تىبەتنىڭ كيگۇدو رايونىدا يەر تەۋرەش يۈز بەرگەندىن كېيىنلا، تىبەتلەرنىڭ مۇشۇ رايوندا تۇغۇلغان دىنىي داھىسى دالاي لاما ئاپەتكە ئۇچرىغان خەلقتىن ھال سورىدى ۋە ئۇلارغا ئامان -ئېسەنلىك تېلىدى. مۇشۇ تىبەت رايونىدىكى راھىپلار ساڭراملاردىن چىقىپ ئادەم قۇتقۇزۇشقا كېرىشتى.
بۈگۈن خىتاينىڭ شىنخۇا ئاگېنتلىقى 'چىڭخەي ئۆلكىسىنىڭ يۈشۇ ناھىيىسىدە يۈز بەرگەن يەر تەۋرەشتە 617 ئادەم ئۆلدى، 9110 ئادەم يارىلاندى، 313 ئادەم ئىز -دېرەكسىز يوقالدى، بۇ قېتىمقى يەر تەۋرەشتە ئاپەتكە ئۇچرىغان 100 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم ھازىر باشقا جايلارغا كۆچۈرۈلمەكچى' دەپ بايان قىلدى.
خىتاي دائىرىلىرى بۇ قېتىمقى يەر تەۋرەش ھەققىدە ئالدىن مەلۇمات بېرىشنى كېچىكتۈرگەن
سىچۇەندىكى گىئولوگ فەن شاۋنىڭ رادىئومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا بايان قىلىشىچە، ئادەتتە يەر تەۋرەش 70 كىلومېتىر چوڭقۇرلۇقتىن يوقىرى بولغان يەر قاتلاملىرىدا يۈز بەرسە، ئۇنىڭ خاراپ قىلىش كۈچى شىددەتلىك بولىدۇ. دېڭىز يۈزىدىن 4200 مېتىر ئېگىزلىكتىكى كيگۇدو رايونىدا بۇ قېتىم يۈز بەرگەن يەر تەۋرەشنى، گەرچە ئامېرىكا ئالىملىرى 10 كىلومېتېر چوڭقۇرلۇقتا يۈز بېرىۋاتىدۇ، دەپ ئالدىن ئۆلچەپ ئېنىقلىغان ۋە بۇنى تىنچ ئوكيان ۋە ياۋرو - ئاسىيا بەلۋاقلىرىدا يەر ھەرىكىتى باشلانغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ دەپ كۆرسەتكەن بولسىمۇ، ئەمما خىتاي دائىرىلىرى بۇ ھەقتە ئالدىن مەلۇمات بېرىشنى كېچىكتۈرگەن.

شۇنداقلا بۇ ھەقتە، پات ئارىدا خاراپ قىلىش خاراكتېرلىك يەر تەۋرەش يۈز بەرمەسلىكى مۇمكىن دەپ ئۇچۇر تارقاتقان. يەر تەۋرەش يۈز بەرگەندىن كېيىن، خىتاي ھۆكۈمىتى 'بىز بۇنداق دوكلاتتىن خەۋەر تاپمىغان ' دەپ سەۋەب كۆرسەتكەن.
دۇنيادا بىر نەچچە ئون دۆلەت ئاپەت يۈز بەرگەن بۇ تىبەت رايونغا ياردەمگە بېرىشقا تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى
بۈگۈن خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئېلان قىلغان ئاخباراتتىن مەلۇم بولۇشىچە، دۇنيادا بىر نەچچە ئون دۆلەت ئاپەت يۈز بەرگەن بۇ تىبەت رايونىدىن ھال سورىغان ۋە ياردەمگە بېرىشقا تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى قايسى بىر دۆلەتنىڭ چېگرادىن كىرىپ ياردەم بېرىشىگە رۇخسەت قىلغانلىقى مەلۇم ئەمەس.
خىتاينىڭ 5200 مۇنتىزىم ئەسكىرى ۋە 4140 نەپەر ساقچىسى بۈگۈن يەر تەۋرىگەن رايونغا يېتىپ باردى
شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، خىتاي ئازادلىق ئارمىيىسىنىڭ 5200 ئەسكىرى، قوراللىق ساقچى قىسىمنىڭ 4140 ساقچىسى بۈگۈن يەر تەۋرىگەن بۇ تېبەت رايونغا يېتىپ باردى ۋە خىتاينىڭ يېڭى چېگرا (شىنجاڭ) ھەربىي رايون ھاۋا بېرىگادىسى 1700 كىلومېتىر ئارىلىقنى چارلاش ئۈچۈن 3 دانە تىك ئۇچارنى ئىشقا سېلىشقا باشلىدى.
شىددەتلىك يەر تەۋرەشتە خىتايدىكى سۈپەتسىز قۇرۇلۇشلارنىڭ ماھىيىتى ئاشكارىلاندى
'ئاۋستراليان' گېزىتىنىڭ يازغۇچىسى مايكول ساينسبۇرگ بۈگۈن خىتايدىن يوللىغان خەۋىرىدە 'شىددەتلىك يەر تەۋرەشتە خىتايدىكى سۈپەتسىز قۇرۇلۇشلارنىڭ ماھىيىتى ئاشكارىلاندى' دەپ كۆرسەتتى. خىتايدىكى مەشھۇر سەنئەتكار ئەي ۋېيۋېي مەزكۇر گېزىتنىڭ يازغۇچىسىغا ' بۇ قېتىم تىبەت رايونىدا يۈز بەرگەن يەر تەۋرەشتە، ئۆرۈلگەن، خاراپ بولغان ئۆيلەرنىڭ مۇتلەق كۈپ سانلىقى خەلقنىڭ ئۆيلىرى، بۇ، خىتايدا ھۆكۈمەت خادىملىرى بىلەن خەلقنى ئوخشاش كۆرمىگەنلىكىنىڭ نەق پاكىتى' دەپ بايان قىلدى.
ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ قېتىم تىبەت رايونىدا يۈز بەرگەن يەر تەۋرەشكە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قوللانغان مۇئامىلىسىمۇ، خۇددى بۇلتۇر سىچۇەندىكى 'ئۈچىنچى سەپ' دەپ ئاتايدىغان رايوندا يۈز بەرگەن يەر تەۋرەشكە قوللانغان مۇئامىلىسىگە ئوخشايدۇ. ئەينى ۋاقىتتا خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇ جايدىكى 'دۆلەت مەخپىيەتلىكى'نى ساقلاش ئۈچۈن، ئالدى بىلەن ھەربىي قىسىملارنى ئەۋەتىپ، بىر نەچچە كۈنگىچە ئادەم قۇتقازماي، بەلكى ئۆزىنىڭ ھەربىي ئەسلىھەلىرىنى يۆتكىگەن ئىدى' .
خىتاينىڭ 'ئۈچ چوڭ دەريا مەنبەسى قۇرۇلۇشى'
'خىتايغا نەزەر تور گېزىتى'نىڭ بايان قىلىشىچە، خىتايدىكى ئۈچ چوڭ دەريانىڭ (چاڭجاڭ، خۇاڭخې، لەنساڭجاڭ دەرياسلىرىنىڭ) سۇ مەنبەسى، بۇ قېتىم يەر تەۋرەش يۈز بەگەن مۇشۇ تىبەت ئىگىزلىكىنىڭ بىر قىسمى بولغان كيگۇدو رايونىدا.
بۇ رايوننىڭ يەر قاتلاملىرىدا 36 خىل مەدەن بار. خىتاي بۇ رايوننى 1950 - يىللاردىلا تىبەتتىن ئايرىپ، چىڭخەي ئۆلكىسىگە تەۋە ئاپتونوم ئوبلاست قىلىپ قۇرۇۋالغان ئىدى. شۇنىڭدىن كېيىن يەنە، بۇ رايوندا 'ئۈچ چوڭ دەريا مەنبەسى قۇرۇلۇشى' دەپ ئاتىلىدىغان بىر چوڭ قۇرۇلۇشنى --- ئىنتايىن كۆپ سۇ ئېلېكتىر قۇۋىتى ھاسىل قىلىدىغان ۋە بۇ رايوننىڭ يەر ئاستى كان بايلىقلىرىنى كەڭ كۈلەمدە ئاچىدىغان چوڭ بىر قۇرۇلۇشنى پىلانلاپ كېلىۋاتىدۇ. خىتاينىڭ بۇ قۇرۇلۇش ھەرىكىتى تىبەت رايونلىرىغىلا ئەمەس، ئۇيغۇر رايونلىرىغىمۇ ۋە باشقا ئەللەرگىمۇ تاقىلىدۇ.
چىڭخەي ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ تور بېتىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى تىبەتنىڭ بۇ كيگۇدو رايونىدا ئېلىپ بارىدىغان ' ئۈچ چوڭ دەريا مەنبەسى قۇرۇلۇشى' دەپ ئاتالغان بۇ زور قۇرۇلۇشنى بۇ يىل 3 - پەسىلدە باشلىماقچى ۋە بۇنىڭ ئۈچۈن كەڭ كۆلەملىك كۆچمەن يۆتكىمەكچى بولغان ئىكەن.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.