خەلقئارا مەتبۇئاتلاردا يېقىندىن بۇيان موڭغۇللاردىكى خىتايغا قارشى ئۆچمەنلىك تۇيغۇسى كۈچىيىۋاتقانلىقى ھەققىدىكى ماقالىلەر كۆپىيىشكە باشلىدى. ئەنگلىيىدە چىقىدىغان "گۋاردىيان" گېزىتىگە بېسىلغان "موڭغۇلىيىدە كۆتۈرۈلگەن يېڭى ناتسىستزىملىق قارىشىنىڭ تىغ ئۇچى خىتايلارغا قارىتىلماقتا" ناملىق ماقالە ئەنە شۇ خىل ماقالىلەرنىڭ بىرىدۇر.
ماقالىدە نۆۋەتتە موڭغۇللار ئارىسىدا بۇ خىل مىللىي ئۆچمەنلىك تۇيغۇسىنىڭ كۈچىيىشىگە موڭغۇللارنىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئۆزىنىڭ شەرقتىكى بىردىن-بىر قوشنىسى بولغان خىتاي چېگراسى ئىچىدىكى موڭغۇل قېرىنداشلىرىنىڭ ئېتنىك جەھەتتىن خىتايغا ئاسسىمىلياتسىيە بولۇپ كېتىۋاتقانلىقىدەك ۋەزىيەتنىڭ ئۆزلىرىگە كېڭىيىشىدىن ئەنسىرەش ھەم موڭغۇل مىللىتىنىڭ مىللىي ساپلىقىنى قوغداش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىۋاتقان ھەرىكەتلىرىنىڭ ئىپادىسى ئىكەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
ماقالىدە موڭغۇلىيىدىكى خىتايغا قارشى موڭغۇل مىللىي كىملىكىنى قوغداش نامىدا يېڭىدىن قۇرۇلغان ئاممىۋى تەشكىلاتلاردىن "كۆك موڭغۇل"، "ئاق كرېست" ۋە "تساگائان كخئاسس" قاتارلىق موڭغۇل تەشكىلاتلارنىڭ ئەزالىرى بىلەن ئېلىپ بارغان سۆھبەت خاتىرىلىرى ھەم يەرلىك موڭغۇللارنىڭ خىتايلارغا نىسبەتەن قاراشلىرى بايان قىلىنغان.
ماقالىدە موڭغۇلىيىدە يېڭىدىن بارلىققا كەلگەن بۇ تەشكىلاتلارنىڭ ئاساسى مەقسىتى ھەققىدە بايانلار بېرىلىپ: "بىر قىسىم مىللەتچى موڭغۇل ياشلىرى تەرىپىدىن قۇرۇلغان بۇ تەشكىلاتلارنىڭ مەقسىتى موڭغۇل مىللىتىنىڭ مىللىي ساپلىقىنى قوغداش، ھۇجۇم نىشانى موڭغۇلىيىگە سودا تىجارەت ئىشلىرى ئۈچۈن كەلگەن خىتاي پۇقرالىرى ئىچىدىن يەرلىك موڭغۇللار بىلەن مۇھەببەت-نىكاھ مۇناسىۋىتىدە بولۇش نىيىتىدىكىلەرگە زەربە بېرىش ئىكەن." دەپ ئىزاھلىنىدۇ.
ماقالىدە يەنە، بۇ مىللەتچى تەشكىلاتلارنىڭ دايار موڭغۇل ئىسىملىك بىر ئەزاسىنىڭ سۆزى نەقىل ئېلىنىپ مۇنداق بايان قىلىنىدۇ: "ھازىر بىز موڭغۇل مىللىتىنىڭ ساپلىقىنى قوغداش ئۈچۈن تىرىشىۋاتىمىز. ئەگەر بىزنىڭ قېنىمىزدا خىتايلار بىلەن ئارىلىشىش باشلىنىدىكەن، ئۇ چاغدا بىز جەنۇبىي موڭغۇلىيىدىكى قېرىنداشلىرىمىزدەك ئاستا-ئاستا ئۇلار (خىتايلارنى دېمەكچى) تەرىپىدىن يۇتۇپ كېتىلىمىز. شۇڭا ھازىر قاتتىق تەدبىر ئېلىۋاتىمىز. بىز قەرەللىك ھالدا رېستوران، مېھمان-سارايلارغا بېرىپ ئۇ يەرلەردە موڭغۇل قىز-ئاياللىرىنىڭ بار-يوقلۇقىنى ئېنىقلايمىز. ئەگەر بىز ئۆز قىز- ئاياللىرىمىزنىڭ بۇ يەرگە كەلگەن خىتايلار بىلەن بىللە بولغانلىقىنى بىلىپلا قالساق ئۇلارنىڭ چېچىنى چۈشۈرۈۋېتىمىز."
