گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىدىكى بۇ شەھەرچىدە، بۈگۈن يەنە ئونمىڭ كىشىلىك نامايىش يۈز بەردى. خوڭكوڭ ئۇچۇر ۋاستىلىرىنىڭ بايان قىلىشىچە، خەلق بۈگۈنكى نامايىشتىمۇ «مۇستەبىتلىككە قارشى تۇرىمىز»، «كىشىلىك ھوقۇقىمىزنى قايتۇرۇپ ئالىمىز»، « ئەمەلدار بىلەن سودىگەرنىڭ تىل بىرىكتۈرۈشىگە قارشى تۇرىمىز»، «تېرىلغۇ يەرلىرىمىزنى قايتۇرۇپ بەرسۈن»، «چېرىكلىكنى جازالايمىز» دېگەن خەتلەر يېزىلغان لوزۇنكىلارنى كۆتۈرۈۋالغان.
خوڭكوڭدىكى ئوبزورچى لو جۈنجېنىڭ ئېيتىشىچە، سەنۋېي رايونىدىكى لۇفېڭ شەھەرچىسىدە يۈز بەرگەن نامايىش ئىنتايىن تەرتىپلىك ئېلىپ بېرىلغان تىنچ نامايىش. خەلق ئۆزىنىڭ دەيدىغان گېپىنى لوزۇنكىلارغا يېزىپ ئۇنى كۆتۈرۈۋالغان، شۇ كۆتۈرۈۋالغان لوزۇنكىدىكى شۇئارلارنى توۋلاپ ماڭغان. ئەمما توساتتىن بىر نەچچە ئاپتوموبىلدا ساقچى كېلىپ، نامايىشچىلارنىڭ ئالدىنى توسقان. نامايىشچىلار تۆت مىڭ بەش يۈز ئادەم ئىمزا قويۇپ تەييارلانغان «تەلەپنامە» نى شەھەرلىك ھۆكۈمەتكە تاپشۇرماقچى بولغانلىقىنى ئېيتقاندا، ساقچىلار ئۇلارنى شەھەرلىك ھۆكۈمەت تەرەپكە ماڭغۇزمىغان. نامايىشچىلار چىش - تىرنىقىغىچە قوراللانغان ھۆكۈمەتكە قارشىلىق كۆرسىتىشكە قۇربى يەتمىگەندىن كېيىن، بۇنىڭدىن كېيىن قوراللىنىپ كېلىپ نامايىش قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىغان.
ئامېرىكىدا خىتايچە چىقىدىغان «دوۋېي» تور گېزىتى بۈگۈن، خىتاي دۆلەت كابىنتىنىڭ ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى مەمۇرى ئورگانلارنىڭ ھۆكۈمەت خىراجىتىنى سەرپ قىلىشى ئوچۇق - ئاشكارا بولۇش ھەققىدە بەلگىلىمە چىقارغانلىقىنى خەۋەر قىلدى. بۇنى خىتاي ھۆكۈمىتىدە ھازىر چېرىكلىككە قارشى تۇرۇش جەھەتتە پەيدا بولغان ئىلگىرىلەش دەپ تەسۋىرلىدى. ئۇنىڭدا يەنە، بۇ يىل باش مىنىستىر ۋېن جياباۋ ئىسلاھات توغرىسىدا ئەڭ كۆپ سۆز قىلغان، مەركىزى كومىتېت قانۇن كومىتېتى ھەر دەرىجىلىك مەمۇرى ئورگانلاردا تەسسىس قىلىنغان «قارا خەزىنە» لەرنى بايقىغان شۇنداقلا مەمۇرى ئورگان رەھبەرلىرى مېھمان كۈتۈش دېگەن نام بىلەن چىقىمنى كۆپ مەلۇم قىلىپ خىيانەت قىلىش ئومۇملاشقان يامان ئىللەت تۈزىتىلىشكە باشلىغان بىر يىل دەپ تەسۋىرلىگەن.
خوڭكوڭدا چىقىدىغان «بەس - بەستە سايراش» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان خىتاي مەركىزى كومىتېتىنىڭ ئوبرازى كۈندىن - كۈنگە ناچارلىشىپ كېتىۋاتقانلىقىنىڭ پاكىتلىرى كۆرسىتىلگەن ماقالىدە، ۋېن جياباۋنىڭ جەمئىيەتتە ئەخلاق گۇمران بولغان مەسىلىنى تىلغا ئالغاندا، ئۇنىڭ يىلتىزى ھاكىمىيەت سېستىمىسىدىكى ئەخلاق گۇمران بولۇش ئىكەنلىكىنى، ھاكىمىيەت سېستىمىسىدىكى ئەخلاق گۇمران بولۇش چېرىكلىكتىن باشلانغانلىقىنى ئېتىراپ قىلىشتىن ئۆزىنى قاچۇرغانلىقى، بەلكى مەسىلىنى تۆۋەن دەرىجىلىك ئەمەلدارلارغا، ھەتتا خەلققە ئارتىپ قويۇشقا ئۇرۇنغانلىقى تەنقىدلەنگەن.
بۈگۈن بۇ ماقالىنى كۆچۈرۈپ باسقان «خىتايغا نەزەر» تور گېزىتىدە، بۇ ھەقتە تېخىمۇ تەپسىلىي مۇنازىرە بولدى. ئۇنىڭدا، خەلق خىيانەتچىلىككە، چېرىكلىشىشكە قارشى تۇرۇش دېگەن شۇئارنى ئاغزىدىن چۈشۈرمەي كېلىۋاتىدۇ، خۇ جىنتاۋمۇ ئاغزىدىن چۈشۈرمەيدۇ. بۇنىڭ بىرى راس، بىرى يالغان. خىتايدا سىياسىي ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش شۇئارىنى خەلق ئاغزىدىن چۈشۈرمەي كېلىۋاتىدۇ، ۋېن جياباۋمۇ ئاغزىدىن چۈشۈرمەيدۇ، بۇنىڭمۇ بىرى راس، بىرى يالغان. خەلقنىڭ شۇئارى راس، رەھبەرلەرنىڭ شۇئارى يالغان. جەمئىيەتتىكى يالغانچىلىق، ئالدامچىلىق ئەخلاق گۇمران بولغانلىقنىڭ ئىپادىسى. ئەخلاق گۇمران بولۇش«كوممۇىست پارتىيە» پەيدا بولغاندىلا باشلانغان. گەرچە خەلققە بەرگەن ۋەدىلەرنىڭ بىرسىمۇ راس چىقمىغانلىقى ئاللىقاچان ئىسپاتلانغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇلار شۇ قېلىن يۈزى بىلەن يەنە داۋاملىق يالغان ۋەدە بېرىۋاتىدۇ دېگەن كۆز قاراش ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىدى.