"گېرمانىيە دولقۇنلىرى" رادىئوسىنىڭ 12-يانۋاردىكى "خىتاي ياۋروپا بىرلىكىنىڭ خىتايغا يۇقىرى تېخنىكا ئېكسپورت قىلىش چەكلىمىسىنى بوشاشتۇرۇشنى ئۈمىد قىلدى" ناملىق خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، 1989-يىلى خىتاي ھۆكۈمىتى تيەنئەنمېندە نامايىشچى ئوقۇغۇچىلارنى قانلىق باستۇرغاندىن كېيىن، ياۋروپا بىرلىكى خىتايغا قورال-ياراق ئېمبارگوسى يۈرگۈزۈپلا قالماي، ئالىي تېخنىكىلارنى ئېكسپورت قىلىشنىمۇ چەكلىگەن.
بۇ قېتىم ئىسپانىيە، گېرمانىيە ۋە ئەنگلىيىدە زور ئىقتىسادى كېلىشىملەرگە ئىمزا قويغان خىتاي مۇئاۋىن باش مىنىستىرى لى كېچياڭ يېتەكچىلىكىدىكى خىتاي ۋەكىللىرى 22 يىلدىن بېرى خىتايغا يۈرگۈزۈلۈپ كېلىۋاتقان ئېمبارگونىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇشىنى ئۈمىد قىلغان.
خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، ياۋروپا ئەللىرىنىڭ قورال-ياراق ۋە ئالىي تېخنىكىلارنىڭ خىتايغا ئېكسپورت قىلىنىشىنى چەكلىشىدىكى سەۋەب يالغۇز تيەنئەنمېن ۋەقەسىلا ئەمەس، بەلكى ئەڭ مۇھىم بولغىنى، خىتاينىڭ بۇ تېخنىكا ۋە قورال-ياراقلارغا ئېرىشكەندىن كېيىن ئەقلىي مۈلۈك ھوقۇقىنى دەپسەندە قىلىپ، بۇ تېخنىكىلارنى ئوغرىلايدىغانلىقى ۋە ئۇلارنى باشقا ئەللەرگە ئېكسپورت قىلىدىغانلىقىدىن ئىبارەت ئىكەن.
لى كېچياڭ يېتەكچىلىكىدىكى خىتاي ۋەكىللىرىنىڭ ئەنگلىيە سانائەت ساھەسى بىلەن ئىمزالىغان ئىقتىسادى كېلىشىمىنىڭ قىممىتى 47 مىليارد دوللارغا يەتكەن. ئىسپانىيە ۋە گېرمانىيە بىلەن ئىمزالىغان ئىقتىسادى كېلىشىمىنىڭ قىممىتىمۇ 20 مىليارد دوللاردىن ئېشىپ كەتكەن. خىتاي نېمە ئۈچۈن ياۋروپا بىرلىكىگە ئەزا دۆلەتلەرنى ئىقتىسادىي بوھراندىن قۇتۇلدۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن بۇنچە كۆپ غەيرەت كۆرسىتىدۇ؟
مۇلاھىزىچىلەرنىڭ قارىشىچە، خىتاي ئېكسپورت تاۋارلىرىنىڭ ئەڭ چوڭ بازىرى ياۋروپا ئەللىرىدۇر. يەنى، خىتاي ئەڭ كۆپ پۇل تاپقان تۇپراق ياۋروپا بازارلىرىدۇر. ياۋروپانىڭ بازىرى ئۆلسە، خىتاينىڭ تاپىدىغان پۇلىمۇ كېمىيىدۇ. ياۋروپادىكى ئىقتىسادى كرىزىس تۈپەيلى، خىتاينىڭ 2010-يىلى 12-ئايدا ئېرىشىشكە تېگىشلىك پايدىسى زور دەرىجىدە كېمەيگەن ۋە خامچوت لايىھىسىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان پىلان ئەمەلگە ئاشمىغان. خىتاي ھۆكۈمىتى لى كېچياڭنىڭ بۇ قېتىمقى زىيارىتى ئارقىلىق بىر چالمىدا تۆت پاختەك سوقۇش غەرىزىدە بولغان.
