ئۇيغۇرلارنىڭ تېلېفون ئالاقىسى چەكلىنىۋاتقانلىقىغا قارىتا نارازىلىق

ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزىنىڭ ئۇرۇغ - تۇغقانلىرى بىلەن بولغان تېلېفون ئالاقىسى خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن چەكلىنىۋاتقانلىقى ھەققىدە ھازىر شۋېتسىيىدە تۇرۇۋاتقان ھاجى ئابدۇرىشىت كېرىمى خىتاي ھۆكۈمىتىگە نارازىلىق بىلدۈردى.

0:00 / 0:00

ئابدۇرىشىت ھاجى كېرىمى يېقىندا ئۆزىنىڭ ئۇكىسى بىلەن سۆزلەشكەندە، ئۇكىسى شاڭخەيدە ئۇيغۇرلارنىڭ قانۇنسىز مۇئامىلىگە ئۇچرىغانلىقى ھەققىدە سۆز ئاچقان ھامان تېلېفون ئۈزۈۋېتىلگەن.

ئابدۇرىشىت ھاجى كېرىمى بىلەن ئۇكىسىنىڭ تېلېفون سۆھبىتى ئارقىلىق مەلۇم بولغان ئەھۋالنى شاڭخەي شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسىدىن ئىنقىلاپ بېقىشقا تىرىشتۇق.

خىتاينىڭ باش تېلېفون ئاپپاراتىدىكى خانىم مۇخبىرىمىزنىڭ قايسى ئورۇنغا تېلېفون قىلىدىغانلىقى، نەدىن تېلېفون قىلىۋاتقانلىقىنى سوراپ بولغاندىن كېيىن، تېلېفون ئارقىلىق يەنە بىر خانىمغا ئويلاپ كۆر، بۇ كىشى جۇڭگوچە سۆزلىيەلەيدىكەن' دەپ چۈشەندۈردى. ئۇ خانىممۇ يەنە يۇقىرىقى سوئاللارنى تەكرار سوراپ بولۇپ، 'شاڭخەي شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى بىلەن سۆلىشەمسەن؟ ساقلاپ تۇرغىن، تېلېفون نومۇرىنى ئېيتىپ بېرەي، يېزىۋالغىن' دېگەندىن كېيىن تېلېفون ئۈزۈلۈپ قالدى.

مۇخبىرىمىز يەنە تېلېفون قىلىپ شاڭخەي شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسىنىڭ تېلېفون نومۇرىنى ئالغاندىن كېيىن، شۇ نومۇر بويىچە تېلېفون قىلغاندا، ئۆزىنى شاڭخەي شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسىنىڭ، دەپ جاۋاب قايتۇرغان خانىم، مۇخبىرىمىز سورايدىغان سۇئالدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، باشقا بىر تېلېفون نومۇرىنى ئېيتىپ بەردى. ئەمما ئۇ ئېيتىپ بەرگەن بۇ نومۇردىكى تېلېفون تاقاق.

شىۋېتسىيىدە تۇرۇۋاتقان ھاجى ئابدۇرىشىت كېرىمىنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ قەشقەردىكى خوتۇن - بالىلىرى بىلەن سۆزلىشەلمەيۋاتقىلى ئۈچ يىلدىن ئاشقان. ھاجى ئابدۇرىشىت كېرىمىنىڭ قارىشىچە، بۇ بىر خەلقئارالىق مەسىلە.