ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى دۇنيادا خىتاي كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنىڭ تەرەققىياتىغا ئەڭ سەزگۈر قارايدىغان ئاز ساندىكى كۈچلۈك ئورگانلارنىڭ بىرىدۇر. خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بۇ قېتىم نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى مۇراسىمىغا ئېمبارگو قويۇشى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدىكى بەزى ئەزالارنىڭ كۈچلۈك نارازىلىقىنى قوزغىدى. سەيشەنبە كۈنى دۆلەت مەجلىسىنىڭ كۈچلۈك ئەزالىرىدىن بىر قىسىم كىشىلەر ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى چاقىرىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىدىن كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنى ياخشىلاشنى، تۈرمىدىكى نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى ساھىبى ليۇ شياۋبونى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى.
ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ فرانك ۋولف، كرىستوفېر سىمىت، جىم مىكگوۋېرىن، ئېللىنا رۇس لىتېنەنت خانىم قاتارلىق تەسىرى دائىرىسى كۈچلۈك جۇمھۇرىيەتچى ۋە دېموكراتىك ئاۋام پالاتا ئەزالىرىدىن 7 كىشى سەيشەنبە كۈنى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى چاقىرىپ، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىغا ئېمبارگو قويغانلىقىنى تەنقىد قىلدى. ليۇ شياۋبونى قويۇپ بېرىشنى، كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنى ياخشىلاشنى تەلەپ قىلدى. مەزكۇر ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىنى تارقىتىش مۇراسىمى ھارپىسىدا چاقىرىلغان بولۇپ، يىغىندا بەزى ئاۋام پالاتا ئەزالىرى خىتاينىڭ مۇراسىمغا ئېمبارگو قويۇش ھەرىكىتىنى ناتسىستلار گېرمانىيسىنىڭ 1935 - يىلدىكى قىلمىشىغا ئوخشاتتى.
سەيشەنبە كۈندىكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىنى چاقىرغان ئاۋام پالاتا ئەزالىرى بۇ يىللىق نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى ساھىبى ليۇ شياۋبوغا ئاتاپ مەخسۇس قارارنامە ھازىرلىغان ئىدى. مەزكۇر قارارنامە چارشەنبە كۈنى ئاۋام پالاتاسىدا ئاۋازغا قويۇلدى. ليۇ شياۋبونىڭ دېموكراتىك ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش ۋە كىشىلىك ھوقۇقنى ئالغا سۈرۈش يولىدىكى پائالىيىتى مەدھىيىلەنگەن قارارنامە، ئاۋام پالاتاسىدىكى 401 ئاۋازنىڭ قوللىشى ۋە بىر ئاۋازنىڭ قارشى تۇرۇشى بىلەن ماقۇللانغان. ئاۋام پالاتا رەئىسى نەنسى پەلۇسى خانىم بۇنىڭدىن بۇرۇن مەزكۇر قارارنامىنى قوللاپ سۆزلىگەن سۆزىدە، خىتاي دائىرىلىرىدىن ليۇ شياۋبونى دەرھال ۋە شەرتسىز قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلىپ، خىتايغا كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنى ياخشىلاش ھەققىدىكى بېسىمنى كۈچەيتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.
يىغىندا جۇمھۇرىيەتچى ئاۋام پالاتا ئەزاسى فرانك ۋولف خىتاينىڭ نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى مۇراسىمىنى بايقۇت قىلىپ، ناتسىستلار گېرمانىيسى، سوۋېت رۇسىيىسى ۋە بېرما ھەربىي ھۆكۈمىتى قاتارىدىن ئورۇن ئالغانلىقىنى تەنقىد قىلدى ۋە خىتاينىڭ بۇنىڭدىن نومۇس قىلىشى كېرەكلىكىنى ئىلگىرى سۈردى. ئۇ "ناتسىستلار گېرمانىيسىنىڭ 1935 - يىلى گېرمانىيىلىك تىنچلىق پائالىيەتچىسى ئوسسىتىسكىينىڭ نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىنى تاپشۇرۇۋېلىشىغا