خىتايدىكى 30 يىللىق ئىسلاھاتنىڭ نەتىجىسى، ئالىدىغان ساۋاق ۋە كەلگۈسى نېمە؟ (3)

ھازىر خەلقئارادا مەشھۇر زىيالىيلار، تەتقىقاتچىلار ۋە پروفېسسورلارنىڭ خىتايدىكى ھازىرقى رىئال مەسىلىلەرگە ئاساسەن، ئوتتۇز يىللىق ئىسلاھاتنىڭ نەتىجىسى نېمە؟ خەلق ئالىدىغان ساۋاق نېمە؟ خىتايدا بۇنىڭدىن كېيىن قانداق ئۆزگىرىش بولىدۇ؟ دېگەن تېمىلار بۇيىچە ئېلىپ بېرىۋاتقان مۇلاھىزىلىرى، مەسىلىلەر بۇيىچە قىلىشىۋاتقان بەس - مۇنازىرىلىرى داۋاملىشىۋاتىدۇ.

0:00 / 0:00

مۇشۇ 30 يىلدا خىتايدا كوممۇنىزم ئۆلدى

ب ب س نىڭ بايان قىلىشىچە، نيۇيورك ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى مەدەنىيەت - دىن مۇتەخەسسىسى، ئەركىن يازغۇچى شې خۇەنجۈن ئەپەندى خىتايلاردا يۈز بەرگەن ئېتىقاد ئۆزگىرىشى ھەققىدە مۇنداق دەپ مۇلاھىزە قىلدى: خىتايدىكى 30 يىللىق ئىسلاھات ئارقىلىق كىشىلەر كوممۇنىزم ئىدېئولوگىيىسىدىن ئۆزىنى قۇتۇلدۇرغانلىقى ۋە بۇ جەرياندا 'پۇل'غا ئېتىقاد پەيدا بولغانلىقى بىر پاكىت. شۇنىڭدىن كېيىن كىشىلەردە ئېتىقاد بوشلۇقى پەيدا بولدى، بۇ جەرياندا كىشىلەردە ئۆز - ئارا مۇناسىۋەت بۇزۇلدى، كىشىلەر'پۇل' ئۈچۈن ئەڭ يېقىن كىشىلىرىنى ئوتقا تىقىۋېرىدىغان بولدى. شۇنىڭدىن كېيىن ھۆكۈمەتمۇ، خەلقمۇ قەدىمقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە يۈزلەندى.

شې خۇەنجۈن ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، 1989‏ - يىلىدىكى دېموكراتىك ئىنقىلاب خىتايدا كوممۇنىزم ئۆلگەندىن كېيىن پەيدا بولغان ئېتىقاد بوشلۇقىنى تولدۇرۇشقا تىرىشقان ئىدى. كوممۇنىست پارتىيە ئۆزىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن، بۇ ئىنقىلابنى باستۇردى ۋە خىتاي تارىخىدىكى ئىككى خەن سۇلالىسى ۋە مىڭ، چىڭ سۇلالىلىرى دەۋرىدىكى مۇستەبىتلىك بىلەن قولغا كەلتۈرگەن بىر نەچچە يۈز يىللىق 'مۇقىملىق' تەدبىرىنى قوللىنىپ باشقا مىللەتلەر رايونىغا كېڭەيمەكچى بولدى. بۇ، خىتايدا كوممۇنىزم ئۆلۈپ، ھۆكۈمەتنىڭ 'مىللەتچىلىك' يولى بىلەن قەدىمقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە يۈزلەنگەنلىكىنىڭ ئالامەتلىرى. كوممۇنىست ھۆكۈمىتى قەدىمقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى مىللەتچىلىك بىلەن ئېلىپ بېرىشقا تىرىشقان بولسا، خەلق ئۇنىڭغا قارشى ھالدا 'نەپەس مەشىقى' قىلىدىغان قەدىمقى ئېتىقاد شەكىللىرىنى ياكى بىۋاستە كوممۇنىزمغا قارشى بولغان خرىستئان دىنىنى تەرەققى قىلدۇرۇشقا باشلىدى.

ب ب س نىڭ تور بېتىدە شاڭخەيدىن يېزىلغان بىر ئوبزوردا بايان قىلىشىچە، 'ئامالسىز قالغاندا بۇتنىڭ پۇتىنى قۇچاقلايدۇ' دېگەن تەمسىل بار. كوممۇنىست پارتىيە ھازىر شۇنداق ئەھۋالدا، ئەمما ھازىر خىتايدا خرىستىئانلار ۋە باشقا دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغانلارنىڭ سانى كوممۇنىست پارتىيە ئەزالىرىنىڭ سانىدىن كۆپ. بۇنىڭدىن كېيىن خىتاي ئەمەلدارلىرى كوممۇنىزىمنى دۆلەت دىنىغا ئايلاندۇرالمايدۇ. ھازىر خىتاي تارىختىكى جەنۇبىي - شىمالى سۇلالىلەر دەۋرىدە بىرلىك بۇزۇلغان، يېڭىلىققا ھەر كىم ئۆز خاھىشى بۇيىچە ئىنتىلىدىغان دەۋرگە ئوخشاپ قالدى.

