خىتايدا چوڭ ۋەقەدىن كېيىن چوڭ ئۆزگۈرۈش، كىچىك ۋەقەدىن كېيىن كىچىك ئۆزگۈرۈش بولۇپ كەلمەكتە
ب ب س نىڭ بايان قىلىشىچە، سابىق خىتاي ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسى سىياسەت تەتقىقات ئىنىستېتوتىنىڭ باشلىقى يەن جياچى ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، خىتاينىڭ يېقىنقى زامان تارىخىدىكى قانۇنىيەتلەرگە قارىغاندا، خىتايدا ھەر قېتىم يۈز بەرگەن چوڭ ۋەقەدىن كېيىن، خىتايدا بىر چوڭ ئۆزگۈرۈش، كىچىك ۋەقەدىن كېيىن بىر كىچىك ئۆزگۈرۈش بولۇپ كەلمەكتە.
خىتاي تارىخىدىكى 'ئەپيۇن ئۇرۇشى' دېگەن چوڭ ۋەقە خىتايدا قانۇن ئىسلاھاتى ئېلىش بېرىشقا سەۋەپ بولغان ئىدى. 'مەدەنىيەت ئىنقىلابى' دېگەن ۋەقەدىن كېيىنمۇ ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش دېگەن چوڭ ئۆزگۈرۈش بارلىققا كەلدى.
پارتىيە بىلەن مەمۇرىينى ئايرىۋېتىش سىياسىي ئىسلاھاتقا ياتىدۇ
يەن جياچى ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، 1980 - يىللاردا، خىتايدا ئىسلاھات باشلانغاندىكى 'ھوقۇقنى تارقاقلاشتۇرۇش' ، 'پارتىيە بىلەن مەمۇرىينى ئايرىۋېتىش' دېگەن سىياسەتلەر ئىسلاھاتقا ياتىدۇ. بۇنى خىتايدا ئىسلاھات باشلانغاندا يۈز بەرگەن چوڭ ئۆزگۈرۈش دېيىشكە بولىدۇ. ئەگەر دېڭ شاۋپىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى سىياسىي ئىسلاھاتنىڭ بىرى بولغان 'ئۆمۈرلۈك مەنسەپ تۈزۈمى'نى ئەمەلدىن قالدۇرۇشقا جۈرئەت قىلمىغان بولسا، بۇ مەسىلە 1982 - يىلىدىكى ئاساسىي قانۇندا بىر ماددا قىلىنىپ ئوتتۇرىغا قويۇلمايتتى. جاڭ زېمىنمۇ ئۆمۈر بۇيى ھوقۇقتىن قول ئۈزمەيتى.
خىتايدا يۈز بەرگەن بۇ ئىلگىرىلەش خۇجىنتاۋ دەۋرىگە كەلگەندە توختاپ قالدى. بۇنداق توختاپ قېلىشقا يەنىلا دېڭ شاۋپىڭنىڭ ھەربى كومىتېت رەئىسىنىڭ ئۇدا ۋەزىپە ئۆتۈشىگە چەكلىمە قويمىغانلىقى سەۋەپ بولدى.
يەن جياچى ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، جاۋزىياڭ ئوتتۇرىغا قويغان 'پارتىيە بىلەن مەمۇرىينى ئايرىۋېتىش' دېگەن يۆنىلىش شارائىتىدا، خەلق ئىچىدە 'ئونمىڭ يۈەنلىك ئائىلە' دەيدىغان كىشىلەر پەيدا بولغان ئىدى. بۇ گەرچە خىتايدىكى كاپىتالىزم ئالامەتلىرى بولسىمۇ، ئەمما ئۇ ئەينى ۋاقىتتا تېخى بىر چوڭ ۋەقە بولۇپ شەكىللەنمىگەن ئىدى. شۇڭلاشقا چوڭ ئۆزگۈرۈش پەيدا قىلالمىدى.
'تۆتىنجى ئىيون ۋەقەسى' دېگەن چوڭ ۋەقەدىن كېيىن، خىتاي كاپىتالىستىك دۆلەتكە ئايلاندى
يەن جياچى ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، 1989 - يىلى خىتايدا ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتى باشلاندى. ئەينى ۋاقىتتا خىتاي خۇددى 1848 - يىلىدىكى 'فرانىسيە ئىنقىلابى' دېگەن دەۋرگە ئوخشاپ قالغان ئىدى. خۇددى شۇ ۋەقەدىن كېيىن فرانسىيىدە دېموكراتىك تۈزۈم تىكلىنىشكە باشلىغانغا ئوخشاش، خىتايدا دېڭ شاۋپىڭ كوممۇنىست پارتىيىنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىنى باستۇرۇپ پەيدا قىلغان 'تۆتىنجى ئىيون ۋەقەسى' دېگەن چوڭ ۋەقەدىن كېيىن، خىتاي كاپىتالىستىك دۆلەتكە ئايلىنىشقا باشلىدى.
