پولەنس: ياۋروپا بىرلىكى نامىدىن خىتايغا بېسىم ئىشلىتىش كېرەك
2010.12.29

12 - ئاينىڭ 26 - كۈنى غەربىي گېرمانىيە ئۇچۇر گېزىتى خىتاي خاككېرلىرىنىڭ گېرمانىيە ھۆكۈمەت كومپيۇتېرلىرىغا بولغان ھۇجۇمىنىڭ ئۈزلۈكسىز كۈچىيىۋاتقانلىقىنى، ئاساسلىق ھۇجۇمنىڭ ھۆكۈمەت سىياسىتى، ھەربىي ئىشلار ۋە ئىقتىسادى ساھەدىكى سانلىق مەلۇماتلارنى ئوغرىلاشتىن ئىبارەت بولۇۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلىغان ئىدى.
گېرمانىيە ئاساسىي قانۇننى قوغداش ئىدارىسى باياناتچىسىنىڭ 27 - دېكابىر مەتبۇئاتقا بەرگەن سۆزىگە ئاساسلانغاندا، بۇ يىل 1 - ئايدىن 9 - ئايغىچە گېرمانىيىنىڭ ھۆكۈمەت كومپيۇتېرلىرىغا بولغان ھۇجۇم سانى 1600 قېتىمدىن ئاشقان بولۇپ، بۇ ھۇجۇملارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى خىتاي ھۆكۈمىتى قارمىقىدىكى ئىنتېرنېتلاردىن كەلگەن. خەۋەردە دېيىلىشىچە، خىتاي خاككېرلىرى ھۇجۇمىنىڭ سەۋىيىسى ئىلگىرىكى يىللاردىكىدىن زور دەرىجىدە ئاشقان. كومپيۇتېردىكى خالىغان بىر ھۆججەتنى ئاچقان ھامان، بۇ ھۆججەت كومپيۇتېرغا ئاپتوماتىك ئورۇنلىشىپ، ئىچىدىكى سانلىق مەلۇماتلارنى ئوغرىلاپ خىتايغا ئۇدۇللۇق يەتكۈزۈپ تۇرىدىكەن.
گېرمانىيە پارلامېنتى تاشقى ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى پولەنس بۇ خىل ھادىسىگە قاتتىق ئىنكاس قايتۇرۇشنى تەكىتلەش بىلەن بىرگە، خىتاينى ئاگاھلاندۇرۇپ " بۇ يالغۇز تېررورلۇق ۋە جىنايى ھەرىكەت بولۇپلا قالماي، كەلگۈسىدە خىتاي ئىنتېرنېتلىرىغا قارشى ھۇجۇمنىڭمۇ بارلىققا كېلىشىگە سەۋەب بولىدۇ" دېگەن. ئۇ گېرمانىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ياۋروپا بىرلىكى نامىدا خىتايغا بېسىم ئىشلىتىشىنى تەكىتلىگەن.
12 - ئاينىڭ 28 - كۈنى گېرمانىيە دولقۇنلىرى رادىئوسىدا ئېلان قىلىنغان خەۋەردە دېيىلىشىچە، خىتاينىڭ بۇ خىلدىكى ھۇجۇملىرىنىڭ يالغۇز گېرمانىيە ھۆكۈمەت ئورگانلىرى بىلەنلا چەكلەنمەستىن، گېرمانىيىنىڭ مۇھىم تەتقىقات ئورگانلىرى ھەم پەن - تېخنىكا كارخانىلىرىغىمۇ بولۇۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.
گېرمانىيە پارلامېنتى تاشقى ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى پولەنس يەنە " خىتاي ھۆكۈمىتى شۇنى ئېنىق بىلىشى كېرەككى، ئىنتېرنېت ھۇجۇمىدىن قولىنى ئۈزۈش خىتاينىڭ ئۆزى ئۈچۈنمۇ ياخشى" دېگەن ھەمدە خىتاينى خەلقئارا قانۇنلارغا، مۇناسىۋەتلىك كېلىشىملەرگە رىئايە قىلىشقا چاقىرغان.
گېرمانىيە پارلامېنتى تاشقى ئىشلار كومىتېتى رەئىسى پولەنسنىڭ كەسكىن خىتابلىرىغا قارىتا خىتاي تەرەپنىڭ ھازىرغىچە بىرەر ئىنكاس بىلدۈرگەنلىكى نامەلۇم.
گېرمانىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقى 28 - دېكابىر ئېلان قىلغان ئۇچۇردا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ يىل يۈز بەرگەن 1600 قېتىملىق ھۇجۇمنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى خىتايدىن كەلگەن بولۇپ، بۇ ھۇجۇملار ئىستىخىيىلىك ھۇجۇملار ئەمەس، بەلكى خىتاي دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ ئاخبارات ئوغرىلاش غەرىزىدىكى پىلانلىق ھۇجۇملىرى ئىكەن.
خىتاي تەرەپ 2008 - يىلى گېرمانىيە مىنىستىرلار مەھكىمىسىنىڭ ئىنتېرنېتلىرىغا ھۇجۇم قىلغانلىقى سەۋەبلىك ئەيىبلەنگەن ئىدى. 2009 - يىلى تىبەت سەرگەردان ھۆكۈمىتىنىڭ ئىنتېرنېت تورىغا ھۇجۇم قىلىپ، ھۆكۈمەت مەخپىيەتلىكىنى ئوغرىلاش قىلمىشى بىلەن خەلقئارادا غۇلغۇلا پەيدا قىلغان.
"500 مىڭ كىشىلىك ئىنتېرنېت ئارمىيىسىگە ئىگە دۆلەت" دەپ قارىلىۋاتقان خىتاينىڭ چەتئەل تېخنىكىلىرى ھەم دۆلەت مەخپىيەتلىكلىرىنى ئوغرىلاش ھادىسىلىرىدىن ئەجەبلەنمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن گېرمانىيە ئاساسىي قانۇننى قوغداش ئىدارىسىنىڭ باياناتچىسى، ئەگەر خىتاي تەرەپ بۇنداق قانۇنسىز قىلمىشلاردىن قول ئۈزمىسە، ئۆزلىرىنىڭمۇ ئويلىمىغان ھۇجۇملارغا دۇچار بولىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ ئۆتكەن. چەتئەل ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ھەم كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى بولسا، خىتاينىڭ بۇ ئىنتېرنېت ئارمىيىسىنى ئۆز دۆلىتىدىكى دېموكراتىك زاتلارنى نازارەت قىلىش، ئۇلارنىڭ پىكىر ئەركىنلىكىنى چەكلەشكە ئىشلىتىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىمەكتە.
بولۇپمۇ، ئۇيغۇر ۋەتىنىدە ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان ئىنتېرنېت چەكلىمىسى ئالاھىدە بىر باسقۇچقا كىرگەن بولۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەركىن پىكىر قىلىش، ئالاقە ئېلىپ بېرىش ئىمكانلىرى ئېغىر تەقىپكە ئېلىنغان. خىتاي تەرەپ بۇنىڭ بىلەنلا قالماي، چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئېلخەتلىرىنى ئوغرىلاش، ۋىرۇس ئەۋەتىپ كومپيۇتېرلىرىنى بۇزۇش، توربەتلىرىنى چۆكتۈرۈشنى كۈچەيتكەن.
شەرقىي تۈركىستان ئۇچۇر مەركىزىنىڭ رەئىسى ئابدۇجېلىل قارىقاش ئەپەندى، خىتاينىڭ uygur.Org تور بېتىگە قىلىۋاتقان ھۇجۇملىرى ھەققىدە توختىلىپ، ھەر 3 سائەتتە بىر قېتىم قاتتىق ھۇجۇم قوزغاۋاتقانلىقىنى، بۇ سەۋەبلىك توربېتىنى نورمال يۈرۈشتۈرۈش ئىمكانى بولمايۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالدى.
ئۇ سۆزىدە خىتاي خاككېرلىرىنىڭ ھەتتا چەتئەللىكلەرنىڭ بانكا نومۇرلىرىنىڭ مەخپىي شىفىرلىرىنى يېشىپ، پۇل ئوغرىلاش دەرىجىسىگە يەتكەنلىكىنى ئېيتتى.
خىتاي خاككېرلىرىنىڭ ئۇيغۇر تور بەتلىرىگە بولغان ھۇجۇمىدىن گېرمانىيە ھۆكۈمىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئورگانلىرى خەۋەر تاپقان بولسىمۇ، تېخى تېگىشلىك تەدبىر قوللىنىش باسقۇچىغا كىرمىگەن.