ساقچى ئۇقتۇرۇشى: "مىللەت" كاتېگورىيىسىنى چوقۇم "ئەستايىدىل ۋە توغرا تولدۇرۇش"
ئۇقتۇرۇشتا كۆرسىتىلىشىچە، خەيديەن رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىك تارماق ئىدارىسىنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن ھازىردىن باشلاپ خەيديەن رايونىغا تەۋە ھەرقايسى مېھمانخانا ۋە يۇيۇنۇش ئورۇنلىرى ئۇيغۇر ۋە تىبەت مېھمانلارنى قوبۇل قىلغان بولسا، ئۇلارنىڭ تەپسىلىي ئەھۋالىنى دەرھال ساقچىغا مەلۇم قىلىش ۋە مەزكۇر مىللەتكە تەۋە مېھمانلارنى قوندۇرغاندا ئۇلارنىڭ گۇۋاھنامىلىرىنى تەپسىلىي تەكشۈرۈش تەلەپ قىلىنغان.
ئۇنىڭدىن باشقا يەنە، مېھمانخانىغا خېرىدار قوبۇل قىلغاندا "مىللەت" كاتېگورىيىسى چوقۇم "ئەستايىدىل ۋە توغرا تولدۇرۇش" تەلەپ قىلىنغان بولۇپ،ئېلاندا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ ئىشقا مەسئۇل ساقچى ئوفىتسېرىنى ئىسمى ۋۇ خۇ بولۇپ ئۇقتۇرۇشقا مەزكۇر ساقچىنىڭ يانفون نومۇرى بېرىلگەن.
مەلۇم بولۇشىچە، بۇ ھەقتىكى مۇنازىرىدە ئالدى بىلەن "
[ ئۇيغۇر تورىداOpens in new window ]
" ئېلىپ بېرىلغاندىن كېيىن، ئىنگلىز تىلىدا چىقىدىغان "يېڭى چېگرا" يەنى (
[ The New DominionOpens in new window ]
) تورىدا قانات يايدۇرۇلدى.
بىز ھەقتە ئۇچۇر ئىگىلەش ئۈچۈن، مەزكۇر ئۇقتۇرۇشنى چىقارغان خەيديەن رايونى خۇۋايۈئەن ساقچىخانىسىغا تېلېفون ئۇردۇق. تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان ساقچى يۇقىرىقى ئۇقتۇرۇشنىڭ ئەسلى بىر ھۆججەت ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلىغان بولسىمۇ ئەمما بۇ ئىشتىن ئۆزىنىڭ تازا خەۋىرى يوق ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ سوئاللىرىمىزغا داۋاملىق جاۋاب بېرىشنى رەت قىلدى.
"بۇ ھۆججەتنىڭ ئاساسلىق مەقسىتى شۇ، بىخەتەرلىك ئۈچۈن"
مەلۇم بولۇشىچە، بۇ خىلدىكى ئۇقتۇرۇش بېيجىڭ شەھىرىدىكى ھەرقايسى مېھمانخانا ۋە يۇيۇنۇش مۇلازىمىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئورۇنلارغا بىردەك چۈشۈرۈلگەن بولۇپ، تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان بېيجىڭ خەيدىيەن رايونىغا جايلاشقان بىر مېھمانخانا خادىمى، گەرچە ئۇيغۇر ۋە تىبەتلەرنى مېھمانخانىغا ئالمايدىغان ئېنىق بەلگىلىمە بارلىقىنى رەت قىلغان بولسىمۇ، ئەمما بۇ خىلدىكى كىشىلەر مېھمانخانىغا چۈشكەندە ئۇلارنىڭ تەپسىلىي ئەھۋالىنى مۇناسىۋەتلىك ساقچى ئورگانلىرىغا يوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
"شۇنداق بىزدە بۇ ھۆججەت بار، ئەمما مېھمانلار قوبۇل قىلىۋېرىمىز. بۇ ھۆججەتنىڭ ئاساسلىق مەقسىتى شۇ، بىخەتەرلىك ئۈچۈنغۇ دەيمەن."
ۋەھالەنكى، ناۋادا شۇنداق ئىكەن، بۇ خىل بەلگىلىمىنىڭ " ئۇيغۇر ۋە تىبەتلەر خەتەرلىك" دېگەن تونۇش پەيدا قىلىدىغان ياكى قىلمايدىغانلىقىغا قارىتا سورىغان سوئاللىرىمىز جاۋابسىز قالدۇردى.
تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان بۇ مېھمانخانىدىكى بىر مەسئۇل خادىم، جامائەت خەۋپسىزلىك ئورگانلىرىنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە، مېھمانخانىغا كىرگەن بارلىق مېھمانلارنىڭ تىزىمىنى جامائەت خەۋپسىزلىك ئورگانلىرىغا يوللايدىغانلىقىنى، بۇنىڭ پەقەت ئۇيغۇر ۋە تىبەتلەرگىلا قارىتىلغان بەلگىلىمە ئەمەسلىكىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، ئەمما پەقەت ئۇيغۇر ۋە تىبەتلەر ھەققىدە ئېنىق چۈشۈرۈلگەن يۇقىرىقى ھۆججەت ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: "بۇ بەلگىلىمىنىڭ تىبەت ۋە ئۇيغۇرلارغا قارىتا چىقىرىلىشىدىكى سەۋەب بولسا، بەلكىم ساقچىلارنىڭ ئۇلارغا ئالاھىدە قارىغانلىقىدىن بولسا كېرەك. لېكىن، سىز ئېيتقاندەك ئۇلارنى ياتاقتا ياتقۇزماسلىقتەك ئەھۋاللار بەلكىم يوق بولسا كېرەك."
بۇ خادىمىنىڭ جاۋابىدا يەنىلا مۈجىمەللىك مەۋجۇد بولۇپ، ئۇنىڭ جاۋابىدىكى "بەلكىم" ئاتالغۇسى، قارىماققا ئۇيغۇر ۋە تىبەتلەرنى مېھمانخانىلارغا قوبۇل قىلمايدىغان ئەھۋاللارنىڭ مەۋجۇد ئىكەنلىكنى پۈتۈنلەي رەت قىلالمايتتى.
ساقچى خادىمى :" بۇ يۇقىرىدىن كەلگەن ئۇقتۇرۇش"
بىز يەرلىك ئورگانلارغا بۇ ھەقتە ئۇچۇر ئىگىلەش ئۇچۇن تېلېفون ئۇرۇشنى داۋاملاشتۇردۇق. خۇايۇەن يولى ساقچى خانىسىدىكى بىر ساقچى خادىمى بۇ خىلدىكى ئۇقتۇرۇشنى چىقىرىش مەقسىتىنى ئېيتىپ بېرەلمەيدىغانلىقىنى بۇنى يۇقىرىنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن چىقارغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈلدى.
- سىلەر چىقارغان بۇ ئۇقتۇرۇشىنىڭ ئاساسلىق مەقسىتى نېمە؟
- ئاساسلىق مەقسىتى دەمسىز؟
- شۇنداق.
- بۇ دېگەن بەلگىلىمە.
- شۇنداق بەلگىلىمە بولسىمۇ ئۇنىڭ بىر مەقسىتى بولىدۇ-دە.
- بۇ ئىشنى ساقچىخانا باشقۇرىدىغان ئىش ئەمەس. بۇ يۇقىرىدىن كەلگەن ئۇقتۇرۇش.
گەرچە تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان ساقچى ئۇيغۇر ۋە تىبەتلەرگە ئالاقىدار يېڭىدىن چىقىرىلغان بەلگىلىمە كۆپ نەرسە بىلمەيدىغان قىياپەتكە كىرىۋالغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ يەنە بىر خىزمەتدىشىغا (بەلكىم باشلىق بولسا كېرەك) ئېيتقان سۆزلىرى ۋە پوزىتسىيىسى ئادەمنى تولىمۇ ئەجەبلەندۈرەتتى.
يەنە بىر ساقچى خادىمى ئۇنىڭدىن "نېمە دەپ تېلېفون قىپتۇ" دە سورىغاندا بىز سۆزلەشكەن ساقچى خادىمى "شۇ ھېلىقى تىبەت ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ئىشىنى دەپ" دەپ جاۋاب بەردى.
شۇ ئەسنادا، تېلېفوننىڭ قەيەردىن ئۇرۇلغانلىقىنى سۈرۈشتە قىلغان ھېلىقى ساقچى خادىمى تېلېفوننى ئالدى ھەمدە بىزنىڭ ئەركىن ئاسىي رادىئوسى ئىدىن تېلېفون تۇرۇۋاتقانلىقىمىزنى ئۇققاندىن كىيىن تېلېفوننى دەرھال قويۇۋەتتى.
"ئۇيغۇر تورىدا" بۇ ھەقتە بېرىلگەن بىر ئىنكاستا : " ساقچىخانىمۇ شۇنداق ئۇقتۇرۇش چىقارسا، ئۇنداقتا بىزنىڭ ھوقۇقىمىزنى كىم قوغدايدۇ؟ ساقچىخانا شۇنداق ئۇقتۇرۇش چىقارسا قايسى مېھمان خانا ئۇيغۇرلارنى قوبۇل قىلىشقا جۈرئەت قىلىدۇ؟" دەپ يېزىلغان.
"يېڭى چېگرا" تورىدا يۇقىرىدىكى ئۇقتۇرۇش ئۈستىدە ئېلىپ بېرىلگەن مۇنازىرىدە: "بۇ بىر قىپقىزىل مىللىي كەمسىتىش" دەپ ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولسا يەنە بىر پىكىر بايان قىلغۇچى بۇ مەسىلىگە پەقەت بىر قانۇنىي نۇقتىدىنلا ئەمەس، بەلكى يەنە ئەخلاقى ۋە سىياسىي نۇقتىدىن تۇرۇپ نەزەر سېلىشىنى تەۋسىيە قىلغان ھەمدە: "بۇ روشەن تىپتىكى مىللىي كەمسىتىش بولۇپ، شەكسىز ناھەقلىق" دەپ يازغان.
