خىتايدىكى ئېغىر ئىشسىزلىق مەسىلىسى خىتاي ھۆكۈمىتىگە قاتتىق بېسىم بولماقتا

خىتايدا ئىشسىزلىق ئەھۋالى كۈندىن - كۈنگە ئېغىرلىشىۋاتقان بولۇپ، سەيشەنبە كۈنى ئەمگەكچىلەر ۋە ئىجتىمائىي پاراۋانلىق مىنىستىرلىقىنىڭ ئەمەلدارى ۋاڭ يادۇڭ مۇخبىرلارغا مەلۇمات بېرىش يىغىنىدا "خىتايدىكى ئىشسىزلىق ئەھۋالى ھېلىھەم ئىنتايىن ۋەھىمىلىك، بىز ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مەسىلىسىدە قاتتىق بېسىمغا دۇچ كېلىۋاتىمىز،" دېگەن.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﯩﺮﺍﺩﻩ
2009.08.04
Xitay-aqqun-ishchilar-305 ﺧﯩﺘﺎﻳﻨﯩﯔ ﻣﻪﻟﯘﻡ ﺑﯩﺮ ﯞﻭﮔﺰﺍﻟﯩﺪﺍ ﭘﻮﻳﯩﺰ ﻛﯜﺗﯜﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﺋﺎﻗﻘﯘﻥ ﺋﺸﭽﯩﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺵ.
AFP Photo

ۋاڭ يادۇڭ سۆزىدە يەنە، ئىقتىسادىي كرىزىسنىڭ تېخى تامامەن تۈگىمىگەنلىكىنى، شۇڭا ئىشسىز قېلىش ئېھتىمالىنىڭ يەنىلا ئىنتايىن يۈكسەك ئىكەنلىكىنى دېگەن.

يەر شارى خاراكتېرلىك ئىقتىسادىي كرىزىس يۈز بەرگەندىن بېرى ، چەتئەللەرگە مال سېتىپ كېلىۋاتقان خىتاي دۆلىتى مال ئېكىسپورت قىلىشتا ئېغىر زىيانغا ئۇچراپ، نۇرغۇنلىغان زاۋۇت - كارخانىلىرى تاقىلىپ كەتكەن ئىدى. خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بەرگەن سانلىق مەلۇماتىدىن قارىغاندا، خىتايدا بۇ قېتىملىق ئىقتىسادىي كرىزىستىن كېيىن 30 مىليون ئاققۇن ئىشچى ئىشسىز قالغان ۋە يېقىندا ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن 3 مىليون ياشمۇ تېخى ئىشقا ئورۇنلىشالمىغان. گەرچە خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ ئىشسىزلىقنىڭ ئىجتىمائىي قالايمىقانچىلىق كەلتۈرۈپ چىقىرىشىدىن قاتتىق ئەنسىرەۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما ئۇلار ئىشسىزلارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئۈچۈن ھۆكۈمەتنىڭ قانداق تەدبىرلەرنى ئالغانلىقى ھەققىدە ئېنىق مەلۇمات بەرمىگەن.

ھازىر بەزى مۇتەخەسسىسلەر خىتاينى ئىقتىسادىي جەھەتتىن يۈكسېلىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭدا پاراۋانلىق، سالامەتلىك، سۇغۇرتا، ئىشسىزلىق قاتارلىق نۇرغۇنلىغان ئىجتىمائىي مەسىلىلەرنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى ۋە بۇنىڭ بارغانسىېرى چىگىشلىشىپ كېتىۋاتقانلىقىنى ئېيتماقتا. ھەتتا بەزى مۇتەخەسسىسلەر خىتاينى ھەر ۋاقىت پارتلاشقا تەييار تۇرغان بىر بومبىغا ئوخشاتماقتا. بۇ ھەقتە ئىقتىساد كەسپىدە ئوقۇغان ۋە ھازىر ئىستانبۇلدا ياشايدىغان ئۇيغۇر زىيالىيسى رېشىت ئەپەندى ئۆز كۆز قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

خىتايدىكى ئىشسىزلىقنىڭ بۇنداق ئېغىرلىشىشى تەبئىي ھالدا ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئىشسىزلىق ۋە ئۇيغۇر دىيارىغا ئىش ئىزدەپ كېلىۋاتقان مىليونلارچە خىتاي ئاققۇننى ئەسكە سالىدۇ. خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر دىيارىدا ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش مەسىلىسى ئىنتايىن قېيىن بولۇۋاتقان ئەھۋال ئاستىدىمۇ خىتايلارنى ئۇيغۇر دىيارىغا كېلىشكە ئىزچىل تەشۋىق قىلىۋاتقان بولۇپ، بۇ ھەقتە ئىيۇندا خىتاينىڭ ئىقتىساد تورىدا 2009 - يىللىق خىتاي ستۇدېنت پىدائىيلارنىڭ غەربى رايوندا خىزمەت قىلىش پىلانىغا ئاساسەن ئېلىپ بېرىلغان تىزىملاش بويىچە 100 مىڭغا يېقىن كىشى ئۇيغۇر دىيارىغا بېرىشقا تىزىملاتقانلىقىغا دائىر خەۋەر بېرىلگەن ئىدى.

مەلۇم بولۇشىچە، بۇ تېخى ئۇيغۇر دىيارىغا تىزىملاتقانلارنىڭ پەقەتلا بىر قىسمى بولۇپ، بۇ ئالىي مەكتەپ پۈتتۈرۈپ ئىش تاپالمايۋاتقان ئۇيغۇر ياشلىرى ئۈچۈن بىر خىرس بولۇپ تۇرماقتا. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇيغۇرلار خىتايدىن ئۈزلۈكسىز كېلىۋاتقان خىتاي ئىشچىلىرىنىڭ رىقابىتىگە ئۇچراپلا قالماي ، ئۇلار يەنە بۇ ئەمگەك بازىرىدا ئايرىمىچىلىققا ئۇچرىماقتا. بۇ ھەقتە ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى خىتاي مەسىلىلىرى ئىجرائىيە كومىتېتى دوكلات ئېلان قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ خىزمەتكە ئورۇنلىشىشتا ئوچۇق - ئاشكارا مىللىي كەمسىتىلىشكە ئۇچراۋاتقانلىقىنى پاكىتلىرى بىلەن ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى.

ئۇيغۇر زىياليسى رېشىت ئەپەندى خىتايدىكى بۇ ئېغىر ئىشسىزلىق مەسىلىسىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىغا تېخىمۇ ئېغىر بېسىملارنى ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ ، خىتاي ھۆكۈمىتى ئەگەر خاتالىقلىرىنى ۋاقتىدا تونۇپ بۇنىڭغا دەرھال تەدبىر ئالمىسا ، تېخىمۇ ئېغىر ئاقىۋەتلەرنىڭ كېلىپ چىقىدىغانلىقىنى ئىپادىلىدى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.