۋە يازغۇچىلارنىڭ پىكىر ئەركىنلىكى" ئېغىر مەسىلە بولۇپ قالغانلىقى، ھازىرقى ئەھۋالنىڭ 2007 ‏ - يىلى 12 ‏ - ئايدىكى ئەھۋالغا سېلىشتۇرغاندا ئېغىرلاشقانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

لېكىن شىنخۇا ئاگېنتلىقى بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بەلگىلىمىنى دائىمىيلاشتۇرغانلىقىنى مەدھىيىلىگەن بولۇپ، جۇڭگو خەلقئارا نەشرىيات گۇرۇھىنىڭ باشلىقى خۇاڭ يۇيى شىنخۇا ئاگېنتلىقىغا بەرگەن باياناتىدا خەلقئارا ئاخبارات ئورگانلىرىنى " جۇڭگو ھەققىدە توغرا خەۋەر بەرمەيدۇ" دەپ ئەيىبلىگەن.