توسقۇنلۇق قىلغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، "قىزىقارلىق يېرى شۇكى، ناتسىستلار ھۆكۈمىتى بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىر پارالىل مەيداندا تۇرۇۋاتىدۇ" دەپ كۆرسەتتى. ئۇ يەنە خىتاينى رۇسىيە بىلەن سېلىشتۇرۇپ، سوۋېت ئىتتىپاقى 1975 - يىلى رۇسىيىلىك دۇنياغا مەشھۇر يادرو فىزىكا ئالىمى ساخاروۋنىڭ مۇكاپات تاپشۇرۇۋېلىشىغا توسقۇنلۇق قىلغانلىقىنى، رۇسىيە كوممۇنىزمى ساخوروۋقا توسقۇنلۇق قىلغان بولسا، ھازىر خىتاي كوممۇنىستلىرىنىڭ ليۇ شياۋبوغا توسقۇنلۇق قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
سوۋېت ئىتتىپاقى ساخاروۋقا توسقۇنلۇق قىلغان بولسىمۇ، ساخاروفنىڭ ئايالىنىڭ ئوسلوغا بېرىپ مۇكاپات تاپشۇرۇۋېلىشىغا يول قويغان. لېكىن، خىتاي ھۆكۈمىتى ليۇ شياۋبونىڭ ئايالىنى نەزەربەند قىلىپ، ئۇنىڭ ئوسلوغا بېرىشىنى چەكلىگەن ئىدى. فرانك ۋولف، "خىتاي ناتسىستلار گېرمانىيسى، سوۋېت رۇسىيىسى ۋە بېرما ھەربىي ھۆكۈمىتى بىلەن ئوخشاش ھەرىكەت قىلغانلىقىدىن نومۇس قىلىشى ۋە ئىزا تارتىشى كېرەك" دەپ كۆرسەتتى. ئۇنىڭ ئەسكەرتىشىچە، ئاۋام پالاتا رەئىسى پەلۇسىنىڭ نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى مۇراسىمىغا قاتنىشىشى خىتايغا كۈچلۈك بېشارەت بېرىپ، ئامېرىكىنىڭ خىتايدا دېموكراتىك ئىسلاھات ۋە كىشىلىك ھوقۇقنى ئالغا سۈرۈشتە چىڭ تۇرىدىغانلىقىنى نامايان قىلىدىكەن.
نوبېل كومىتېتى بۇ يىل ئۆكتەبىرنىڭ باشلىرى بۇ يىللىق تىنچلىق مۇكاپاتىنىڭ تۈرمىدىكى خىتاي ئۆكتىچىلىرىدىن ليۇ شياۋبوغا بېرىلگەنلىكىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن، خىتاي ھۆكۈمىتى قولىدىن كېلىدىغان بارلىق دىپلوماتىك ۋاسىتىلەرنى ئىشقا سېلىپ، نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىنى تارقىتىش مۇراسىمىنىڭ داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلۈشىنى ئامالنىڭ بارىچە توساشقا باشلىغان ئىدى. خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، نۆۋەتتە نوبېل مۇكاپاتى مۇراسىمىغا قاتناشمايدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان دۆلەتلەرنىڭ سانى 19غا يەتكەن. خىتاي ھۆكۈمىتى خەلقىگە كۆپچىلىك دۆلەتلەرنىڭ مۇراسىمغا قاتناشماسلىقنى قارار قىلغانلىقىنى ئېلان قىلغان بولسىمۇ، لېكىن نوبېل كومىتېتى مۇتلەق كۆپ قىسىم دۆلەتلەرنىڭ مۇراسىمغا قاتنىشىدىغانلىقىنى ۋە بۇ يىلقى مۇراسىمنىڭ پەۋقۇلئاددە ئەھمىيەتلىك بولىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مۇراسىمنى بايقۇت قىلىشىغا جاۋابەن ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ئوسلودىكى ئامېرىكا باش ئەلچىسىنىڭ مۇراسىمغا قاتنىشىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
ئامېرىكا مۇئاۋىن دۆلەت ئىشلار مىنىستىرى جېيمىس بولسا، خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق ساھەسىدە ئىجابىي قەدەم بېسىشىنى تەلەپ قىلىپ، كىشىلىك ھوقۇقنىڭ ئامېرىكا-خىتاي ئارىسىدىكى دىئالوگدا ئىزچىل "مۇھىم مۇزاكىرە تېمىسى" بولۇپ كېلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن ھەم خىتاينى ليۇ شياۋبونى قويۇپ بېرىشكە چاقىردى. ستېينبېرگ"بىز خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق ساھەسىدە ئىجابىي قەدەم بېسىشىنى، جۈملىدىن ليۇ شياۋبونى قويۇپ بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمىز" دەيدۇ. ستېينبېرگ بۇ سۆزىنى سەيشەنبە كۈنى ۋاشىنگتوندىكى "ئامېرىكا تەرەققىيات مەركىزى"دە سۆزلىگەن سۆزىدە تەكىتلىگەن.