تىيەنچى لياۋ خانىم : "بۇنىڭ ئەلۋەتتە بىر ئىرقى كەمسىتىش ئىكەنلىكىدە شەك يوق"
خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك ئورگانلىرى چىقارغان مەزكۇر ئۇقتۇرۇشنى كۆرگەندىن كېيىنكى ھېسسىياتىنى ئىپادىلىگەن لاۋگەي فوندى جەمئىيىتىدىكى تەتقىقاتچى تىيەنچى لياۋ خانىم بۇنى بىر " قەبىھلىك. ئادەمنىڭ ئىشەنگۈسى كەلمەيدىغان بىر ئىش" دەپ سۈرئەتلىدى ۋە مۇنداق دېدى: "بۇنىڭ ئەلۋەتتە بىر ئىرقى كەمسىتىش ئىكەنلىكىدە شەك يوق. چۈنكى مەن، قانۇننىڭ قايسى تارمىقى ياكى قايسى بەلگىلىمىنىڭ يەرلىك ساقچى ئورگانلىرى ۋە ياكى ھۆكۈمەت ئورگانلىرىنى باشقىلارنىڭ مىللەت تەۋەلىكىنى سوراشقا يول قويىدىغانلىقىنى بىلمەيمەن. مەدەنىيەتلىك جەمئىيەتتە بۇ خىل قائىدىنىڭ مەۋجۇد ئەمەسلىكىنى بىلىمەن. بۇ بەك قەبىھلىك بولۇپ، مەن بۇنىڭغا ئوخشايدىغان بىر قائىدىنىڭ باشقا يەردە مەۋجۇتلۇقىنى ئاڭلاپ باقمىدىم."
تىيەنچى لياۋ خانىمنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، خىتاي ساقچى دائىرىلىرى ن بۇ خىلدىكى بەلگىلىمىنى ئولىمپىك مەزگىلىدە چىقارغان بولۇشى مۇمكىن ئىكەن.
بۇ خىلدىكى قائىدە كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئاقىۋەت ھەققىدە توختالغان تىيەنچى لياۋ خانىم، شۇ خىل ئەھۋالدا ئەگەر بىر تىبەت ياكى ئۇيغۇر خىتاينىڭ باشقا جايلىرىدا مېھمانخانىغا چۈشمەكچى بولغاندا، ساقچىلارنىڭ زوراۋانلىقىغا ئۇچرىشى ۋە ياكى تۇتۇپ تۇرۇش ئورۇنلىرىغا قامىلىپ قېلىش خەۋىرىنىمۇ كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن.
تىيەنچى لياۋ خانىم: " بۇنى ھەرگىزمۇ قوبۇل قىلىشقا بولمايدۇ "
تەتقىقاتچى تىيەنچى لياۋ خانىمىنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇشىچە، خىتايدا ھازىر باشقىلارنىڭ كىملىكىنى خالىغانچە تەكشۈرىدىغان ۋە ياكى كىملىك كىنىشكىلىرى گۇمانلىق دەپ قارالغان كىشىلەرنى تۇتۇپ تۇرۇش ئورنىغا ئېلىپ كېتىدىغان قائىدە بىكار قىلىنغان بولۇپ بۇ باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.
تىيەنچى لياۋ خانىم بۇ ھەقتە توختىلىپ مۇنداق دېدى: " سىز ھازىر ماڭا كۆرسەتكەن بۇ ئۇقتۇرۇش باشقىلارغا ئەمەس بەلكى ئېنىق قىلىپ تىبەت ۋە ئۇيغۇر يولۇچى - مېھمانلارغا قارىتىلغان ئىكەن. بۇ نېگىزلىك كىشىلىك ھوقۇقنىڭ پۈتۈنلەي دەخلى - تەرىزگە ئۇچرۇشى بولۇپ، بۇنى ھەرگىزمۇ قوبۇل قىلىشقا بولمايدۇ."
ئۇنىڭ ئوتتۇرغا قويۇشىچە يەنە، خىتاي دائىرىلىرى چىقارغان بۇ بەلگىلىمە ئۇيغۇر ۋە تىبەت قاتارلىق مىللەتلەرنى تېخىمۇ قاتتىق باشقۇرۇش ئۈچۈن تۈزۈلگەن بولۇپ، بۇ مەزكۇر مىللەت ئەزالىرىنىڭ توسالغۇسىز سەپەر قىلىشى ئەركىنلىكىنىمۇ دەخلى - تەرۈزگە ئۇچرىتىدىكەن ھەمدە ئۇلار ئۈچۈن خەتەرلىك بولغان ۋە خىتاينىڭ ئاساسى قانۇنىغىمۇ مۇخالىپ بولغان بىر بەلگىلىمە ئىكەن.
ھۆرمەتلىك ئوقۇرمەنلەر، خىتاي ساقچى دائىرىلىرىنىڭ يۇقىرىقى بەلگىلىمىلىرىگە ئائىت تولۇقلىما ئۇچۇر ۋە تور مۇنازىرىلىرىگە ئائىت مەزمۇنلارنى تور بېتىمىزدە بېرىلگەن ئۇلىنىشتىن تاپالايسىز.