خىتايدىكى ئىلمىي ماقالە سودىسى بىر يىلدا 1 مىليارد خەلق پۇلىغا يەتتى

5 - يانۋار كۈنى خىتاينىڭ خۇبېي ئۆلكىسىدە نەشر قىلىنىدىغان "چاڭجياڭ گېزىتى" دە، ۋۇخەن ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ دوتسېنتى شېن ياڭپو ئېلان قىلغان، "ۋۇخەن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ بىر ئىلىم ئادىمى شەمشىرىنى ئىلمىي ماقالە سودىسىنى كەسىپ قىلىۋالغانلارغا تەڭلەيدۇ" ناملىق تەكشۈرۈش دوكلاتىدا، خىتايدا بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ باشقىلارغا ئىلمىي ماقالە يېزىپ بېرىش ئارقىلىق قىلغان تاپاۋىتىنىڭ 1 مىليارد يۈەن خەلق پۇلى قىممىتىگە يەتكەنلىكى ئاشكارىلانغاندىن كېيىن، بۇ خەۋەر خىتاي جەمئىيىتىنى زىلزىلىگە سالغان.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﻣﯩﻬﺮﯨﺒﺎﻥ
2010.01.13

نۇرغۇن كىشىلەر، خىتاي جەمئىيىتىدە ھەممە نەرسىنىڭ ساختىسى بارلىقىنى، ئەلۋەتتە ئىلىم ساھەسىدىمۇ يالغان دىپلوم ياساش، باشقىلارنىڭ ئورنىغا ئېمتىھان بېرىش، باشقىلارغا ماقالە يازدۇرۇش قاتارلىق قىلمىشلارنىڭ ھازىر خىتايدا ھەممە كىشى بىلىدىغان ئاشكارا خەۋەرلەر بولسىمۇ، لېكىن پەقەت 2009 - يىل بىر يىل ئىچىدىلا باشقىلارغا ئىلمىي ماقالە يېزىپ بېرىشنى مەخسۇس كەسىپ قىلغانلارنىڭ بۇ قەدەر ئەۋج ئېلىپ، تاپاۋىتىنىڭ 1 مىليارد يۈەن خەلق پۇلىغا يەتكەنلىكى ھەققىدىكى خەۋەرنى ئاڭلىغىنىدا ھەيرانلىقىنى ئىپادىلىگەن.

نۇرغۇن كىشىلەر بۇ ساننىڭ توغرىلىقىدىن گۇمان قىلىشقان بولسىمۇ، ئەمما ۋۇخەن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوتسېنتى شېن ياڭپو بۇ سانلىق مەلۇماتنى ئېنىقلاشتا، ئۆزىنىڭ 3 يىل جەريانىدا باشقىلارغا ئىلمىي ماقالە يېزىپ بېرىشنى كەسىپ قىلغانلارنى مەخسۇس تەكشۈرىدىغان ئەترىتىگە يېتەكچىلىك قىلىپ ئۇزۇن مۇددەت ئىنچىكە تەكشۈرۈش، سانلىق مەلۇماتلارنى توپلاش ئارقىلىق نەتىجىگە ئېرىشكەنلىكىنى، بۇنىڭ ئىشەنچلىك مەلۇمات ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن. ئۇنىڭ دېيىشىچە، 2009 - يىللىق سىتاتىستىكىلىق مەلۇمات 2007 - يىلدىكىدىن نەچچە ھەسسە كۆپەيگەن بولۇپ، ئۇلار ئىگىلىگەن سانلىق مەلۇمات 1 مىليارد يۈەن خەلق پۇلىغا يەتكەن ئىكەن.

شېن ياڭپونىڭ تەكشۈرۈش ئەترىتىنىڭ دوكلاتىدا بايان قىلىنىشىچە، باشقىلارغا پۇل بېرىپ ئىلمىي ماقالە يازدۇرىدىغانلارنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ زور قوشۇن ئەمەلىيەتتە ئىلگىرى كىشىلەر تەرىپىدىن ئانچە ئېتىبارغا ئېلىنمىغان ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرى بولۇپ، ھازىر ئۇلارغا ھەر خىل باھالاشلاردا ئىلمىي ماقالە ئېلان قىلىشتەك ئېغىر ئۆلچەم قويۇلغىنى ئۈچۈن، ئۇلار ئىلمىي ماقالىلەرنى پۇلغا سېتىۋالغاندىن سىرت يەنە، قانۇنسىز نەشرىيات ئورۇنلىرىغا ھەم شەخسلەرگە پۇل تۆلەپ بۇلارنى نەشر قىلدۇرىدىكەن.