ئامېرىكا دېموكراتىك ئاۋام پالاتا ئەزاسى جىم مىكگوۋېرىن سەيشەنبە كۈنى دۆلەت مەجلىس بىناسىدا چاقىرىلغان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا پىكىر بىلدۈرۈپ، ليۇ شياۋبونىڭ خىتايدا كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداش ئۈچۈن ئېلىپ بارغان ھەرىكىتىنى ماختىدى. ئۇ "نوبېل كومىتېتى مۇكاپاتنىڭ ليۇ شياۋبوغا بېرىلگەنلىكىنى ئېلان قىلغاندا تىنچلىق مۇكاپاتىنىڭ ليۇ شېاۋبوغا بېرىلىشىدىكى سەۋەبنى ئالاھىدە چۈشەندۈرۈپ، چۈنكى ئۇنىڭ خىتايدا كىشىلىك ھوقۇقنىڭ ئاساسى پرىنسىپلىرىنى قوغداش ئۈچۈن ئېلىپ بارغان ئۇزۇن مەزگىللىك كۆرۈشىنى ئالاھىدە تىلغا ئالغان" دەپ ئەسكەرتىدۇ. مىكگوۋېرن يەنە"بۇ جۈمە كۈنى، ليۇ شياۋبو ئۆزى ئېرىشىشكە تېگىشلىك ئورۇنغا ئېرىشىدۇ. ئۇ بۇ مۇكاپاتقا ئېرىشكەندە زىندانغا قامالغان نۇرغۇن كىشىلىك ھوقۇق پىداكارلىرىدىن بىرى بولۇپ قېلىشى مۇمكىن. لېكىن ليۇ شياۋبوغا كېرەكلىك بولغان نەرسە مۇكاپات ۋە ياكى مېدال ئەمەس. بەلكى ئۇنىڭغا كېرەكلىك نەرسە، بىزنىڭ ئۇنىڭ بىلەن، ئۇ ۋەكىللىك قىلىدىغان غايە ۋە نىشاندا بىرگە تۇرۇشىمىز. بۇ بىز قانۇن چىقارغۇچىلارنىڭ، ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ، كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ ۋە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ قىلىشقا تېگىشلىك ئىشى. بولۇپمۇ، 12- ئاينىڭ 10 -كۈنىدىن كېيىن قىلىشقا تېگىشلىك ئىشىدۇر" دەپ كۆرسەتتى.
كرىسىتوفىر سىمىت خىتاينىڭ دىنىي ۋە كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنى ئىزچىل تەنقىد قىلىپ كېلىۋاتقان جۇمھۇرىيەتچى ئاۋام پالات ئەزاسى. ئۇ چارشەنبە كۈنى ئاۋام پالاتاسى تەرىپىدىن مۇتلەق كۆپ سانلىق ئاۋاز بىلەن ماقۇللانغان ليۇ شياۋبونى قوللاش توغرىسىدىكى قارار لايىھىسىنى ئوتتۇرىغا قويغۇچى زاتلارنىڭ بىرىدۇر. ئۇ سەيشەنبە كۈنىدىكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋنىڭ كېلەر يىلى 1- ئايدا ئامېرىكىنى زىيارەت قىلماقچى بولۇۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ، پرېزىدېنت ئوبامانىڭ كىشىلىك ھوقۇققا ۋە دىنىي ئەركىنلىككە ھۆرمەت قىلىشنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، خۇ جىنتاۋغا بېسىم ئىشلىتىشىنى تەلەپ قىلدى. كرىستوفىر سىمىتنىڭ ئەسكەرتىشىچە، ئوباما "خۇ جىنتاۋنى ھۆرمەت بىلەن مەدەنىي رەۋىشتە كۈتۈۋېلىشى لازىم. لېكىن شۇنىڭ بىلەن بىرگە، كىشىلىك ھوقۇق ھۆججەتلىرىنى ۋە كىشىلىك ھوقۇق ئەھدىنامىلىرىنى دەپسەندە قىلىشنىڭ كۆرمەسكە سېتىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ قويۇشى كېرەك".
خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ يىللىق تىنچلىق مۇكاپاتى ليۇ شياۋبوغا بېرىلگەنلىكى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، نوبېل كومىتېتىنى تەنقىدلەپ، ليۇ شياۋبونىڭ جۇڭگو قانۇنىنى بۇزغان بىر " جىنايەتچى" ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى. لېكىن پىنسىلۋانىيىلىك جۇمھۇرىيەتچى ئاۋام پالاتا ئەزاسى جوسېف پىتس سەيشەنبە كۈنىدىكى يىغىندا پىكىر بىلدۈرۈپ، ليۇ شياۋبونىڭ نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىغا لايىق شەخس ئىكەنلىكىنى ۋە ئۇنىڭ دەرھال قويۇپ بېرىلىشىنى تەلەپ قىلدى. پىتس، ليۇ شياۋبونىڭ كىشىلىك ھوقۇق يولىدا تىنچلىق بىلەن ئېلىپ بارغان كۈرەشلىرى سەۋەبىدىن بۇ مۇكاپاتقا لايىق ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، "شۇنداقلا بىز يەنە، بۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنى كىشىلەرنىڭ ئاساسى كىشىلىك ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىشقا ۋە ليۇ شياۋبونى قويۇپ بېرىشكە چاقىرىمىز" دەيدۇ. ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىغا ئاۋام پالاتا ئەزالىرىدىن سىرت يەنە، لاۋگەي فوندى جەمئىيىتى، كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى قاتارلىق 6 ئاممىۋى تەشكىلات ۋەكىللىرىمۇ قاتناشقان.