ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا كوممۇنىست پارتىيىنى ماختىغۇزىدىغان بىر سىياسىي ھەرىكەت باشلاندى
ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بايان قىلىشىچە، خىتايدىكى پېشقەدەم ژۇرنالىست گاۋيۈ خانىم ۋە خىتاي ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ پەلسەپە تەتقىقاتچىسى جاڭ بوشۇلار ئېلان قىلغان مۇلاھىزىلىرىدە، خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىر سايلاپ چىققان 'ياشلاردىن چىققان مەشھۇر 10 كىشى' دېگەن كىشىلەر پۈتۈنلەي كوممۇنىست پارتىيىگە ئەڭ كۆپ غالچىلىق قىلىۋاتقان كىشىلەر ئىكەنلىكى، ئەمەلىيەتتە بۇلارنىڭ خەلق ئىچىدە ۋەكىللىك خاراكتېرى يوقلۇقى، ھەتتا ئۇلارنىڭ ئىچىدە بىرمۇ دېھقان ياكى دېھقان ئىشلەمچى يوقلۇقىدىن ئىبارەت رىئاللىق بىلەن بېيجىڭدا تۇرۇپ مۇلاھىزە ئېلان قىلىۋاتقان مۇستەقىل تەتقىقاتچى ليۇشاۋبو ئەپەندىنى تۈنۈگۈن خىتاي ھۆكۈمىتى قولغا ئالغانلىقىدىن ئىبارەت بۇنداق يەنە بىر رىئاللىقنى سېلىشتۇرۇپ، ھازىر كوممۇنىست پارتىيىنىڭ ئۆزگىرىپ ياخشى ئادەمگە ئايلىنىشىدىن ئۈمىد يوق، دەپ خىتاپ قىلدى.
خەلقئارادا خىتايدىكى ھازىرقى رىئال مەسىلىلەرگە ئاساسەن، ئوتتۇز يىللىق ئىسلاھات ھەققىدە ئوتتۇرىغا قويۇلۇۋاتقان مۇلاھىزىلەر ھازىر بارغانسىرى چۇڭقۇرلىشىۋاتقان بىر ۋەزىيەتتە، خىتاينىڭ 'تەڭرىتاغ تور بېتى'دە ئېلان قىلىنغان خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى، مائارىپ نازارىتى دېگەن ئورگانلىرى 12 - ئاينىڭ 7 - كۈنىدىن باشلاپ، ھەر قايسى ئالىي مەكتەپلەردە 'ئىشىكنى ئېچىۋېتىش - ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشنىڭ نەتىجىلىرى' دېگەن تېمىدا تەشۋىقات باشلىدى.
ئەمەلىيەتتە خەلققە مەخسۇس كوممۇنىست پارتىيىنى ماختىغۇزىدىغان بۇنداق بىر سىياسىي ھەرىكەتتە، خىتاينىڭ شىنخۇا ئاگېنتلىقى 'ياشلاردىن چىققان مەشھۇر 10 كىشى' دېگەن كىشىلەرنى ئۆگىنىش ئۈلگىسى قىلىپ كۆرسەتمەكتە. شۇنداقلا يەنە، ئوتتۇز يىللىق ئىسلاھات ئارقىلىق، خىتايدا كىشىلىك ھوقۇق جەھەتتە تارىخىي خاراكتېرلىك ئىلگىرىلەش بولدى دەپ تەشۋىق قىلىۋاتىدۇ.
ھۆكۈمەت ئىسلاھاتتا 'دۆلەت باي ، خەلق نامرات' بولىدىغان خاتا يول تۇتتى
ب ب س نىڭ بايان قىلىشىچە، ئامېرىكىدا تۇرۇۋاتقان ئىقتىسادشۇناس خې چىڭليەن خانىم 'خىتايدىكى 30 يىللىق ئىسلاھات' دېگەن تېمىدا ئېلىپ بارغان مۇلاھىزىسىدە، بۇ 30 يىلدا، خىتايدا ناھايىتى چوڭ ئۆزگىرىش بولدى، دۆلەتنىڭ ھەر خىل چىقملىرىنىڭ سانى ئۇنىڭ ناھايىتى بەك بېيىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ، ئەمما خەلقنىڭ كىرىمى ھەققىدىكى سانلىق مەلۇماتلار، ئۇنىڭ دۆلەتكە قارىغاندا ناھايىتى بەك نامرات قالغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. مانا بۇ خىتايدىكى چوڭ ئۆزگىرىشنىڭ ئەمەلىي ئىپادىسى؛ بۇ جەريانىدا، خىتايدا ناھايىتى ئېغىر مۇھىت مەسىلىسى ۋە ئىجتىمائىي مەسىلە پەيدا بولدى، دەپ كۆرسەتتى.
