خىتايدىكى مۇقىمسىزلىق قايسى دەرىجىگە يەتتى؟
2011.06.02
6-ئاينىڭ 1-كۈنى گېرمانىيە دولقۇنلىرى رادىئوسىدا ئېلان قىلىنغان خوڭكوڭلۇق خىتاي مەسىلىسى ئانالىزچىسى لى چۇڭگۇاڭنىڭ «ئىجتىمائىي زىددىيەتكە يۈزلىنىشتە بېيجىڭ نېمىنى ئويلاۋاتىدۇ؟» ناملىق ئەسىرىدىكى پىكرى بويىچە ئېيتقاندا، خىتاي ھۆكۈمىتى قاتتىق باستۇرۇش، كونترول قىلىش سىياسىتى بىلەن جەمئىيەتنى تىزگىنلەپ تۇرۇۋاتقان بولسىمۇ، ئۈزلۈكسىز يۈز بېرىش ئېھتىمالى بولغان قارشىلىقلارنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا تامامەن ئىقتىدارسىز ئىكەن. ھازىر ئىچكى موڭغۇلدا پارتلىغان قارشىلىقنىڭ تىبەت ۋە ئۇيغۇر ۋەتىنىدە يۈز بەرگەندەك توپىلاڭغا ئايلىنىپ كېتىشىدىن قاتتىق ئەندىشە ھېس قىلماقتا ئىكەن.
خىتاي مەسىلىسى ئانالىزچىسى لى چۇڭگۇاڭنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتايدا ئىقتىسادى تەرەققىيات بىلەن مەنىۋى تەرەققىيات ھېچ ماسلاشمىغان. خىتايدا نامراتلار بىلەن بايلار ئوتتۇرىسىدىكى ئارىلىق بارغانسېرى كېڭەيگەن. قانۇن-تۈزۈم بىر چەتكە قايرىپ قويۇلۇپ، سىياسەت ھەممىنى بەلگىلەيدىغان ۋەزىيەت ئۆزگەرمىگەن. پۇقرالارنىڭ قارشىلىقلىرى بۈگۈنگە كەلگەندە بىۋاسىتە خىتاي ئارمىيىسى، ساقچىلىرى، ھۆكۈمەت خادىملىرىغا قارىتىلغان. ئۆتكەن يىلى يۈز بەرگەنگە ئوخشاش، بۇ يىلمۇ پارتلىتىش ۋەقەلىرى كەينى-كەينىدىن يۈز بېرىشكە باشلىغان. بۇنداق ئېغىر ۋەزىيەتنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ۋەقە يۈز بېرىپ بولغاندىن كېيىن قاتتىق باستۇرۇشتىن باشقا ھېچقانداق يولى قالمىغان. ئۇ بايانىدا خىتايدىكى ئىجتىمائىي مۇقىمسىزلىقنىڭ ئەڭ خەتەرلىك باسقۇچقا يەتكەنلىكىنى تەكىتلىگەن.
ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزىنىڭ مەسئۇللىرىدىن پەرھات مۇھەممىدى ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇيغۇر ۋەتىنىدە يۈز بەرگەن ھەرقانداق شەكىلدىكى قارشىلىقلار تېررورچىلىققا باغلىنىپ قاتتىق باستۇرۇلماقتا. ئەمما خىتايدا يۈز بەرگەن-يۈز بېرىۋاتقان پارتلىتىش ۋەقەلىرىنىڭ ھېچبىرى تېررورلۇق ھەرىكەت شەكلىدە ئەيىبلەنگەن ئەمەس. خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر مىللىتى بىلەن خىتاي مىللىتىگە پەرقلىق مۇئامىلە قىلىپلا قالماي، ئۇيغۇرلارنى خىتايلاشتۇرۇش قەدىمىنى بارغانسېرى تىزلىتىپ، ھەتتا «ھالقىما تەرەققىيات» نىقابى بىلەن ئۇيغۇر ۋەتىنىگە مەبلەغ سېلىۋاتقان خىتاي شىركەتلىرىنى مىللىي ئاسسىمىلياتسىيە ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇشقا مەجبۇرلىماقتا.
پەرھات مۇھەممىدى ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىر ئۇيغۇر ۋەتىنىدە مائارىپ ساھەسىدىكى ئاسسىمىلياتسىيىنى كۈچەيتىپلا قالماي، ئەسكىرى بېسىم ۋە مالىيە بېسىملىرىنىمۇ ھەسسىلەپ كۈچەيتىپ، ئۇيغۇرلارنى ھەرقانداق شەكىلدىكى نارازىلىقلىرىنى ئىپادىلىيەلمەيدىغان ھالغا چۈشۈرۈپ قويماقتا.
خوڭكوڭلۇق خىتاي مەسىلىسى ئانالىزچىسى لى چۇڭگۇاڭنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئىجتىمائىي زىددىيەتلەرنى ھەل قىلىش ئىقتىدارىدىن بارغانسېرى ئايرىلىپ قېلىۋاتقان خىتاي مەركىزى كومىتېتىنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى زىددىيەتلەر يەنىمۇ ئۆتكۈرلەشكەن. خىتاي پرېزىدېنتى خۇ جىنتاۋ ۋە باش مىنىستىر ۋېن جياباۋلار ئوتتۇرىسىدا سۈركىلىشلەر كۈچىيىپلا قالماي، بۇ خىتاي رەھبەرلىرى خەلقنىڭ نەزىرىدىن چۈشۈپ كەتكەن.
ئۇنىڭ ئەسكەرتىشىچە، بۈگۈنكىدەك بۇنداق قاتتىق قوللۇق، زوراۋانلىق بىلەن خىتاي دۆلىتىنىڭ ئەمىنلىكىگە ئۇزۇن مۇددەت كاپالەتلىك قىلغىلى بولمايدىكەن. پارتلىتىش ۋە توپىلاڭلارنىڭ ئالدىنى ئالالايدىغان ئىجتىمائىي مۇھىت مەۋجۇت ئەمەسكەن. خىتاينىڭ ھەر يېرىدە قارشىلىق ئىدىيىلىرى گويا پىلىكى تارتىلمىغان بومبا ھالىتىدە يوشۇرۇنۇپ تۇرماقتا ئىكەن.
گېرمانىيە دولقۇنلىرى رادىئوسىنىڭ 6-ئاينىڭ 1-كۈنىدىكى يەنە بىر خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، «4-ئىيۇن تيەنئەنمىن ۋەقەسى» نىڭ 22 يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيىتىگە خوڭكوڭدا ئاز دېگەندە 150 مىڭ كىشى قاتنىشىدىكەن. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يېقىنقى بىرقانچە ئاي ئىچىدە كۆپلىگەن سەنئەتكارلارنى، ئادۋوكاتلارنى، كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنى قولغا ئېلىشى، خوڭكوڭدىكى ۋېكتورىيە مەيدانىدا 4-ئىيۇن ئۆتكۈزۈلمەكچى بولغان بۇ پائالىيەتنىڭ تەسىر دائىرىسىنى يەنىمۇ كېڭەيتىشى ۋە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كېلىدىغان ئىشتىراكچىلارنىڭ سانىنى تېخىمۇ كۆپەيتىشى مۇمكىن ئىكەن.