3-ئاينىڭ 20-كۈنى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلۈش پىلانلانغان 5-قېتىملىق ياسىمەن گۈلى ھەرىكىتىگە پۇقرالار ئاۋاز قوشۇشقا پېتىنالمىغان. سەيلە شەكلىدە ئېلىپ بېرىلىدىغان پائالىيەت مەيدانىغا ساقچىلار ئالدىن ئورۇنلاشقان، ھەممە يەرنى ساقچى ئاپتوموبىللىرى ھەم چارلىغۇچىلار ئىگىلەپ بولغاچقا، كىشىلەر جۈرئەت قىلىپ ياسىمەن گۈلى ھەرىكىتى ئېلىپ بارالمىغان. فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ 20-فېۋرالدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، بېيجىڭدىكى ياسىمەن گۈلى پائالىيىتى ئېلىپ بېرىلىدىغان پۈتكۈل دائىرىگە چەتئەل مۇخبىرلىرى كىرگۈزۈلمىگەن.
گەرچە 5-قېتىملىق ياسىمەن گۈلى ھەرىكىتى چاقىرىقى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مۇستەبىتلىكى سەۋەبلىك ئەمەلگە ئاشمىغان بولسىمۇ، خىتاي تور بەتلىرى 3-ئاينىڭ 27-كۈنى يەنە 6-قېتىملىق ياسىمەن گۈلى ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇشنى ئوتتۇرىغا قويدى. ياسىمەن گۈلى ھەرىكىتىنىڭ ئۇيغۇر ۋەتىنىگە كۆرسىتىدىغان تەسىرى ھەققىدە گېرمانىيىدىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى ئوسمانجان ئەپەندى ئۆز قارىشىنى بىلدۈرۈپ ئۆتتى. ئۇ سۆزىدە ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى كۈچلۈك سىياسىي بېسىم ئاستىدىكى تىنچلىقىنىڭ نىسپىي تىنچلىق ئىكەنلىكىنى، ئۇيغۇرلار ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى ھەل قىلىدىغان ھوقۇققا ئېرىشمىگىچە قارشىلىقلارنىڭ تۈگىمەيدىغانلىقىنى تىلغا ئالدى.
چەتئەلدىكى خىتاي دېموكراتلىرىدىن ۋاڭ چېڭ ياسىمەن گۈلى ھەرىكىتىنىڭ خىتايدا چوقۇم ئەمەلگە ئاشىدىغانلىقىنى تەشەببۇس قىلىۋاتقان كىشىلەرنىڭ بىرى. ۋاڭ چېڭ 3-ئاينىڭ 22-كۈنى بوشۈن تورىدا ئېلان قىلغان «جۇڭگو ئىنقىلابىنىڭ پاراۋوزى» ناملىق ماقالىسىدە، خىتاي كوممۇنىست مۇستەبىت ھاكىمىيىتىگە قارشى كۈرەش شارائىتىنىڭ پىشىپ يېتىلگەنلىكىنى تەكىتلەپ: خىتاي ھاكىمىيىتى بىلەن ھەمكارلاشقۇچىلارنىڭ سانى بارغانسېرى ئازايماقتا، ئەكسىچە خەلق بىلەن دۈشمەنلىشىۋاتقان كوممۇنىست ھاكىمىيەتكە قارشى گۇرۇھلارنىڭ بىرلىكسېپى بارغانسېرى كېڭەيمەكتە دېگەن.
خىتاي زىيالىيسى ۋاڭ چېڭ خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى كۈرەشنى قانات يايدۇرىدىغان 10 تۈرلۈك ئاساسى ئامىلنى بايان قىلىپ، بوشۈن تورىغا ئوخشاش خىتاي كوممۇنىست مۇستەبىت ھاكىمىيىتىگە ۋە كىشىلىك ھوقۇقتىن قورققۇچىلارغا قارشى ئەركىن پىكىر ئېقىمى، تۆۋەن قاتلامدىكى خەلقنىڭ كىشىلىك ھوقۇق كۈرىشى، بولۇپمۇ يىللاردىن بۇيان تىنچ شەكلىدە كۈرەشلىرىنى قانات يايدۇرۇپ كەلگەن، جۇڭگولۇقلارغا قارشىلىقنىڭ ئۈلگىسىنى تىكلەپ بەرگەن ئەرزدارلار، يەر-زېمىنلىرى تارتىۋېلىنغان، مەۋجۇت ھاكىمىيەتكە قارشى غەزەپ-نەپرەتلىرى قايناپ تاشقان دېھقانلار بۇ پاراۋوزنىڭ ئاساسى كۈچى بولالايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
ئۇ ماقالىسىدە يەنە، ئۇچقاندەك ئۆرلەۋاتقان مال باھاسىغا بولغان خەلقنىڭ غەزەپلىرى، خىتاي ئىچى-سىرتىدىكى ئۆكتىچىلەردىن تەشكىللەنگەن بىرلىكسەپ، دىنىي ئەركىنلىكنى قولغا كەلتۈرۈش كۈرەشلىرى، ئازسانلىق مىللەتلەرنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش يولىدىكى كۈرەشلىرى، خىتاي مۇستەبىت ھاكىمىيىتىنىڭ ئىچكى قاتلىمىدىكى پارچىلىنىش قاتارلىقلارنىڭمۇ خىتاي ئىنقىلابى ئۈچۈن تاجاۋۇزلۇق رول ئوينايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.
ئۇ ماقالىسىدە خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ساھەسىنىڭمۇ مۇھىم ئامىل ئىكەنلىكىنى، لىۋىيىدىكى قوزغىلاڭنى قوللىغانغا ئوخشاش، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ خىتايدىكى كوممۇنىست ھاكىمىيەتكە بولغان قارشىلىقنىمۇ قوللايدىغانلىقىنى، بۇنىڭمۇ جۇڭگو ئىنقىلابىنى غەلىبىگە يېتەكلەيدىغان ئامىللارنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن.