'خىتاي ھۆكۈمىتى 2009‏ - يىلىدا زور ئاممىۋىي توقۇنۇش دولقۇنلىرىغا يۈزلىنىدۇ'

رويتېرس يازغۇچىسى كىرس بۇكلېينىڭ بۈگۈن بېيجىڭدىن بايان قىلىشىچە، خىتاينىڭ ھۆكۈمەت زۇۋانى 'شىنخۇا ئاگېنتلىقى'نىڭ ئېتىراپ قىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى 2009‏ - يىلىدا زور ئاممىۋىي توقۇنۇشلارنىڭ دولقۇنلىرىغا يۈزلىنىدۇ.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﯞﻩﻟﻰ
2009.01.06
Gansu-saqchi-305.jpg ﺳﯜﺭﻩﺗﺘﻪ، ﮔﻪﻧﺴﯘ ﻟﻮﯕﻨﻪﻧﺪﯨﻜﻰ ﻧﺎﺭﺍﺯﯨﻠﯩﻖ ﻧﺎﻣﺎﻳﯩﺸﯩﺪﺍ، ﺧﯩﺘﺎﻱ ﺳﺎﻗﭽﯩﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩﺮ ﻧﺎﻣﺎﻳﯩﺸﭽﯩﻨﻰ ﺗﻪﭘﻤﻪﻛﺘﻪ.
RFA ئوقۇرمەنلىرى تەمىنلىگەن

بۇنىڭ ئۈچۈن خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىر جايلاردىكى ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەرنى ھوشيارلىقىنى ئۆستۈرۈشكە، 'ئىناق جەمئىيەت'نى قوغداش ئۈچۈن بالدۇر تەييارلىق كۆرۈشكە چاقىردى.

'شىنخۇا ئاگېنتلىقى'نىڭ چۇڭچىڭ، جياڭسۇ ۋە گۇاڭدۇڭ شۆبىلىرى مەسئۇللىرى ب ب س نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا بايان قىلىشىچىمۇ، خىتاي ھازىر زور ئاممىۋىي ۋەقەلەر يۈز بېرىدىغان بىر يىلغا قەدەم قويغانلىقى شەك - شۈبھىسىز. ئۇلارنىڭ بايان قىلىشىچە، ھازىر خىتاينىڭ دېڭىز بويلىرىدىكى ئېكسپورت شىركەتلىرى كەينى - كەينىدىن تاقىلىپ، خىتاينىڭ ئىقتىسادى چۆكۈشكە باشلىدى. بۇ جەرياندا ئىشچىلار تۈركۈم - تۈركۈملەپ ئىشتىن بوشىتىلماقتا. دېھقان ئىشلەمچىلەر ئىشسىز قالماقتا. ئالىي مەكتەپ پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارمۇ ئىشقا ئورۇنلىشالمايۋاتىدۇ. مۇشۇنداق بىر قاتار مەسىلىلەر، خىتاينىڭ بۇنىڭدىن كېيىن، 1989 ‏ - يىلى بېيجىڭدىكى تيەنئەنمېن مەيدانىدا دېموكراتىيىنى ئارزۇ قىلىدىغان كىشىلەر باستۇرۇلغان زور ۋەقەدىن بۇيان كۆرۈلۈپ باقمىغان زور سىياسىي جىگدىلىككە يۈزلىنىدىغانلىقىدىن ، تېخىمۇ ئېغىر مەسىلىلەرگە دۇچ كېلىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

ئۇنىڭ ئۈستىگە، مۇشۇ يىلنىڭ ھارپىسىدىلا، خىتايدا دۆلەت پۇقرالىرى 2008' خارتىيىسى' جاكارلاپ، بۇنداق بىر ئاممىۋىي ھەرىكەت ئارقىلىق خىتاي ھۆكۈمىتىنى سىياسىي ئىسلاھاتقا مەجبۇرلىدى. ھازىر خىتايدا 'مۇقىملىق' دېگەن مەسىلە ھەل قىلغۇچ ئامىل بولۇپ قالدى.

