خىتايدا ئىش تاشلاش دولقۇنى كۆتۈرۈلمەكتە

خىتايدىكى تەرەققى قىلغان شەھەرلەردە ئىشچىلارنىڭ ئىش تاشلاش ھەرىكەتلىرى ئەۋج ئېلىپ، نامايىشلار كۆپەيمەكتە ۋە زاۋۇت مەسئۇللىرى بىلەن ئىشچىلار، ئىشچىلار بىلەن ساقچىلار ئارىسىدىكى توقۇنۇشلار بارغانسېرى كۈچەيمەكتە.
ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئەكرەم
2011.11.25

بۇ يىل 4 - ئاينىڭ 21 - كۈنى شاڭخەيدىكى ئوراش - قاچىلاش زاۋۇتىنىڭ يۈك ماشىنىسى شوپۇرلىرى ئىش تاشلاپ ئارىدىن تۆت ئاي ئۆتمەيلا، 8 - ئاينىڭ 1 - كۈنى شاڭخەي ۋە خاڭجۇدىكى تاكسى شوپۇرلىرى ئىش تاشلىغان ئىدى. 8 - ئاينىڭ 31 - كۈنى جۇڭگو تۆمۈركان ئىشچىلىرى مۇددەتسىز ئىش تاشلىدى. شېنجىندا كىتىزەن سائەت سايمانلىرى شىركىتىنىڭ 2 مىڭدىن ئارتۇق ئىشچىسى 10 - ئاينىڭ 17 - كۈنىدىن 22 - كۈنىگىچە ئىش تاشلىدى. بۇ ھەپتە يەنە شېنجىندىكى ئالما ۋە ئى ب م كومپىيۇتېر زاپچاسلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش ھەم قوراشتۇرۇش شىركىتىنىڭ مىڭلىغان ئىشچىلىرى ھەمدە نېك ناملىق ئاياق زاۋۇتىنىڭ مىڭلىغان ئىشچىلىرى ئىش تاشلىدى.

فرانسىيە ئاۋازى رادىئوسىنىڭ 24 - نويابىردىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، 22 - نويابىر كۈنىدىن باشلاپ گۇاڭدۇڭنىڭ شېنجىن ۋە دوڭگۇەن شەھەرلىرىدە يەنە 10 مىڭدىن ئارتۇق ئىشچى ئىش تاشلىغان. نامايىشلار بۈگۈنمۇ داۋاملاشماقتا. بۇنداق ئىش تاشلاش ھەرىكەتلىرى خىتاينىڭ تەرەققى قىلغان شەھەرلىرىدە بارغانسېرى ئەۋىج ئېلىپ، مەملىكەت خاراكتېرلىك ئىش تاشلاش دولقۇنى شەكىللەندۈرۈش خەۋپىنى ياراتماقتا ئىكەن. بولۇپمۇ 2011 - يىلىنىڭ ئىككىنچى يېرىمىدىن باشلاپ، خىتاينىڭ چوڭ شەھەرلىرىدە ئىش تاشلاش ھادىسىلىرى ھەر كۈنى دېگۈدەك يۈز بەرمەكتە. باش شىتابى خوڭكوڭدا بولغان ئەمگەكچىلەرنىڭ ھوقۇقىنى قوغداش تەشكىلاتىنىڭ مەسئۇللىرىدىن جەففرەي رۇسسەلنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ يىل خىتايدا يۈز بېرىۋاتقان ئىش تاشلاش ھادىسىلىرى 2009 - يىلىدىن بۇيانقى كۆلىمى ئەڭ چوڭ ئىشچىلار دولقۇنى بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن. گېرمانىيىدىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى ئۆمەرجان ئەپەندى، ئەگەر بۇ خىل قارشىلىق ھەرىكەتلىرى مەملىكەت خاراكتېرلىك ئومۇمى قارشىلىق ھادىسىسىگە ئايلانغان تەقدىردە، خىتاي ھاكىمىيىتى ئۈچۈن خەۋپ ئېلىپ كېلىشى مۇمكىنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

خىتايدىكى ئىشچىلارنىڭ ئىش تاشلىشىغا سەۋەب بولغان ئامىللار ناھايىتى كۆپ بولسىمۇ، ئۇنى مۇنداق بىرقانچە مۇھىم نۇقتىغا يىغىنچاقلاشقا بولىدۇ:

بىرىنچى؛ ئەمگەك ۋاقتىنىڭ ئۇزۇنلۇقى ۋە ئىش ھەققىنىڭ تۆۋەنلىكى. خىتايدىكى نۇرغۇن زاۋۇتلاردا ئىشچىلار 10 سائەتتىن ئارتۇق ئىشلەيدىكەن. بىر كۈنلۈك نورمال خىزمىتىنى تۈگەتكەن ئىشچىلار كەچلىرى يەنە قوشۇمچە ئىشلەشكە مەجبۇر بولىدىكەن. بەزى زاۋۇتلاردا ئىشچىلارنىڭ قوشۇمچە ئىش ۋاقتى ئايدا 100 سائەتتىن ئېشىپ كەتكەن. ئەمما ئىش ۋاقتىنىڭ ئۇزۇرىشىغا لايىق ھالدا ئىش ھەققى ئۆسمىگەن.