ھازىر بۇ خىل ئىلمىي ماقالىلەرنى ئېلان قىلىدىغان قانۇنسىز نەشرىيات سودىگەرلىرى ئىنتايىن كۆپىيىپ كەتكەن بولۇپ، ئۇلار دۆلەت ئىچىدە ھېچقانداق ئورۇنغا تىزىمغا ئالدۇرمىغان، ئۇلار مەخسۇس كىشىلەرنىڭ ھاۋالىسى بىلەن ئۇنۋان ئېلىش ۋە باشقا باھالاشلار ئۈچۈن قەرەلسىز ژۇرناللارنى نەشر قىلىپ، ئاشۇنداق زاكاز ماقالىلەرنى بېسىپ پۇل تاپىدىكەن. ئۇلار ھەر قايسى ئۇنىۋېرسىتېت ھەم تەتقىقات ئورۇنلىرىنىڭ نەشرىياتلىرى بىر يىل ئىچىدە بەلگىلەنگەن 12 سان ژۇرنالدىن باشقا يەنە، ئاپتورلاردىن پۇل ئېلىش ئارقىلىق نەشر قىلىدىغان مەخسۇس سان، قوشۇمچە سان دېگەنگە ئوخشاش ژۇرناللارنىمۇ باسىدىغان بولۇپ، بۇلارنىڭ سانىنى ھەم بۇ ژۇرناللاردىن كىرىم قىلغان پۇلىنى ئاشۇ نەشرىيات ئورگانلىرىدىكى خادىملار ئۆزلىرىلا بىلىدىكەن. ھالبۇكى ھەر قايسى ئۇنىۋېرسىتېتلار بولسا ئىلمىي ماقالە سودىسى ئېلىپ بېرىلىدىغان ئەڭ چوڭ سودا بازارلىرىدىن ئىكەن.

شېن ياڭپونىڭ تەكشۈرۈش دوكلاتىدىكى سانلىق مەلۇماتنىڭ راستلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرگەن بىرەيلەن، ئۆزىنىڭ ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىغا ئىلمىي ماقالە يېزىپ بېرىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، "گەرچە بۇ خىل ماقالىلەرنىڭ باھاسى بەك يۇقىرى بولمىسىمۇ، لېكىن بۇنىڭدىن كىرىدىغان كىرىم خېلى ياخشى،" دېگەن.

