خىتايدا ھازىر 'ۋەتەنپەرۋەر' دېگەن ماركا يامراپ كەتتى

ھازىر خەلقئارادا ئۇچۇر ۋاستىلىرى خىتايدا 'ۋەتەنپەرۋەر' دېگەن ماركا يامراپ كەتكەنلىكى ھەققىدە كەينى - كەينىدىن ئوبزور ئېلان قىلماقتا.

0:00 / 0:00

-‏ خىتايدا ھازىر ھەممە نەرسىگە 'ۋەتەنپەرۋەرلىك' دېگەن ماركىنى چاپلىۋالىدىغان بولۇپ قالدى، ئۆزىگە بۇنداق ماركا چاپلىمىغانلارنى 'خائىن' دەپ ئاتايدۇ. ‏قارىماققا دۇنيادا خىتايلاردىن ئۆزگە 'ۋەتەنپەرۋەر' يوقتەك، -‏ دەپ باشلىنىدۇ بۈگۈن 5 ‏- ئاينىڭ 2 ‏- كۈنى 'كۆزىتىش ژۇرنىلى'دا ئېلان قىلىنغان "خىتايدا ۋەتەنپەرۋەر دېگەن ماركا نېمىدېگەن كۆپ" سەرلەۋھىلىك ئوبزورنىڭ بايانى.

بۇ ئوبزوردا ئېيتىلىشىچە، خىتايدا ھازىر 'ۋەتەنپەرۋەر' دېگەن ماركا يامراپ كەتتى، مەدەنىيەت، مائارىپ، تەنتەربىيە، ساقلىقىنى ساقلاش، دىن، دېپلوماتىيە قاتارلىق ھەر قايسى ساھەلەرمۇ ئۆزىگە بۇ ماركىنى چاپلىۋالمىسا بولمايدۇ، مەسىلەن: 'ۋەتەنپەرۋەرلىك مائارىپ تەربىيىسى'، 'ۋەتەنپەرۋەرلىك تەنتەربىيە'، 'ۋەتەنپەرۋەرلىك تازىلىق ھەرىكىتى' ۋەھاكازا. چەتئەللەردىن كېلىدىغانلاردىمۇ 'ۋەتەنپەرۋەر چەتئەللىكلەر' 'ۋەتەنپەرۋەر مۇھاجىرلار'، ۋەھاكازا دېگەن ماركىسى بار بولۇشى كېرەك. دۆلەت ئىچىدە ھۆكۈمەت خەلققە قارشى قوزغىغان زوراۋانلىق ھەرىكەتلەرگىمۇ 'ۋەتەنپەرۋەرلىك' دېگەن ماركا چاپلانغان. مەسىلەن: 'ۋەتەنپەرۋەر ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتى' ۋەھاكازا. خەلقنى باستۇرۇشقا يانتاياق بولغانلار 'ۋەتەنپەرۋەر دىنى زاتلار'، 'ۋەتەنپەرۋەر ئىبادەتخانا'، ۋەتەنپەرۋەر مەسچىت' ۋەھاكازا دەپ ئاتىلىدۇ. خىتاي ھازىر 'ۋەتەنپەرۋەر' دېگەن ماركا تاقالمىغان كىشىنى دۆلەت دەرۋازىسىدىن كىرگۈزمەيدۇ ۋە دۆلەت باشلىقلىرىمۇ قوبۇل قىلمايدۇ. ‏

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كاسات مالنى 'ۋەتەنپەرۋەرلىك' دەپ ماركا چاپلاپ ساتىدىغان ئەنئەنىسى بار

‏-‏ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كاسات مالنى 'ۋەتەنپەرۋەرلىك' دەپ ماركا چاپلاپ ساتىدىغان ئەنئەنىسى بار. ئېسىمدە باركى، ‏-‏ دەيدۇ بۇ ئوبزورنىڭ ئاپتورى گۇ يۇەن ئەپەندى، ‏-‏ 70 ‏- يىللاردا بېيجىڭدا كۆكتاتنىڭ بازىرى كاسات بولغاندا، ھۆكۈمەت 'ۋەتەنپەرۋەرلىك بەسەي سېتىۋېلىش ھەرىكىتى' نى قوزغىغان ئىدى. 'ۋەتەنپەرۋەرلىك تازىلىق ھەرىكىتى' دېگەن ھەرىكەتمۇ ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان توختىماي ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ. ئەگەر خىتايلار راستىنلا 'ۋەتەنپەرۋەر تازىلىق ھەرىكىتىنى قىلغان بولسا، خىتاي ھازىرقىدەك دۇنيا بۇيىچە مۇھىتى ئەڭ ئېغىر دەرىجىدە بۇلغانغان دۆلەت بولۇپ قالمايتتى.

