مەلۇماتلاردىن قارىغاندا، ئۆلگۈچىلەرنىڭ ئائىلە تاۋاباتلىرى، يېقىنلىرى ۋە ئەتراپتىكى ئۇيغۇرلار ھۆكۈمەتكە نارازىلىق بىلدۈرمەكتە. ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى، تەجرىبە - ساۋاقلىرىغا ئاساسەن ۋەقەنىڭ ئۈرۈمچىگە ۋە دۇنياغا ئاشكارىلىنىشىنىڭ ئالدىنى ئالماقتا. بۈگۈن رادىئومىزنىڭ خىتايچە بولۈمى ئالاقىدار ئورگانلارغا تېلېفون قىلىپ، ۋەقە ھەققىدە مەلۇمات سورىغان؛ دائىرىلەر ۋەقەنىڭ يۈز بەرگەنلىكىنى ئېتىراپ قىلغان، بىراق تەپسىلاتى ھەققىدە جاۋاب بەرمىگەن.
مۇخبىرىمىز مەلۇم بىر ساقچى خادىمىنى زىيارەت قىلغاندا، ساقچى ۋەقە گۇماندارىنى تۇتقانلىقىنى، دېلونىڭ تەكشۈرۈلۈۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلىغان.
شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ مۇخبىرىمىزغا بىلدۈرۈشىچە، شەھەردىكى ئۇيغۇرلار توپلىشىپ شەھەرلىك ھۆكۈمەت ئالدىدا نارازىلىق بىلدۈرگەن. ساقچىلار نارازىلىق بىلدۈرگۈچى ئۇيغۇرلارنى بىر مېھمانخانىغا قاماپ كوچىغا چىقىشىنى چەكلىگەن. ھۆكۈمەت خادىملىرى ئۆلگۈچىلەرنىڭ ئائىلە تاۋاباتلىرىغا ئىدىيىۋى خىزمەت ئىشلەپ، ۋەقەنى شاۋ - شۇۋ قىلماسلىققا، ۋە ئىشنى چوڭايتماسلىققا ئۈندىگەن.
توردىكى ئىنكاسلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئىككى ئۇيغۇرنىڭ ئۆلۈمى شەھەرلىك ھۆكۈمەت دائىرىلىرى ۋە شەھەر خەلقىنى خېلىلا ئەنسىزچىلىككە سالغان. خىتاي بىر تەرەپتىن ئۆلگۈچىلەر ئائىلە تاۋاباتىغا خىزمەت ئىشلىسە، يەنە بىر تەرەپتىن ساقچىلار كوچىلاردا كەڭ - كۆلەملىك چارلاش ئېلىپ بېرىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ كوچىلاردا ئىنتىقام خاراكتېرلىك ئىش چىقىرىپ قويۇشىنىڭ ئالدىنى ئالماقتا. بىر ساقچى خادىمىنىڭ مۇخبىرىمىزغا بىلدۈرۈشىچە، نۆۋەتتە ساقچىلار بىر نەپەر ۋەقە گۇماندارىنى تۇتقۇن قىلغان. بۇ ساقچى ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەقەدىن كېيىن نارازىلىق بىلدۈرگەنلىكىنى ئېتىراپ قىلغان ۋە ۋەقەنى تېنجىتىپ بولغانلىقىنى، شەھەر خەلقىدىكى ئەنسىزچىلىكنىڭمۇ تۈگىگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
ۋەقە يۈز بەرگىنىگە بۈگۈن 5 كۈن بولغان بولسىمۇ، ھازىرغا قەدەر خىتايدىكى ھېچقانداق بىر مەتبۇئات بۇ ۋەقە ھەققىدە خەۋەر بەرمىگەن. تور باشقۇرغۇچىلار ھۆكۈمەت تەرەپتىن مەزكۇر ۋەقەنى خەۋەر قىلماسلىق ھەققىدە ئۇقتۇرۇش تاپشۇرۇۋالغان. بۇ سەۋەبتىن ئىنتېرنېتتىكى بۇ ھەقتىكى ئۇچۇر ۋە ئىنكاسلار ئۇدۇللۇق ئۆچۈرۈلگەن.
مۇخبىرىمىز سۇڭ پامىلىلىك بىر كىشىنى زىيارەت قىلغان. سۇڭ ئۇيغۇرلارنىڭ شەھەردە ئاساسەن قانۇنسىز ئىشلار بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلىقىنى، شۇڭا كىشىلەرنىڭ ئۇيغۇرلارغا سوغۇق كۆز بىلەن قارايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. شەھەر ئاھالىلىرىدىن يەنە بىرى، ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ يەردە ئاساسلىقى يېمەك - ئىچمەك تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلىقىنى، بۇ قېتىمقى ۋەقەنىڭ پەۋقۇلئاددە بىر ۋەقە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. بىر نەپىرى، ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ شەھەردە ئىش تېرىپ تۇرىدىغانلىقىنى، ساقچىلارنىڭمۇ ئۇلارغا كۆڭۈل بولۇپ قاتتىق جازالىمايدىغانلىقىنى، شۇڭا بىر قىسىم ئاھالىلەرنىڭ ئۇيغۇرلاردىن نەپرەتلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئەمما خىتاي ئۆلكىلىرىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار، ئۆزلىرىنىڭ خىتاي ئۆلكىلىرىگە ئامالسىزلىقتىن كەلگەنلىكىنى، ئۆز يۇرتلىرىدا ئىش ئورۇنلىرىنى خىتاي كۆچمەنلىرى ئىگىلىۋالغاچقا، يۇرتىدىن ئايرىلىشقا مەجبۇر بولغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. خىتايدىكى ئۇيغۇر تىجارەتچىلىرى بولسا ئۆزلىرىنىڭ داۋاملىق تۈردە، خىتاي ساقچىلىرى بىلەن خىتاي قارا جەمئىيەت ئەزالىرىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراۋاتقانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.
بىر قسىم ئۇيغۇر زىيالىيلىرى خىتاي پۇقرالىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ھۇجۇم قىلىشىنى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا تۇتۇۋاتقان ئاشكارا دۈشمەنلىك پوزىتسىيىسىنىڭ نەتىجىسى دەپ قارىماقتا.
بەزى ئۇيغۇر زىيالىيلىرى، ئۇيغۇرلارغا قانۇنلۇق يول بىلەن تىجارەت قىلىشنىڭ يوللىرى پۈتۈنلەي ئېتىۋېتىلگەچكە، بەزى ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ قانۇنسىز يوللارغا مەجبۇرلىنىپ قېلىۋاتقانلىقىنى، بۇ يەردە مەسئۇلىيەتنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىدە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرمەكتە.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.