خىتايدا 3 خىل تۈزۈم يولغا قويۇلىۋاتقانلىقىنىڭ بىر پاكىتى

خۇنەن ئۆلكىسىنىڭ داكې كەنتى بىلەن غۇلجا شەھىرىنىڭ بۇلاق دادامتۇ كەنتىدە يۈز بەرگەن ئوخشاش بىر ۋەقە، تامامەبن ئوخشاش بولمىغان ئىككى خىل نەتىجە بىلەن ئاخىرلاشقان. بۇ مۇستەقىل تەتقىقاتچى ئىلھام توختىنىڭ " نۆۋەتتە جوڭگۇدا 2 خىل تۈزۈم ئەمەس، 3 خىل تۈزۈم يولغا قويۇلىۋاتىدۇ" دېگەن تەنقىدىنىڭ توغرىلىقىنى ئىسپاتلىماقتا.

0:00 / 0:00

خۇنەن ئۆلكىسىنىڭ لۇدﯤ شەھەرلىك ھۆكۈمىتى، شەھەرلىك ھۆكۈمەت بىناسىنىڭ ئۇدۇلىغا بىر باغچە قۇرماقچى بولغان قۇرغان. ھۆكۈمەت باغچى چۈشىدىغان داكې كەنتىنىڭ ئاھالىلىرىگە ئۆتكەن يىلنىڭ ئاخىرىدا قورا-جايىدىن كۆچۈش ھەققىدە بىر ئۇختۇرۇش چۈشۈرگەن. ئۇختۇرۇشتا، ئاھالىلەرگە تۆلەم بېرىلىدىغانلىقى ۋە يېڭىدىن جايلىق يەر بېرىلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن. ئەمما كەنت ئاھالىلىرى تۆلەم پۇلىنى ئاز كۆرۈپ كۆچۈشنى رەت قىلغان.

رادىيومىزنىڭ خىتايچە بۆلۈمىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، لۇدﯤ شەھەرلىك ھۆكۈمەت تۈنۈگۈن مەزكۇر كەنتكە 200 كىشىلىك ئۆي چېقىش ئەترىتى ئەۋەتكەن.ئاھالىلەر ئوي چېقىش ئەترىتىگە قارشىلىق كۆرسىتىپ توپا تۈرتۈش ماشىنىسىنىڭ ئالدىنى توسۇۋالغان، بەزى ئاھالىلەر ئۆيلىرىنىڭ ئۆگزىسىدە ئولتۇرىۋېلىپ، قورو-جايى بىلەن بىرلىكتە كۆمۈلۈشكە رازى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. بىر مەھەل تالىشىش ۋە تارتىشىشتىن كېيىن ئۆي چېقىش ئەترىتى كەنتتىن چېكىنىشكە مەجبۇر بولغان.

بۇ شەھەرنىڭ شياۋكې كەنتىدىمۇ بۇ يىلنىڭ بېشىدا ئوخشاش ماجىرا يۈز بېرىپ، بىر ئادەم ئۆلگەن، بۇ سەۋەپتىن، شەھەرلىك ئۆي چېقىش ئەترىتى بۇ قېتىمقى ۋەقەدە يول قويۇشقا مەجبۇر بولغان.

ئۇيغۇرلار، خىتاي بەرگەن ئاپتونومىيە ۋەدىسى بويىچە، ئۆز ئىشلىرىنى ئۆزلىرى باشقۇرۇش، ئۆز مۈلكىنى ئۆزلىرى قوغداش جەھەتتە، خىتاي خەلقىغە نىسبەتەن ئالاھىدە ئۈستۈن ھوقۇققا ئىگە. ئەمما ئەمىلىي ئىجرائاتتا، بۇنىڭ تەتۈرى داۋام قىلماقتا.

غۇلجا شەھىرىنىڭ بۇلاق دادامتۇ كەنتىدىكى دېھقانلارنىڭ تېرىلغۇ يەرلىرى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ۋاستىلىك مەجبۇرلىشى بىلەن، پارنىك تېخنىكلىرى دەپ ئاتالغان خىتاي كۆچمەنلىرىگە ئەرزان باھادا سېتىلماقتا. دېھقانلارنىڭ ئىككى يىلدىن بېرى بۇ ھەقتىكى ئەرزى ئېتىۋارغا ئېلىنمىغان، ئەكسىنچە بۇ دېھقانلارغا ئەرز يېزىپ بەرگەن، يېزىدىكى بىر زىيالىي بۆلگۈنچىلىك گۇمانى بىلەن سوراققا تارتىلغان ۋە ئاۋارىچىلىققا ئۇچرىغان.

يۇقارقى ئىككى كەنتتىكى ئاساسەن ئوخشاپ كېتىدىغان يەر مەسىلىسىنىڭ تامامەن پەرقلىق بىر تەرەپ قىلىنىشىدەك پاكىتلارغا ئاساسلانغان بەزى مۇستەقىل تەتقىقاتچىلار، خىتايدا نۆۋەتتە ئىككى خىل تۈزۈم ئەمەس ئۈچ خىل تۈزۈم يولغا قويۇلغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويماقتا.

بۇلارنىڭ قارىشىچە، نۆۋەتتە خوڭكوڭدا يولغا قويۇلىۋاتقىنى ئاپتونومىيە، چوڭ قۇرۇقلۇقتىكىسى بولسا، دىكتاتور تۈزۈم، ئۇيغۇر ئېلىدىكى بولسا مۇستەملىكىچىلىكتۇر.