خىتايلار ئۆزىگە چاپلىۋالغان 'ۋەتەنپەرۋەر' دېگەن ماركا ئەمەلىيەتتە يالغان ماركا

‏-‏ خىتايلار ئۆزىگە چاپلىۋالغان 'ۋەتەنپەرۋەر' دېگەن ماركا ئەمەلىيەتتە يالغان ماركا، ‏-‏ دەپ مۇلاھىزە قىلىنىدۇ بۇ ئوبزوردا،‏-‏ ئەمەلىيەتكە قارايدىغان بولساق، خىتايدا 'ۋەتەنپەرۋەر' دېگەن ماركىسى بار كىشىلەرنىڭ ئىچىدە، ۋەتەننى تاشلاپ قېچىش ئىمكانىيىتى بارلارنىڭ ھەممىسى ئاللىقاچان چەتئەللەرگە قېچىپ كېتىپ بولدى. ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك 'ۋەتەنپەرۋەر' لەرمۇ بالا- چاقىلىرىنى چەتئەللەرگە ماڭغۇزۇپ بولدى. ھازىر دۆلەت ئىچىدە قېپقالغان 'ۋەتەنپەرۋەرلەر' نىڭمۇ چەتئەلچە ئۆيلەردە ئولتۇرۇپ، چەتئەلچە تاماق يەپ، چەتئەل ئاپتوموبىللىرىدا ئولتۇرۇپ، چەتئەل تىللىرىنى ئارىلاشتۇرۇپ سۆزلەپ ھۇزۇرلىنىشنى ھەۋەس قىلمايدىغىنى ۋە شۇنداق قىلالىغانلىقى ئۈچۈن پەخىرلەنمەيدىغىنى يوق.

خىتاي ھۆكۈمىتى خەلق ئىچىدىن تاللاپ 'ۋەتەنپەرۋەر' دېگەن ماركىنى چاپلاپ قويغان كىشىلەر كوممۇنىست پارتىيىنىڭ 'سەككىز شەرەپ سەككىز نومۇس' دېگىنى بۇيىچە ئىش قىلىدىغان، كوممۇنىست پارتىيە 'ۋەتەنپەرۋەرلىك زايوم ' دەپ ئىش ھەققىدىن بىۋاستە پۇل تۇتۇۋالسا ماقۇل دەيدىغان، بىرلا پەرزەنت كۆرىسەن دېسە، ئىككىنچى پەرزەنتىنى ئۆلتۈرگۈزىۋېتىدىغان، ئوخشىمىغان پىكىر بايان قىلغان كىشىگە 'دۆلەتنى ئاغدۇرماقچى' دەپ تۆھمەت چاپلايدىغان، ئىلاھتىن ئۆزگىنى سۆيمەيدىغان دىنىي زاتلارنى خىتايلارنىڭ دۆلىتىنى سۆيۈشكە مەجبۇرلايدىغان، پەقەت قىزىلبايراق كۆتۈرۈشنىلا ئۆگەنگەن ئەمما پۈتۈن ۋۇجۇدىدا ئىنسانپەرۋەرلىك ياكى مەدەنىيەت پۇرىقى يوق كىشىلەر.

'ۋەتەنپەرۋەر' بولسا نېمە ئۈچۈن ئۆز ۋەتىنىگە قايتىشنى خالىمايدۇ؟

بۇ ئوبزوردا بايان قىلىنىشىچە، خىتاي 'ۋەتەنپەرۋەر' لىرى يېقىندا، چەتئەللەردە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئولىمپىك مەشئىلىنى ئۇزۇتۇش پائالىيىتىدە ئۆزىنىڭ 'ۋەتەنپەرۋەرلىك' ىنى ئەمەس، بەلكى ئۆزىدىكى رەزىللىكنى، ئۆزىدە قىلچە ئىنسانپەرۋەرلىك ياكى مەدەنىيەت پۇرىقى يوقلۇقىنى تولۇق ئىپادىلىدى. ئولىمپىك مەشئىلى فرانسىيىدە ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىغاندىن كېيىن، كاررېفور تاللا بازىرىغا قارشى نامايىش قىلدى. ئۇلارنىڭ قىزىلبايراقنى كۆتۈرۈپ ئېزىلگەن مىللەتلەرگە 'زوراۋانلىق' قىلغان بەد-بەشىرە قىلىقلىرىنى نەق مەيداندىن دۇنياغا كۆرسەتكەن CNN گە قارشى نامايىش قىلدى.

ئەمەلىيەتتە بۇ كىشىلەرنىڭ خىتايدا ھەتتا ئەركىن پىكىر بايان قىلىش ھوقۇقىمۇ يوق ئىدى. سوراپ باقايلى، ئەگەر سەن ۋەتەنپەرۋەر بولساڭ، نېمە ئۈچۈن سەنشىدىكى مەخپىي كانلاردا ئۆسمۈرلەرنىڭ قۇل قىلىنغانلىقىنى، ئەنخۇيدىكى زاۋۇتلاردا ئۆسمۈرلەرنىڭ قۇل قىلىنغانلىقىنى يوشۇرغان CCTV گە، شىنخۇا ئاگېنتلىقىغا قارشى نامايىش قىلمايسەن؟ ئەگەر سەن ۋەتەنپەرۋەر بولساڭ، قىسقىسى، نېمە ئۈچۈن چەتئەللەرگە چىقىۋالساڭلار ئۆز ۋەتىنىڭگە قايتىپ كېتىشنى خالىمايسەن؟

‏-‏ 'ۋەتەنپەرۋەرلىك' دېگەن سۆز خاتا سۆز ئەمەس، ئەمما ‏-‏ دەپ بايان قىلىنىدۇ بۇ ئوبزورنىڭ ئاخىرقى سۆزىدە، ‏-‏ ئۆزىگە 'ۋەتەنپەرۋەرلىك' ماركىسىنى چاپلىۋېلىپ، باشقا مىللەتلەرگە زوراۋانلىق قىلىش، باشقا مىللەتلەرنىڭ ئۆزىنىڭ تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش، ئۆزگىنىڭ دۆلىتىنى سۆيۈش ياكى سۆيمەسلىكنى بەلگىلەش ھوقۇقىنى تارتىۋېلىش خاتا.