خې چىڭليەن خانىمنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ 30 يىلدا، دۆلەتنى باي قىلىپ، خەلقنى نامرات قالدۇرىدىغان يولغا ماڭغانلىقى بىر چوڭ خاتالىق. خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ نىشان ئۈچۈن، ئالدى بىلەن 1989 - يىلى ئەمەلدارلاردىكى خىيانەتچىلىككە قارشى تۇرۇشنى تەشەببۇس قىلغان خەلقنى قوراللىق باستۇرغان ئىدى. ئۇنىڭدىن كېيىنمۇ، ئىزچىل ھالدا كوممۇنىست پارتىيىدىكى چىرىكلىكلەرنى ئاشكارىلىغان ئۇچۇر ۋاستىلىرىنى باستۇرۇپ كېلىۋاتىدۇ.
ب ب س تور بېتىدە خەلق ئوتتۇرىغا قويغان ئەركىن مۇنازىرىلەردە ئېيتىلىشىچە، قاچان خىتاينىڭ 'خەلق گېزىتى'دە خې چىڭليەن خانىمدەك كىشىلەرنىڭ ئۆتكۈر تەنقىدلىرى ئاشكارا بېسىلىدىغان بولسا، شۇ چاغدا خىتايدا كىشىلىك ھوقۇق ياخشىلاندى، ئەمدى خىتايدا ئۈمىد بار دېگىلى بولىدۇ.
ھازىر رۇسىيىدە باي بولغانلار بىلەن خىتايدا باي بولغانلار ھەممىسى بىر قېلىپتىن چىققان
- ئەگەر خىتاي جەمئىيىتىنى ئىنچىكە كۆزىتىدىغان بولساق، - دەپ مۇلاھىزىسىنى باشلايدۇ چېن فېڭشاۋ ئەپەندى 'كۆزىتىش ژۇرنىلى'دا ئېلان قىلغان مۇلاھىزىسىدە، - خىتاي جەمئىيىتىدە باي بولغانلارنىڭ مۇتلەق كۆپچىلىكى، ئەمەلىيەتتە خۇ جىنتاۋنىڭ 'كوممۇنىست پارتىيىنى ئومۇم خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان پارتىيە قىلىپ قۇرۇپ چىقىش' ، 'خەلق ئۈچۈن ھوقۇق تۇتۇش' ، 'ئىناق جەمئىيەت قۇرۇش' دېگەن شۇئارى ئاستىدا باي بولغان كوممۇنىست ئەمەلدارلىرى ۋە ئۇلارنىڭ بالا - چاقا، ئۇرۇق - تۇغقانلىرىدىن ئىبارەت.
بۇ ماقالىدە بايان قىلىنىشىچە، ھازىر رۇسىيىدە باي بولغانلار بىلەن خىتايدا باي بولغانلار ھەممىسى بىر قېلىپتىن چىققان. رۇسىيىدە ھازىر سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى دەۋرىدىكى پارتىيە ، ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى ۋە ئۇلارنىڭ جەمەتلىرى باي. خىتايدىمۇ شۇنداق. گەرچە ئادەتتىكى دۆلەت پۇقرالىرى ئىچىدىن بېيىغان كىشىلەر بولسىمۇ، ئەمما كوممۇنىستلار گۇرۇھى ئۇلارنى مارلاپ يۈرۈپ، ئىشىدىن قۇسۇر تېپىپ، ئۇلارنى ھەر ئامال قىلىپ بۇلاپ يوقىتىپ كېلىۋاتىدۇ.
خىتايدا يامراۋاتقان ئەيدىز كېسەللىكى ' كوممۇنىستلاشتى'
كۆزىتىش ژۇرنىلىدا بايان قىلىنىشىچە، خىتايدىكى 30 يىللىق ئىسلاھات ئارقىلىق دۆلەت باي بولدى، ئەمەلدارلار چىرىكلەشتى، ئەخلاقتا بۇزۇلدى. خىيانەتچى ئەمەلدارلار ئۆزلىرىنىڭ ھارام مۈلكىنى ئىككىنچى، ئۈچىنچى، ھەتتا يەنە نەچچىنچى خانىملىرى ئارقىلىق يوشۇرۇۋاتىدۇ. خىتايدا بۇلارنى سورايدىغان قانۇن يوق ئىدى. بۇنىڭ تەسىرىدە، پۈتۈن كوممۇنىست پارتىيە ئەزالىرى، دۆلەت كادىرلىرىمۇ ھاراقكەشلىككە ، ئەيشى - ئىشرەتكە بېرىلىپ چىرىكلىك پاتقىقىغا پاتتى.
بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى، چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتى قاتارلىق بىر نەچچە ئالىي مەكتەپنىڭ تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە قارىغاندا، 2002 - يىلىدىن 2007 - يىلىغىچە بولغان بۇ بىر نەچچە يىل ئىچىدە، خىتايدا يامراۋاتقان ئەيدىز كېسەللىكى 'كوممۇنىستلاشتى' ۋە 'كادىرلاشتى'. ھازىر خىتايدا كوممۇنىستلار ۋە كادىرلار ئەيدىز كېسەللىكى ئەڭ تېز تەرەققى قىلىۋاتقان رايونغا ئايلاندى، بۇ جەرياندا ئاياللار ئەڭ چوڭ زىيانكەشلىككە ئۇچراۋاتىدۇ.
