مۇشۇ ۋاقىتتا 'ئىككى مىڭ سەككىزىنچى يىل خارتىيىسى' ئېلان قىلىنغانلىقى بۇ بەس - مۇنازىرىنى يۇقىرى پەللىگە كۆتۈردى.
'ئوتتۇز يىللىق ئىسلاھات' مەغلۇپ بولدى، ئەمدى خىتايدا زامانىۋى ئىجتىمائىي قىممەت قارىشى تىكلىنىشى كېرەك
خىتاي - ياۋروپا سودا ئىنستىتۇتىنىڭ پروفېسسورى شۈ شاۋنيەننىڭ خىتايدا چىقىدىغان 'مالىيە گېزىتى' دە ئېلان قىلغان "ئىككى مىڭ توققۇزىنچى يىلىغا نەزەر ۋە ئىستراتېگىيە" دېگەن ئوبزورىدا بايان قىلىنىشىچە، خىتايدا 'ئوتتۇز يىللىق ئىسلاھات' مەغلۇپ بولدى.
ھازىر يۈز بېرىۋاتقان ئىقتىسادىي مەسىلىلەر، چەتئەل مەبلەغلىرىگە تايىنىپ خىتاينى تەرەققى قىلدۇرماقچى بولغان ئىقتىسادىي 'مودېل' نىڭ يولىنى توسۇپ تاشلىدى. بۇنىڭدىن كېيىن خىتايدا، خۇسۇسىي قىممەت قارىشى ۋە كىشىلىك ھوقۇقنى مەركەز قىلغان ئىدېئولوگىيە، دېموكراتىيە ۋە قانۇنى تۈزۈم، ئەركىن بازار ئىگىلىكى سىستېمىسىدىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ مەزمۇننى ئۆز ئىچىگە ئالغان زامانىۋى ئىجتىمائىي قىممەت قارىشى تىكلىنىشى كېرەك. بۇ بىر چوڭ سىياسىي ئىسلاھات.
خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى ئۆزىنىڭ دېموكراتىيە ھەققىدە قىلغان سۆزلىرىدىن قورقۇپ كېتىپ يەنە ئىنتېرنېتنى تاقاشقا باشلىدى
خىتايدا 'ئىككى مىڭ سەككىزىنچى يىل خارتىيىسى' جاكارلانغاندىن كېيىن، خەلقئارادا بىر قىسىم زىيالىيلار خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى ئاشكارىلاشنى خالىمايدىغان بىر مەخپىيەتلىكنى، يەنى بۇرۇن خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى ئۆزى ئېلان قىلغان دېموكراتىيە ھەققىدىكى باياناتلىرىنى ئىنتېرنېت ئارقىلىق ئاشكارىلاشقا باشلىدى.
ئامېرىكىدا تۇرۇۋاتقان مۇستەقىل تەتقىقاتچى جۇ شۈيۇەن ئەپەندىنىڭ بايان قىلىشىچە، خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى 'شىنخۇا گېزىتى'نىڭ 1939 - يىل 2 - ئاينىڭ 25 - كۈنىدىكى سانىدا "ئۇلار (گومىنداڭ) خىتاي خەلقىنىڭ مائارىپ سەۋىيىسى ياۋروپا بۇرژۇئازىيىسىنىڭ سەۋىيىسىگە يەتكەندە، ئاندىن خىتايدا دېموكراتىك تۈزۈم تىكلىگىلى بولىدۇ، دەۋاتىدۇ، ئەمەلىيەتتە دېموكراتىك تۈزۈم تىكلەنسە ئاندىن خەلقنىڭ مائارىپ سەۋىيىسى تېز يۇقىرى كۆتۈرىلىدۇ"دەپ جاكارلىغان ئىدى.
خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى 'شىنخۇا گېزىتى'نىڭ 1942 - يىل 8 - ئاينىڭ 29 - كۈنىدىكى سانىدا "خەلقنىڭ پىكىر بايان قىلىش ۋە نەشرىيات ئەركىنلىكىگە ھۈرمەت قىلىدىغان روھ ئەنگلىيە، ئامېرىكا خەلقنىڭ روھى، بۇ دەل بىز ئۈگىنىدىغان روھ" دەپ جاكارلىغان ئىدى.
خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى 'شىنخۇا گېزىتى'نىڭ 1944 - يىل 2 - ئاينىڭ 1 - كۈنىدىكى سانىدا "ئەنگلىيە، ئامېرىكىلاردا خەلقنىڭ ھوقۇقى كاپالەتكە ئىگە. دېموكراتىيىدىن قورقۇش نامەردلىك، بىز خەلقنىڭ ئەقەللىي دېموكراتىيە ھوقۇقىغا كاپالەتلىك قىلىشنى تەشەببۇس قىلىمىز" دەپ جاكارلىغان ئىدى.
خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى 'ئازادلىق گېزىتى' نىڭ 1944 - يىل 6 - ئاينىڭ 13 - كۈنىدىكى سانىدا، ماۋ زېدۇڭ چەتئەل مۇخبىرلىرى بىلەن كۆرۈشكەندە "خەلىقتە پىكىر بايان قىلىش، نەشرىيات ۋە تەشكىلاتلارغا ئويۇشۇش ئەركىنلىكى، ھۆكۈمەتنى سايلاش ئەركىنلىكى بولسا، ئاندىن ئۇنى كۈچلۈك سىياسىي دېگىلى بولىدۇ' دېدى، دەپ جاكارلىغان ئىدى.
خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى 'شىنخۇا گېزىتى'نىڭ 1945 - يىل 1 - ئاينىڭ 28 - كۈنىدىكى سانىدا "سىلەر )گومىنداڭ( خەلقنى ئالدىماڭلار، دېموكراتىيە دېگەن راستچىل تۈزۈم، باشقا ساختا نەرسىنى پەدەزلەپ دېموكراتىيىنىڭ ئورنىغا دەسسىتىشكە يول قويۇلمايدۇ " دەپ جاكارلىغان ئىدى.
خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى 'شىنخۇا گېزىتى'نىڭ 1945 - يىل 4 - ئاينىڭ 8 - كۈنىدىكى سانىدا "بىزدىكى ھەممە تۈزۈم، سىياسەت ۋە باشقا نىزاملارنى دۇنيادىكى ئۆزگىرىشلەرگە ماس كېلىدىغان قىلىپ ئۆزگەرتىشىمىز كېرەك' دەپ جاكارلىغان ئىدى.
خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى 'شىنخۇا گېزىتى'نىڭ 1943 - يىل 9 - ئاينىڭ 1 - كۈنىدىكى سانىدا "فاشىستلار بىر پارتىيە، بىر داھى، بىر گېزىت بولۇش تۈزۈمىنى تەشەببۇس قىلىدۇ، بۇنىڭغا يات بولغانلارنى چەكلەيدۇ، ئۆزىگە بېقىندۇرۇۋالىدۇ ياكى يوقىتىدۇ، ئۇنى ئوقۇغان كىشىلەرگىمۇ تەھدىت سالىدۇ، باشقا نەشرىياتلارنىڭ ماقالىلىرىنى تەكشۈرۈپ، تەھرىرلەپ ئۆزىگە ماس كېلىدىغان قىلىپ ئۆزگەرتىدۇ ياكى سېتىۋالىدۇ ياكى تاقايدۇ' دېگەن ئىدى.
جۇ شۈيۇەن ئەپەندىنىڭ بايان قىلىشىچە، 'ئىككى مىڭ سەككىزىنچى يىل خارتىيىسى' ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، خىتاي ھۆكۈمىتى ئەركىن پىكىر بايان قىلغان زىيالىيلارنى قولغا ئېلىشقا باشلىدى، ھازىر يەنە خەلق ئەركىن پىكىر بايان قىلىشى مۇمكىن بولغان ئىنتېرنېت تور بەتلىرىنى 'دۆلەتنى پارچىلاشقا ئۇرۇنۇۋاتىدۇ' دېگەن جىنايى نام بىلەن تاقاشقا باشلىدى.
كوممۇنىست خىتاي 2009 - يىلىدا تېخىمۇ چوڭ سىياسىي بېسىمغا دۇچ كېلىدۇ
'ۋولت سترىت ژۇرنىلى'دا ئېلان قىلىنغان بىر ئوبزوردا بايان قىلىنىشىچە، 2009 - يىلى خىتايدا، بۇ يىل باشلانغان ئىقتىسادىي چۈشكۈنلۈك داۋام قىلىدۇ. دۇنيا كىشىلىك ھوقۇق خىتابنامىسى ئېلان قىلىنغانلىقىنىڭ 60 يىللىق خاتىرە كۈنىدە جاكارلانغان 'ئىككى مىڭ سەككىزىنچى يىل خارتىيىسى' ۋە 'تۆتىنچى ئىيون ۋەقەسى'نىڭ يىگىرمە يىللىق خاتىرە كۈنلىرىدىكى سىياسىي سەزگۈرلۈك خىتاي ھۆكۈمىتىنى قېيىن ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويىدۇ.
بو ئوبزوردا بايان قىلىنىشىچە يەنە، گەرچە يېقىندا خىتايدا جاكارلانغان 'ئىككى مىڭ سەككىزىنچى يىل خارتىيىسى' دە كوممۇنىست پارتىيىنى يوقىتىش شوئارى ئوچۇق ئوتتۇرىغا قويۇلمىغان بولسىمۇ، ئەمما ھۆكۈمەتنىڭ ئەركىنلىكنى، تەڭ - باراۋەرلىكنى ۋە كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلىۋاتقانلىقى، پەقەت ھازىرقى ھوقۇقىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈنلا، دۆلەتنى تەرەققى تاپقۇزىدىغان سىياسىي ئىسلاھاتنى رەت قىلىۋاتقانلىقى تەنقىدلەنگەن.
شۇنداقلا يەنە، بۇنىڭدىن كېيىن خىتايدا بىر يېڭى ئاساسىي قانۇن تىكلەنسە، دېموكراتىك سايلام، پىكىر ئەركىنلىكى، تەشكىلاتلارغا ئويۇشۇش ۋە دىنىي ئەركىنلىك يولغا قويۇلسا، ئاندىن چىقىش يولى بولىدىغانلىقى كۆرسىتىلگەن.