خىتاي تارىخىدىكى ئەڭ چوڭ قارا گۇرۇھنىڭ ئۆزى خىيانەتچىلىككە قارشى تۇرۇش شوئارىنى كۆتۈرۈپ چىقتى

بېيجىڭدا ھەر يىلى بىر قېتىم ئېچىلىدىغان ئىككى چوڭ يىغىن كېلەر ھەپتىدە ئېچىلىدىكەن. كوممۇنىست خىتاي ھۆكۈمىتى بۈگۈن بۇ قېتىمقى ئىككى چوڭ يىغىندا 'تىبەت ۋە شىنجاڭ مەسىلىسى' دېگەن يېڭى تېما مۇھاكىمە قىلىنىدىغانلىقىنى ئاشكارىلىدى ۋە بۇ يىغىندىن بۇرۇن خىيانەتچىلىككە قارشى تۇرۇش ھەققىدە كەڭ دائىرىلىك تەشۋىقات باشلىدى.

0:00 / 0:00

مەركىزى ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، كوممۇنىست خىتاي ھۆكۈمىتى بۈگۈن، بېيجىڭدا ھەر يىلى بىر قېتىم ئېچىلىدىغان ئىككى چوڭ يىغىننىڭ كېلەر ھەپتىدە ئېچىلىدىغانلىقىنى ۋە بۇ قېتىمقى ئىككى چوڭ يىغىندا مۇزاكىرە قىلىدىغان يېڭى تېما 'تىبەت ۋە شىنجاڭ مەسىلىسى' بولىدىغانلىقىنى ئاشكارىلىدى.

-- كوممۇنىست خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىچكى خەۋەرلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، - دەپ بايان قىلىدۇ تەيۋەندىكى مەركىزى ئاگېنتلىقى، - خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتى ئىككى چوڭ يىغىندىن بۇرۇن 'شىنجاڭ سۆھبەت يىغىنى' دەپ ئاتىلىدىغان بىر يىغىن ئېچىپ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىن كەلگەن كىشىلەرگە ئالدى بىلەن خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىنىڭ يېڭى سىياسىتىنى چۈشەندۈرىدىكەن ۋە باشقا خىتاي ئۆلكىلىرىنىڭ شىنجاڭغا تاقىلىدىغان مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىش تەدبىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويىدىكەن.

كوممۇنىست پارتىيە ئىككى چوڭ يىغىندىن بۇرۇن خەلقنىڭ ھىمايىسىگە ئىگە بولۇش ئۈچۈن قىلىۋاتقان ھېلە

خىتاي خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتى تۈنۈگۈن 'كوممۇنىست ئەمەلدارلىرنىڭ پاك بولۇش نىزامى' نى ئېلان قىلدى.

خىتاي بۇ نىزامىدا، كوممۇنىست ئەمەلدارلىرىغا پاك ئەمەلدار بولۇشنى تەشەببۇس قىلىپ، بۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلارغا ناھايىتى كۆپ چەكلىمىلەرنى بەلگىلىگەن ئىدى، 'داگۇڭباۋ'غا ئوخشاش گېزىتلەر 'مەركىزى ھۆكۈمەت ھازىر خىيانەتچىلەرنى قاتتىق مۇش بىلەن ئەدەپلىمەكچى' دەپ كوممۇنىست پارتىيە ئۈچۈن چاپان كۆتۈرۈشكە باشلىدى، ئەمما بۇ، ئەمەلىيەتتە، كوممۇنىست پارتىيە بېيجىڭدا ئىككى چوڭ يىغىن ئېچىلىشتىن بۇرۇن خەلقنىڭ ھىمايىسىگە ئىگە بولۇش ئۈچۈن قىلىۋاتقان ھېلە.

ھازىر چىققان 'خىيانەتچىلىككە قارشى تۇرۇش' دېگەن شوئارلار دەل خىتاي تارىخىدىكى ئەڭ چوڭ قارا گۇرۇھ ئۆزى ئوتتۇرىغا قويغان قارا شۇئار

خوڭكوڭدا چىقىدىغان 'مىڭپاۋ گېزىتى' نىڭ بايان قىلىشىچە، كوممۇنىست خىتاي بېيجىڭدا ئىككى چوڭ يىغىن ئېچىلىش ئالدىدا تۇرغاندا، 'كوممۇنىست پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئۆزىنى پاك تۇتۇش نىزامى' نى ئېلان قىلدى. ئۇنىڭدا كوممۇنىست پارتىيە ئەزالىرىغا رۇخسەت قىلىنمايدىغان 52 خىل چەكلىمە ئوتتۇرىغا قويۇلغان. بۇنىڭدا ئاساسەن، كوممۇنىست ئەمەلدارلىرى خىيانەت قىلماسلىق - پارا ئالماسلىق، ھوقۇقىنى ئۇرۇق - تۇغقانلىرىنىڭ مەنپەئەت قازىنىشى ئۈچۈن قوللانماسلىق كېرەك دېگەننى 52 خىل تەرىپلەپ كۆرسەتكەن.