گەرچە دېڭ شپاۋپىڭ بۇ كاپىتالىزىمنى 'جۇڭگوچە سوتسىيالىزىم' دەپ ئاتىۋالغان بولسىمۇ، ئۇنىڭ سوتسىيالىزىم ئەمەسلىكى ھەممە كىشىگە ئايان ئىدى. خىتايدا پەيدا بولغان بۇنداق چوڭ ئۆزگۈرۈشكە پۈتۈن سوتسىيالىزىم لاگىرى گۇمران بولغانلىقىمۇ تۈرتكە بولدى.
خۇجىنتاۋ خۇددى ناپاليۇن، گورباچېفلاردەك جۈرئەتلىك ئادەملەردىن ئەمەس
يەن جياچى ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، تەيپىڭ تيەنگوچە، ماۋزېدوڭچە چوڭ ئىنقىلاب خىتاي ئۈچۈن زىيانلىق. خىتايدا سىياسىي ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن پەقەت ئەركىن ئىگىلىك ئاساسىدا، ھوقۇق تۇتقۇچى بىلەن خەلقنىڭ ھەرىكىتى بىرلەشكەن شەكىل بولغىنى ياخشى.
ئەمما خۇجىنتاۋ خۇددى ناپاليۇندەك، گورباچېفتەك جۈرئەتلىك ئادەملەردىن ئەمەس. شۇڭلاشقا بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر نەچچە يىل ئىچىدە خىتايدا بىر چوڭ ئۆزگۈرۈش بولۇشىدىن ئۈمىد يوق.
دېڭ شاۋپىڭنى 'ئىسلاھاتنىڭ لايىھىلىگۈچىسى' دېگىلى بولمايدۇ
ب ب س نىڭ مۇنازىرە بېتىدىكى ئەركىن مۇنازىرىلەردە ئوتتۇرىغا قويۇلغان بەزى كۆز قاراشلار بۇنىڭغا ئوخشىمايدۇ. ئۇنىڭدىكى مەزمۇنلارغا قارىغاندا، دېڭ شاۋپىڭنى 'ئىسلاھاتنىڭ لايىھىلىگۈچىسى' دەپ ماختاش كوممۇنىست پارتىيىنىڭ ئالدامچىلىقى. خىتايدا ماۋزېدوڭ پەيدا قىلغان بالايى - ئاپەتلەردىن كېيىن ۋە دۇنيادا سوتسىيالىزىم يىمىرىلگەندىن كېيىن، خۇددى 'قوغۇن پىشسا پەلەكتىن ئاجرايدۇ' دېگەنگە ئوخشاش، خىتايدا ئىسلاھات ئېلىپ بارمىسا بولمايدىغان ۋەزىيەت ئاللىقاچان شەكىللىنىپ بولغان ئىدى.
ئۇنىڭدا ئېيتىشىچە، دېڭ شاۋپىڭ ئوتتۇرىغا قويدى دېيىلگەن 'ئاق مۈشۈك، قارا مۈشۈك، چاچقان تۇتقان قارا مۈشۈك' دېگەن گەپلەر ئەسلىدە خەلق ئىچىدىكى يۇمۇرلۇق تەمسىل. ئۇ ماكىسىزىمدىمۇ، ماۋزېدوڭ ئىدىيىسىمۇ ياكى دۆلەتنى ئىدارە قىلىش ھەققىدىكى باشقا نەزىرىيىلەرنىڭ ھېچقايسىسىدا يوق نەرسە. دېڭ شاۋپىڭ بۇنى يولغا قويۇش ئۈچۈن قوللانغان 'مۇنازىرە قىلماسلىق' دېگەن تەدبىرمۇ تېپىك مۇستەبىتلىك. دېڭ شاۋپىڭ بۇنداق 'قارا گەپ' ئارقىلىق، خىتايدا پەقەت ئىجتىمائىي چوڭ قالايمىقانچىلىق چىقاردى، خالاس.