بۇ "تۆت پاختەك" نىڭ بىرى، ياۋروپا بىرلىكىدىكى دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىسادى كرىزىستىن قۇتۇلۇشىغا ياردەم قىلىپ، دىپلوماتىيىدە ئۈستۈنلۈك قازىنىش. ئىككىنچىسى، ئۆز دۆلىتىنىڭ خامچوت پىلانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش، غەربتىن ئېرىشىدىغان پايدىنى كېمەيتىۋەتمەسلىك. ئۈچىنچىسى، ھازىرغا قەدەر ئېرىشەلمەي كەلگەن غەربنىڭ ئالىي تېخنىكىلىرىغا ئىگە بولۇش. تۆتىنچىسى، قورال-ياراق ئېمبارگوسىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش.
"جەنۇبىي گېرمانىيە گېزىتى" دە 1-ئاينىڭ 10-كۈنى ئېلان قىلىنغان بىر سىياسىي مۇلاھىزىدە، خىتاينىڭ بۇ مەقسەتلەرگە يېتىش ئېھتىمالى بارلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن. گېرمانىيە ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنىڭ خىتايغا بولغان ئېمبارگونى ئەمەلدىن قالدۇرۇشقا مايىللىشىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەنگەن. ئەمما، گېرمانىيە سودا-سانائەت ساھەسى خىتاينى "ئىشەنگىلى بولمايدىغان ھەمراھ" قاتارىدا تىلغا ئالماقتا. خىتاي تەرەپنى "تېخنىكا ئوغرىلايدۇ ۋە تەقلىد قىلىپ ياسايدۇ، ئەقلىي مۈلۈك ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلمايدۇ"، دەپ ئەيىبلىمەكتە.
د ئۇ ق باش كاتىپى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى، ئەگەر خىتايغا قارىتىلغان بۇ ئېمبارگو ئەمەلدىن قالغان تەقدىردە، دۇنيا تىنچلىقى ئۈچۈن ئېغىر خەۋپ پەيدا قىلىدىغانلىقىنى ھەمدە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ۋە تىبەتلىكلەرنى باستۇرۇش ھەرىكەتلىرىنىڭ يەنىمۇ كۈچىيىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
خىتاي مىنىستىرى گېرمانىيىدىن ئايرىلىپ بىر كۈندىن كېيىنلا، گېرمانىيە ئاساسى قانۇننى قوغداش ئىدارىسى جىددىي ئاگاھلاندۇرۇش ئېلان قىلىپ، گېرمانىيە يۇقىرى قاتلام ئىقتىسادىي ساھەسىدىكىلەرنى خىتاينىڭ تېخنىكا ئوغرىلىقىدىن پەخەس بولۇشقا چاقىردى. گېرمانىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ 10-يانۋاردىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، خىتاي خاككېرلىرىنىڭ ئىقتىسادى ساھەلەرگە بولغان جاسۇسلۇق ھەرىكەتلىرى زور دەرىجىدە ئاشقان.
گېرمانىيە دولقۇنلىرى رادىئوسىنىڭ 11-يانۋاردىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، گېرمانىيە ئاساسى قانۇننى قوغداش ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ئالېكساندىر ئەپەندى، گېرمانىيە يۇقىرى قاتلام ئىقتىسادىي ساھەسىدىكىلەرنى خىتايغا بارغاندا، كومپيۇتېرىدىكى سانلىق مەلۇماتلارنى، ئىقتىسادىي ئارخىپلارنى يۇيۇۋېتىشنى ۋە قول تېلېفونلىرىدىكى ئۇچۇرلارنى ئۆچۈرۈۋېتىش ھەققىدە ئاگاھلاندۇرغان.
گېرمانىيە ئاساسى قانۇننى قوغداش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ھاينېس بولسا، ئۆتكەن يىلى خىتايغا بارغان گېرمانىيە ئىقتىسادىي ساھەسىدىكى ئەمەلدارلارنىڭ كومپيۇتېرلىرىدىكى ئۇچۇرلارنىڭ ئوغرىلانغانلىقىنى تىلغا ئالغان.
قانداقلا بولمىسۇن، خىتاي مۇئاۋىن باش مىنىستىرى لى كېچياڭنىڭ بۇ قېتىمقى ياۋروپا زىيارىتىنىڭ خىتاي ئۈچۈن ئەھمىيەتلىك بىر زىيارەت بولغانلىقى خەۋەرلەردە مۇئەييەنلەشتۈرۈلمەكتە. بىراق، خىتايغا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان ئېمبارگو ئەمەلدىن قالامدۇ-يوق؟ دېگەن سوئالغا جاۋاب بېرىش ھازىرچە بالدۇرلۇق قىلىدىكەن.