'مىڭپاۋ گېزىتى' دە چىققان بۇ ئوبزوردا ئېيتىلىشىچە، كوممۇنىست خىتاي ھۆكۈمىتى بۇنداق 'ئەللىك ئىككىنى قىلماسلىق' دېگەندەك بەلگىلىمىلەرنى 1997‏ - يىلىدىن باشلاپ دەپ كېلىۋاتىدۇ، ئەمما بۇنداق دېگەنسىرى، كوممۇنىست ئەمەلدارلىرى تېخىمۇ بەك چىرىكلىشىپ كېتىۋاتىدۇ. بۇ، خۇددى 'ئېچىلىش ژۇرنىلى' نىڭ 2010‏ - يىل 1‏ - سانىدا ئېيتىلغاندەك، چوڭ قۇرۇقلۇقتا ئوتتۇرىغا قويۇلۇۋاتقان 'خىيانەتچىلىككە قارشى تۇرايلى'، 'قارا گۇرۇھلارغا قارشى تۇرايلى' دېگەن خىلمۇ -خىل شوئارلار، دەل كوممۇنىست پارتىيىدىن ئىبارەت خىتاي تارىخىدىكى ئەڭ چوڭ قارا گۇرۇھ خەلقنى قايمۇقتۇرۇش ئۈچۈن ئوتتۇرىغا قويغان شۇئار. بۇنىڭ ئۆزىلا قارا شۇئار.

خىتاي ھۆكۈمىتى يەنىلا شىنجاڭغا ئادەم بايلىقى بىلەن مەبلەغ سېلىش سىياسىتىنى ئۆزگەرتمەسلىكى مۇمكىن

شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى خۇ ئەنگاڭ ئىككى چوڭ يىغىندا مۇزاكىرە قىلىدىغان مەسىلىلەر ھەققىدىكى تەتقىقات دوكلاتىدا، 1990‏ - يىلىدىن 2004‏ - يىلىغىچە، خىتايدا شەرق تەرەپلەردىكى رايونلار بىلەن غەرب تەرەپتىكى رايونلار ئوتتۇرىسىدىكى ئىقتىسادىي پەرق 75% گە يەتكەن ئىدى، ئەمما 2008‏ - يىلى 60% غا چۈشتى، ئەمدى بۇ قېتىمقى يىغىندا، بۇ پەرقنى كىچىكلىتىش ھەققىدە يەنە تەڭشەش بولىدۇ، دېگەن.

ئۇيغۇرلار كوممۇنىست خىتاي ھۆكۈمىتىنى، ئالدى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ تىلىنى ۋە ئېنىق مىللەت ئالامەتلىرىنى يوقىتىش سىياسىتى قوللاندى؛ خىتاي ئۆلكىلىرىدىن قوراللىق ساقچىلارنى ئۇيغۇر يۇرتلىرىغا كۆچۈرۈپ كېلىش، ئۇيغۇر يۇرتلىرىدىن تۇغۇت يېشىدىكى قىزلارنى خىتاي ئۆلكىرىلىرىگە كۆچۈرۈپ كېتىش سىياسىتىنى قوللاندى؛ بۇلتۇر ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن 5‏ - ئىيۇل ۋەقەسىدىن كېيىن، ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئوچۇق -ئاشكارا ھالدا خىتاي مىللەتچىلىكى بىلەن مۇئامىلە قىلىشقا باشلىدى، دەپ ئەيىبلەپ كېلىۋاتقان ئىدى. گەرچە خىتاي پروفېسسورى دوكلاتىدا، خىتاينىڭ تىبەت ۋە شىنجاڭ سىياسىتىدە ئەمدى ئۆزگىرىش بولىدۇ، دەپ ئېيتقان بولسىمۇ، لېكىن قانداق ئۆزگىرىش بولىدىغانلىقىنى تەپسىلىي ئېيتمىغان.

ئەمما بۇ ئەرباب مەبلەغ سېلىش مەسىلىسى ھەققىدە توختالغاندا 'خىتايدا غەربنى ئېچىش - تەرەققى قىلدۇرۇش دېگەن مەسىلىدە يۇشۇرۇن ئەندىشە ھېلىمۇ ناھايىتى چوڭ. شۇڭلاشقا خىتاي ھۆكۈمىتى ئەمدى ئۇيغۇرلارغا ۋە تىبەتلەرگە قارىتا ئىقتىسادىي جەھەتتە بۇرۇنقىدىن ئاشۇرۇپ مەنپەئەت بېرىش سىياسىتىنى قوللىنىشى مۇمكىن، لېكىن ھۆكۈمەت غەربنى ئېچىش ئۈچۈن مەبلەغ سېلىشتا، بۇنىڭدىن كېيىنمۇ يەنىلا ئادەم بايلىقى بىلەن مەبلەغ سېلىشنى ئاساس قىلىشنى ئۆزگەرتمەسلىكى مۇمكىن' دېگەن.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.