2009‏ - يىلى كىرگەندىن بۇيان، خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن دۆلەت پۇقرالىرى ئوتتۇرىسىدا يۈز بېرىۋاتقان توقۇنۇشلار

مۇخبىرلىرىمىزنىڭ خىتايدىن بايان قىلىشىچە، دۆلەت ئەرزىيەت ئىدارىسى 2009‏ - يىلى يېتىپ كەلگەندىن كېيىن ئىشقا چۈشكەن بىرىنچى كۈنىدىلا، يەنى دۈشەنبە كۈنى، مەملىكەتنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن بېيجىڭغا كەلگەن مىڭلىغان ئەرزىيەتچى بۇ ئىدارىسىنىڭ ئالدىغا توپلىشىپ، بۇرۇن ئەرز قىلىپ بۇ جايغا كەلگەن كىشىلەردىن 50 نەچچە كىشىنىڭ ئاللىقاچان تۈرمىگە تاشلانغانلىقىنىڭ پاكىتىنى كۆرسىتىپ، 'قارا تۈرمە' نى ئەمەلدىن قالدۇرۇشنى تەلەپ قىلىپ نامايىش قىلدى. ساقچىلار ئۇلارنىڭ ئەتراپىدا كۆزىتىپ تۇردى.

شۇ كۈنى خۇبېينىڭ يۈنشى شەھەرچىسىدە، يەر - زېمىنلىرى تارتىۋېلىنغانلىقى ئۈچۈن توپلىشىپ نارازىلىق بىلدۈرگەن دېھقانلار مۇخبىرلىرىمىزغا ياللانما ساقچىلارنىڭ تەھدىتىگە ئۇچرىغانلىقىنى ئىنكاس قىلدى.

خۇبېينىڭ سۈيجۇ شەھەرچىسىدە، ھەر يىلى سۇ ئامبىرى قويۇپ بەرگەن سۇ بېسىپ كېتىپ يەرلىرى ھوسۇلسىز قالغانلىقى ئۈچۈن ئەرز قىلغان يەر ئىگىلىرى، ھۆكۈمەت ھەر مۇ يەرگە ئاران 100 جىڭدىن گۈرۈچ بېرىپ 'مەسىلىنى ھەل قىلدۇق' دەپ جاكارلىغانلىقىغا، ھەتتا شۇ گۈرۈچمۇ تېخىچە يەر ئىگىلىرىنىڭ قولىغا تەگمىگەنلىكىگە نارازى بولۇپ توپلىشىپ نامايىش قىلدى.

فۇجۇ شەھىرىدە، 200 دىن ئارتۇق دېھقان ئۆلكىلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ يىغىنى ئېچىلىۋاتقان مېھمانخانا ئالدىدا توپلىنىپ 'يەرلەرنى بۇلاشقا قارشى تۇرىمىز' ، 'ئادەم ئۇرۇشقا قارشى تۇرىمىز' دەپ شوئار توۋلىغاندا، نامايىشچىلاردىن يەنە 10 نەچچە ئادەم ساقچىلار تەرىپىدىن ئۇرۇپ يارىلاندۇرۇلدى.

سەندۇڭنىڭ چىڭجۇ شەھەرلىك دوختۇرخانىسى، خىتاينىڭ دۆلەت ئىگىلىكىدىكى شىركەتلىرى ئىشلەپچىقارغان سۈت پاراشۇكلىرى بۆرەكتە تاش پەيدا قىلىپ ئاغرىغان بالىلاردىن يەنە 11 ى ئۆلگەنلىكىنى جاكارلىدى. ھازىدارلار ھۆكۈمەتتىن تۆلەم تەلەپ قىلغاندا ، ھۆكۈمەت دائىرىلىرى 'جەسەت تەكشۈرۈش دوكلاتىدىن تېخى خەۋىرىمىز يوق ' دەپ سەۋەب كۆرسىتىپ، ئەرىزدارلارنىڭ تەلىپىنى رەت قىلدى.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بايان قىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇلتۇر ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا 1300 دىن ئارتۇق ئادەمنى 'دۆلەت بىخەتەرلىكىگە زىيان يەتكۈزدى' دېگەن سىياسىي نام بىلەن تۈرمىگە تاشلىغان. كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ بايان قىلىشىچە، بۇ سان 2007 ‏ - يىلىدىكىدىن بىر ھەسسە ئارتۇق. بۇنداق ھادىسە ھازىرمۇ داۋاملاشماقتا.