ئىككىنچىسى؛ 2011 - يىلى غەربنىڭ نۇرغۇنلىغان كارخانا ۋە شىركەتلىرى خىتايدىن چىقىپ كېتىشكە باشلىغان. ھازىرغا قەدەر ئاز دېگەندە 20 مىڭغا يېقىن چوڭ تىپتىكى غەرب كارخانىلىرى خىتايدىكى ئەمگەك كۈچى تەننەرقىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئۆسۈشى سەۋەبىدىن زاۋۇت، شىركەتلىرىنى خىتايدىن قايتۇرۇپ چىقىپ بېنگال، ھىندىستان قاتارلىق ئەمگەك كۈچى ئەرزان دۆلەتلەرگە يۆتكىگەن. گېرمانىيىنىڭ خىتايدىكى زاۋۇت - كارخانىلىرىنىڭ ئۈچتىن بىرى يۆتكىلىپ بولغان ياكى يۆتكىلىش ئالدىدا تۇرماقتا ئىكەن. ئامېرىكا زاۋۇت، شىركەتلىرىمۇ ئۈزلۈكسىز يۆتكەلمەكتە. بۇ ھادىسە خىتايدا بارغانسېرى ئېغىر ئىشسىزلىق ھادىسىلىرىنى پەيدا قىلغان.

ئۈچىنچىسى؛ غەرب ئەللىرىدە داۋام قىلىۋاتقان ئىقتىسادى كرىزىس خىتاي تاۋارلىرىغا بولغان ئېھتىياجنى زور دەرىجىدە تۆۋەنلەتكەن. بۇنىڭ بىلەن خىتاينىڭ ئېكىسپورت مەركىزى بولغان گۇاڭدۇڭ، شاڭخەيدىكى چوڭ كارخانىلارنىڭ يىللىق ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى كۆرىنەرلىك تۆۋەنلەپ كەتكەن. بۇ ھال مۇقەررەر رەۋىشتە ئىش ھەققىنىڭ تۆۋەنلىشىنى ۋە ئىشسىزلىقنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. خىتاينىڭ سۈپەتسىز ماللىرىغا بولغان نارازىلىقمۇ يەنە بىر سەۋەب بولغان.

تۆتىنچىسى؛ مال باھاسىنىڭ توختىماي ئۆرلىشى، مائاشنىڭ ئۆرلىمەسلىكى خىتايدىكى ئىشچىلارنى قوزغىلىشقا سەپەرۋەر قىلغان يەنە بىر مۇھىم سەۋەب. بۈگۈن گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىدە داۋام قىلىۋاتقان نامايىشلاردا ئىشچىلار مائاشنى ئۆستۈرۈپ بېرىش تەلىپىنى ئاساسلىق تەلەپ سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا قويماقتا. ئىشچىلار ئىش تاشلىغان بۇ زاۋۇتلارنىڭ كۆپىنچىسى چەتئەل شىركەتلىرىنىڭ ئىلكىدىكى زاۋۇتلار ياكى چەتئەل شىركەتلىرىنىڭ زاكاس ماللىرىنى ئىشلەپچىقىرىدىغان زاۋۇتلار بولۇپ، ئانالىزچىلارنىڭ قارىشىچە، ئىشچىلارنىڭ قارشىلىقى داۋاملاشقان تەقدىردە، بۇ زاۋۇتلارنىڭمۇ تاقىلىپ قېلىش ياكى يۆتكىلىپ كېتىش ئېھتىمالى مەۋجۇت ئىكەن.

يۇقىرىقىلاردىن باشقا، زاۋۇتتا ئىشلەش شارائىتىنىڭ ناچارلىقى، قېرىلىق كۈتۈنۈش ھەققىنىڭ تۆۋەنلىكى، زاۋۇت خوجايىنلىرىنىڭ ئىشچىلارنى خالىغانچە ئىشتىن بوشۇتۇش ۋە ئىشچىلارغا ھاقارەتلىك مۇئامىلىلەردە بولۇشى، مۇكاپات سوممىسىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشى، يىللىق دەم ئېلىشنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشى قاتارلىقلارمۇ خىتايدىكى ئىشچىلارنىڭ نارازىلىقلىرىنى قوزغاپ كەلگەن.

خىتايدا يۈز بېرىۋاتقان بۇ ئىش تاشلاش دولقۇنى نەتىجىسىدە، زاۋۇت خوجايىنلىرى بىلەن ئىشچىلار ئارىسىدا غەۋغا پەيدا بولۇپلا قالماي، دائىم دېگۈدەك ئىشچىلار بىلەن ساقچىلار ئارىسىدا توقۇنۇش كېلىپ چىقىپ، يارىلىنىش، ئۆلۈش، تۇتقۇن قىلىنىش ھادىسىلىرى سادىر بولماقتا. فرانسىيە ئاۋازى رادىئوسىنىڭ مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىدىكى باشقا زاۋۇت ئىشچىلىرىنىڭمۇ ئىش تاشلاش، نامايىش قىلىش ۋەقەلىرى كۆپەيمەكتە ھەم بارغانسېرى كۆپىيىشى مۇمكىن ئىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.