شېن ياڭپو ئۆزىنىڭ 2009 - يىلى ئىچىدە تەخمىنەن 1 مىليارد يۈەنلىك خەلق پۇلى قىممىتىدىكى ئىلمىي ماقالە سودىسى بولغانلىقى ھەققىدىكى سانلىق مەلۇماتنى خۇلاسىلەپ چىقىش جەريانى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېگەن: "خىتاي مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ ستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، 2008 - يىلى خىتاينىڭ دۆلەت ئىچىدىكى باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ سانى 10 مىليوندىن ئاشقان بولۇپ، ئەگەر بىر ئوقۇتقۇچى 100 يۈەن خەجلەپ بىر پارچە ماقالە سېتىۋالدى دېسەك، ئۇ چاغدا بۇ سودىنىڭ مىقدارى قانچىلىك بولىدۇ؟ بىز بۇنىڭ ئىچىگە تېخى ئۇنىۋېرسىتېتلاردىكى ئوقۇغۇچىلارنى، ئالىي مەكتەپ ۋە تەتقىقات ئورنىدىكىلەرنى، ئىدارە ‏ - ئورگانلاردا ئۇنۋان ئېلىش ئۈچۈن ماقالە سېتىۋېلىۋاتقانلارنىڭ سانىنى قوشمىدۇق. مەن بۇ ساننى ھازىر تور يۈزىدە سېتىلىۋاتقان ماقالىلەرنىڭ سېتىلىش ئەھۋالىغا ئاساسەن ھېسابلاپ چىقتىم، بىز ئىلمىي ماقالە سودىلىرى بولىدىغان بىر قانچە تور بېكىتىگە كۆزىتىش ئاپاراتى بار يۇمشاق دېتالنى ئەۋەتتۇق، بۇنىڭدىن بۇ تور بەتلىرىنىڭ ھەر كۈنى زىيارەت قىلىش مىقدارىنىڭ تەخمىنەن كۈنىگە يۈز ئادەم قېتىم ئىكەنلىكىنى ئېنىقلىدۇق، بۇلارنىڭ ئىچىدىن ماقالە سېتىۋالىدىغانلارنىڭ سانىنى ئېنىقلىدۇق. ئۇلارنىڭ سودا جەريانىنىڭ چ چ ئالاقە تورىدا ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقىنى تەكشۈرگەندىن كېيىن، بۇنى 365 كۈنگە كۆپەيتىش ئارقىلىق دەسلەپكى يەكۈننى چىقاردۇق، ئۇنىڭدىن باشقا، جەمئىيەتتە يەنە ئىنچىكە تەكشۈرۈشلەرنىمۇ ئېلىپ باردۇق. بىزنىڭ تەكشۈرۈشىمىزگە ئاساسلانغاندا، بۇ يەنىلا ئەڭ تۆۋەن دەرىجىدىكى سانلىق مەلۇمات دېيىشكە بولىدۇ، ئەمەلىيەتتە بىر يىل ئىچىدە بولىدىغان ئىلمىي ماقالە سودىسى 2~ 3 مىليارد يۈەن خەلق پۇلى قىممىتىدە بولۇۋاتىدۇ دېسەكمۇ مۇبالىغە بولمايدۇ."

چاڭجياڭ گېزىتىنىڭ مۇخبىرى ۋان جيەنخۇي ئۆزىنىڭمۇ خىتايدىكى ئىلمىي ماقالە كۆچۈرمىچىلىكى ھەققىدە ئۇدا بىر نەچچە ئايدىن بۇيان تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ، بۇ ھەقتە كۆپلىگەن خەۋەرلەرنى بەرگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ شېن ياڭپو ۋە ئۇنىڭ كەسىپدىشىنىڭ يېتەكچىلىكىدىكى دوكتۇر ھەم ماگىستىر ئاسپىرانتلىقىدا ئوقۇۋاتقان بىر قانچە ئوقۇغۇچىدىن تەركىپ تاپقان بۇ ئەترەتنىڭ تەكشۈرۈش دوكلاتىدىكىدەك بۇ قەدەر ئىنچىكە سانلىق مەلۇماتلارنى ئېنىقلاپ چىقىش ئىمكانىيىتىگە ئېرىشەلمىگەنلىكتىن، ئۆزى ئىشلىگەن خەۋەرلەرنىڭ جەمئىيەتتە بۇ ماقالىدەك زىلزىلە پەيدا قىلالمىغانلىقىنى بايان قىلىش بىلەن بىللە، ئۆزىنىڭ شېن ياڭپوغا بولغان قايىللىقىنى ئىپادىلىگەن.

شېن ياڭپونىڭ تەكشۈرۈش دوكلاتى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، خىتاي مەتبۇئاتلىرىدا تەنقىدنىڭ تىغ ئۇچى ئالدى بىلەن ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئۇنۋان باھالاش ۋە يىللىق باھالىشىدا ئۇلارنىڭ خىزمەت ئۈنۈمىنى ئاساس قىلماستىن، ئىلمىي ماقالە يېزىشنى ئۇلارنىڭ نەتىجىسىنى باھالاشتىكى ئۆلچەم قىلىۋالغان مائارىپ ئىدارىلىرى ۋە مەكتەپلەرگە قارىتىلغان.

نۇرغۇن كىشىلەر ئۆز قاراشلىرىنى بىلدۈرۈپ خىتاي ئىلىم ساھەسىدە بۇ خىل ساختىلىقلارنىڭ يامرىشىغا، ئەمەلىيەتتە خىتايدىكى مۇشۇ خىل شەكىلۋازلىق، ساننى قوغلىشىپ سۈپەت بىلەن كارى بولماسلىقتەك قېلىپبازلىق سەۋەب بولغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇشماقتا.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.