ب ب س نىڭ بايان قىلىشىچە، 2009‏ - يىلى كوممۇنىست خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 60 يىللىقى چوڭ خاتىرىلىنىدىغان بىر يىل، خەلق بولسا، 'تيەنئەنمېن ۋەقەسى'نىڭ 20 يىللىقىنى خاتىرىلەيدىغان بىر يىل. بۇنداق سەزگۈر بىر يىل باشلانغاندىن بۇيان، گەرچە ھازىر ئەرزىيەتچىلەر ساقچىلارنىڭ سولاقخانىلىرىدا ئاچ قېلىپ ئۆلۈپ كەتكەن ھادىسىلەر كۆرۈلۈۋاتسىمۇ، يەنىلا خىتاينىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ئادالەتسىز مۇئامىلىگە ئۇچرىغان دۆلەت پۇقرالىرى مەركەزگە ئەرز قىلىپ مەسىلە ھەل قىلىش ئۈچۈن بېيجىڭغا ئاقماقتا.

ۋاڭ لېچۈەن خىتاي قىسىملىرىنى 'سوتسىيالىستىك شىنجاڭنى قوغداش ئۈچۈن تۆھپە قوشۇش'قا چاقىردى

بۇنداق ۋەزىيەتتە، خۇ جىنتاۋ 1 ‏ - ئاينىڭ 4 ‏ - كۈنى خىتاينىڭ قوراللىق قىسىملىرىنى تېررورچىلىققا قارشى تۇرۇشقا چاقىرغان ئىدى. 'تەڭرىتاغ تور بېتى' نىڭ بۈگۈن بايان قىلىشىچە، ۋاڭ لېچۈەنمۇ خىتاينىڭ شىنجاڭ ھەربىي رايون قىسىملىرىنى 'سوتسىيالىستىك شىنجاڭنى قوغداش ئۈچۈن تۆھپە قوشۇش'قا چاقىردى.

بۇنىڭدىن كېيىن ھۆكۈمەتنىڭ 'پۇل بىلەن مۇقىملىق سېتىۋېلىش'ى تەس بولىدۇ

خوڭكوڭدا چىقىدىغان "نەزەر" ژۇرنىلى (لياۋۋاڭ) نىڭ بايان قىلىشىچە، ساقچى، قوراللىق قىسىم ۋە ياكى شەھەر باشقۇرغۇچى دەپ ئاتىلىدىغان ھەر خىل قىسىملارنى دەرھال سەپەرۋەر قىلىش جەھەتتە دۇنيادا ئالدىنقى قاتاردا تۇرالايدىغان خىتاي ھۆكۈمىتى، بۇنىڭدىن كېيىن ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ۋە ياكى سىياسىي مەسىلىلەر تۈپەيلىدىن قوزغالغان زور ئاممىۋىي نامايىشلارغا ياكى ئۇنىڭدىن باشقا ھەر خىل قارشىلىقلارغا سۈكۈت قىلىشقا مەجبۇر بولىدۇ.

ئەگەر خىتاي ھۆكۈمىتى يەنىلا ئاممىۋىي ھەرىكەتلەرنى 'ھۆكۈمەتكە قارشى تۇرغانلىق' دەپ باستۇرسا، خەلقنىڭ تېخىمۇ زور قارشىلىقىغا ئۇچرايدۇ. پۇل بىلەن ساقچى ياللاپ بايلارنىڭ مەنپەئەتىنى قوغداپ، خەلققە بېسىم شەكىللەندۈرىدىغان ۋاستىلارنى قوللىنىۋېرىش بۇنىڭدىن كېيىن تەس بولدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە، خىتاي ھۆكۈمىتى باج ئىسلاھاتى ئېلىپ بېرىپ، 'لوق گۆش'نى مەركەز ئېلىۋېلىپ، يەرلىك ھۆكۈمەتلەرگە 'سۆڭەك' قالدۇرۇلغاندىن بۇيان، يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ 'پۇل بىلەن مۇقىملىق' سېتىۋېلىشىمۇ بۇنىڭدىن كېيىن قېيىن بولۇپ قالدى.


پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.