ماقالىدە موڭغۇل پۇقرالىرىنىڭ ھەم يەرلىك موڭغۇل ھۆكۈمەت ئورگانلىرىنىڭ خىتايلارنى ياقتۇرمايدىغانلىقى بايان قىلىنىپ، بۇ يەردىكى خىتاي شىركەتلىرى ھەم ئۇلارنىڭ خىزمەتچىلىرىنىڭ موڭغۇلىيىدىكى چەتئەل شىركەتلىرى ئىچىدىكى ئەڭ قارشى ئېلىنمايدىغان كىشىلەر ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن. مەلۇم بولۇشىچە، موڭغۇلىيىگە كان بايلىقلىرىنى ئېچىش ئۈچۈن كەلگەن خىتاي شىركەتلىرى ھەر ۋاقىت شۇ يەردىكى ناھىيىلىك ھۆكۈمەت خادىملىرى ھەم رايوننىڭ تەبىئىي مۇھىتنى قوغدىغۇچى ساقچىلىرى تەرىپىدىن قاتتىق تەكشۈرۈشكە ھەتتا جازالاشقا ئۇچرايدىكەن. شۇ يەرلىك بىر موڭغۇل مېھمانساراي خوجايىنى مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ مېھمانخانىسىغا ئەزەلدىن خىتاي پۇقرالىرىنىڭ قوبۇل قىلمايدىغانلىقىنى بايان قىلىپ: "مەن ئەزەلدىن خىتايلارنى مېھمانخانامدا ياتقۇزمايمەن، چۈنكى سىز ئۇلارنىڭ تۇرقىدىن ئۇلارنىڭ بۇ يەرگە كەلگەن زىيارەتچى ياكى سودىگەر ئىكەنلىكىنى ئايرىۋالالمايسىز. مەن خىتايلارنى ياقتۇرمايمەن" دېگەن. ماقالىدە يەنە، خىتاينىڭ موڭغۇلىيىدىكى ئەلچىخانىسىنىڭمۇ بۇ يەرگە تىجارەت ھەم ساياھەت ئۈچۈن كەلگەن خىتاي پۇقرالىرىنى كېچىلىرى يالغۇز سىرتقا چىقماسلىققا ئاگاھلاندۇرغانلىقى بايان قىلىنغان.
ماقالىدە يەنە، تاشقى موڭغۇلىيىدىكى خىتايغا قارشى كەيپىياتنىڭ پۇقرالار ئارىسىدىلا ئەمەس، بەلكى ھۆكۈمەت ئورگانلىرىدىكى خىزمەتچىلەر، ھەتتا مەتبۇئات ساھەسىدىمۇ يوشۇرۇن ھەتتا بەزىدە ئوچۇق ئىپادىلىنىدىغانلىقى بايان قىلىنىپ، بۇنىڭ موڭغۇللار بىلەن خىتايلارنىڭ ئۇزاق تارىختىن بۇيانقى مۇرەككەپ مۇناسىۋىتى سەۋەبىدىن ئىكەنلىكى، بولۇپمۇ كېيىنكى يىللاردا موڭغۇللارنىڭ كۆپلەپ خىتايلارغا ئاسسىمىلياتسىيە بولۇپ كېتىشى سەۋەبلىك ئىكەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
چەتئەللەردىكى موڭغۇل كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىدىن ياپونىيىدىكى «ئىچكى موڭغۇل خەلق پارتىيىسى» نىڭ باش كاتىپى كھەيرېد كھاۋىسگالت ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، نۆۋەتتە موڭغۇللاردىكى خىتايغا قارشى بۇ خىل كەيپىياتنىڭ مۇستەقىل موڭغۇل خەلق جۇمھۇرىتىدىلا ئەمەس، بەلكى ھازىرغىچە خىتاي چېگراسى ئىچىدە تۇرۇۋاتقان، خىتاي ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونى دەپ ئاتىسىمۇ، يەرلىك موڭغۇللار تەرىپىدىن جەنۇبىي موڭغۇلىيە دەپ ئاتىلىدىغان رايوندىكى موڭغۇللار ئارىسىدىمۇ بارغانچە كۈچىيىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
كھەيرېد كھاۋىسگالت ئەپەندى سۆزىدە موڭغۇللاردىكى خىتايغا قارشى كەيپىياتنىڭ بۇ قەدەر كۈچىيىپ كېتىشىگە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ موڭغۇللارغا قاراتقان ئېتىقاد، تىل، مەدەنىيەت، مائارىپ جەھەتلەردىكى ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتىدىن باشقا يەنە، موڭغۇللارنىڭ مىللىي كىملىكىنى قوغداش ھەم موڭغۇللارنىڭ مىللىي ئاپتونومىيە ھوقۇقىنى تەلەپ قىلغۇچى موڭغۇل كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى ھەم زىيالىيلىرىدىن خادا، خوچىنخۇغا ئوخشاش موڭغۇل خەلقى ئارىسىدا يۇقىرى ئىناۋەتكە ئىگە زىيالىيلارنى تۇتقۇن قىلىشى، موڭغۇل زىيالىيلىرىغا قارىتىلغان نازارەتنى كۈچەيتىشى، شۇنداقلا ھازىر جەنۇبىي موڭغۇلىيە خەلقىنىڭ ئۆزىنىڭ ئەڭ ئەقەللىي كىشىلىك ھەق-ھوقۇقلىرىنىڭ بىرى بولغان مىللىي كىملىكىنىمۇ قوغداش ھوقۇقىدىن مەھرۇم بولۇۋاتقانلىقى قاتارلىق كۆپلىگەن ئامىللارنىڭ سەۋەب بولۇۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.
كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي چېگراسى ئىچىدىكى خىتاي بولمىغان مىللەتلەردىن ئۇيغۇر، تىبەت، موڭغۇل، مانجۇ قاتارلىق مىللەتلەرگە قارىتا يۈرگۈزۈۋاتقان مىللىي سىياسىتىدە بۇ مىللەتلەرنىڭ مىللىي مەدەنىيىتىنى چەتلەشتۈرۈپ، ئۇلارغا «جۇڭخۇا مەدەنىيەت بىرلىكى » ئېڭىنى مەجبۇرىي قوبۇل قىلدۇرۇشقا ئۇرۇنۇشى، ئاقىۋەتتە بۇ مىللەتلەردە خىتايغا بولغان ئۆچمەنلىك كەيپىياتىنىڭ تېخىمۇ كۈچىيىشىگە سەۋەب بولۇشى مۇمكىن ئىكەن.