خۇ ياۋباڭ باشلىغان دېموكراتىيە 20 يىل توختاپ قالدى

خىتايدىكى مۇستەقىل يازغۇچى ۋېي يىشېڭ ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، خۇ ياۋباڭ دەۋرىدە خىتايدا ئىشىك كەڭ ئېچىۋېتىلىپ، دېموكراتىيە كۆپىيىپ، ناھەق دېلولار ھەل قىلىنىشقا باشلىغاندىن كېيىن، خىتايدا ماۋ زېدوڭ دەۋرى ئاياقلاشقان ئىدى. بۇ ياخشى ۋەزىيەت 89‏ - يىلى باستۇرۇلدى. شۇنىڭدىن كېيىن، دېڭ شاۋپىڭ 'غەربچە دېموكراتىيە خىتايغا ماس كەلمەيدۇ' دەپ دېموكراتىك ھەرىكەتلەرنى توستى. شۇنىڭ بىلەن مۇشۇ 30 يىلدا دېموكراتىيە 20 يىل توختاپ قالدى. بۇ جەرياندا، خىتايدا ئەمەلدارلاردا خىيانەتچىلىك يامراپ كەتتى. ئەگەر ھازىر ھەر بىر ئۆلكىدە خىيانەتچىلەرنىڭ ئىسمىنى ئېلان قىلىدىغان بىردىن تام ياسالسا، پۈتۈن مەملىكەتتە يەنە بىر سەددىچىن پەيدا بولىدۇ.

- دېموكراتىيە 'غەرىبچە' ياكى 'شەرىقچە' دەپ ئايرىلمايدۇ، - دەيدۇ ۋېي يىشېڭ ئەپەندى مۇلاھىزىسىدە، - سوتسيالىزم يولغا قويۇلغان بەزى غەرب دۆلەتلىرىدە، كېيىن دېموكراتىيە يولغا قويۇلدىغۇ. دېموكراتىيە كىشىلەرگە ئاسماندىن چۈشمەيدۇ، ئۇنى خەلق ئۆزى ئارزۇلاپ، كۆرەش ئارقىلىق قولغا كەلتۈرىدۇ. دېموكراتىيە يولغا قويۇلسا، مۇستەبىتلىك ۋە خىيانەتچىلىككە خاتىمە بەرگىلى بولىدۇ. تەيۋەندە قانات يايدۇرۇلسا ياخشى بولغان دېموكراتىيە نېمە ئۈچۈن خىتايدا بولمايدىكەن؟

'شاۋكاڭ جەمئىيىتى' دەپ ئاتالغان 'چوشقا قوتىنى'

خىتايدىكى مۇستەقىل تەتقىقاتچى ليۇ شاۋبو ئەپەندى قولغا ئېلىنىشتىن بۇرۇن يازغان ماقالىسىدە مۇنداق دەپ بايان قىلغان ئىدى: بۇ 30 يىلدا، كوممۇنىست پارتىيە ئۆزىنى ماختاش ۋە خەلقنى گەپ قىلغۇزماسلىق تەدبىرىنى قوللىنىپ، خەلققە ھاكىم مۇتلەقلىق قىلىپ كەلدى. ھۆكۈمەت ئۆزىنى 'مۇقىم' قىلىش ئۈچۈن 'ئىسلاھات' دېگەن گەپنى ئاغزىدىن چۈشۈرمىدى. ئەمما ھەقىقىي ئىسلاھاتنى يولغا قويمىدى.

ليۇ شاۋبو ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، بۇ 30 يىلدا خىتاي ھۆكۈمىتى پەقەت ئۆزىنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈنلا بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ باي بولۇشىغا يول ئېچىپ بېرىپ، باي بولغانلارنىڭ بايلىقىنى قايتىدىن تەقسىم قىلىش بىلەنلا شۇغۇللاندى. مانا بۇ خىتايدا 'شاۋكاڭ جەمئىيىتى' دەپ ئاتالغان 'چوشقا قوتىنى'. ئەمەلىيەتتە بۇ بىر خىل 'بۇلاڭچى كاپىتالىزم'.

ليۇ شاۋبو ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھازىر شەخسىيلەر ئەركىن، ھوقۇقتا باراۋەر، ئىقتىسادىي تەقسىمات ئادىل بولغان ئىجتىمائىي تۈزۈمگە مۇھتاج. بۇنداق دېموكراتىك تۈزۈمنى تىكلەيدىغان ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ ئەمەلدارلاردا ئەمەس، بەلكى خەلق ئىچىدە.

ب ب س نىڭ تور بېتىگە يېزىلغان بىر ئوبزوردا 'مەن مانا شۇ خەلق ئىچىدىكى كۈچ' دەپ يېزىلغان.