ئۇيغۇرلار شەرقى تۈركىستاندا خىتاي ھاكىمىيىتىگە قارشىلىق قىلماقتا

كانادانىڭ برىتىش كولۇمبىيە شىتاتىدا چىقىدىغان، سترائىغت گېزىتىدە "ئۇيغۇرلار شەرقى تۈركىستاندا خىتاي ھاكىمىيىتىگە قارشىلىق قىلماقتا " ناملىق ماقالە ئېلان قىلىندى. بۇ ماقالە، مەزكۇر گېزىتنىڭ ستون يازغۇچىسى ماتتھېۋ بۇرروۋس تەرىپىدىن، ۋانكۇۋېر شەھىرىدىكى ئۇيغۇر سىياسىي پائالىيەتچى ئۆمەرجان ئەپەندىنى زىيارەت قىلىش ئاساسىدا يېزىلغان.

0:00 / 0:00

ماقالىنىڭ باش قىسمىغا، ئۆمەرجاننىڭ ۋانكوۋېردا ئۆتكۈزۈلگەن خىتاي دائىرىلىرىگە نارازىلىق بىلدۈرۈش نامايىشىدا،شەرقى تۈركىستاننىڭ ئاييۇلتۇزلۇق كۆك بايرىقىنى ئىگىز كۆتۈرۈپ، تىبەتلىكلەر بىلەن بىرگە تۇرغان رەسىمىگە ئورۇن بېرىلگەن.

ماقالە: "ۋانكوۋېرغا تىبەتلىكلەرنىڭ توپلىنىۋاتقانلىقىغا ناھايىتى ئۇزۇن بولغانىدى. ئۇيغۇرلار بولسا، ئەمدىلەدىن بۇ يەردە پەيدا بولۇشقا باشلىدى. ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەكىلى سىياسىي پاناھلانغۇچى سالاھىيىتى بىلەن بۇ يەرگە كەلگەن ئۆمەرجان،" دەپ باشلىنىدۇ.

ماقالىدە ئۆمەرجاننىڭ خىتاينىڭ غەربىدىكى ئۇيغۇر رايونىنىڭ يەنى سابىق شەرقى تۈركىستاننىڭ قەشقەر شەھىرىدە تۇغۇلغانلىقى، ئۇنىڭ تىبەتلىكلەرگە ئوخشاش شەرقى تۈركىستاننىڭ خىتاينىڭ بويۇنتۇرىقىدىن قۇتۇلۇپ، مۇستەقىل بولۇشىنى ئارزۇ قىلىدىغانلىقى، ئۇيغۇر رايوننىڭ 1949 - يىلى، خىتاي كوممۇنىستلىرى ھاكىمىيىتىنىڭ كونتروللۇقىغا ئۆتكەنلىكى ۋە تىبەتنى خىتايلار 1951 - يىلى بېسىۋالغانلىقى قاتارلىقلار ئەسكەرتىلگەن. بىز ئۆمەرجان ئەپەندىنى زىيارەت قىلغىنىمىزدا، ئۇ ئۇيغۇرلارنىڭ غەرب دۆلەتلىرىدىكى ئاخبارات ئەركىنلىكى ئەۋزەللىكلىرىدىن پايدىلىنىپ، ئۆزلىرىنىڭ سىياسىي ۋەزىيىتىنى تونۇشتۇرۇشى لازىملىقىنى تەكىتلىدى.

ماقالىدە ئۆمەرجاننىڭ "بىز تىبەتلىكلەرنى قوللايمىز، ئۇيغۇرلار بىلەن تىبەتلىكلەرنىڭ ئەھۋالى ئوخشىشىپ كېتىدۇ. بىز كۈنلەرنىڭ بىرىدە، مۇستەقىللىقىمىزنى قولغا كەلتۈرەلەيدىغانلىقىمىزغا ئىشىنىمىز. خىتاي دائىرىلىرى تىبەتلىكلەرنى بۆلگۈنچى، ئۇيغۇرلارنى بولسا، تېررورچى، دەپ ئەيىبلىمەكتە. خەلقئارا جەمئىيەت بۆلگۈنچى ۋە تېررورچى بىلەن ئەركىنلىك جەڭچىسى ئوتتۇرىسىدىكى پەرقلەرنى ئوبدان چۈشىنىشى كېرەك،دېگەن سۆزلىرىگە ئورۇن بېرىلگەن.

ماقالىدە ۋانكوۋېردىكى خىتاي كونسۇلخانىسىنىڭ ياردەمچى كونسۇلى ۋاڭ زېلياڭنىڭ تىبەت بىلەن ئۇيغۇر رايونىدا كىشىلىك ھوقۇق تەرەپلەردە "غايەت زور" ئىلگىرىلەش بولغانلىقى، دۇنيادا ھېچقانداق بىر دۆلەتنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنىڭ مۇكەممەل ئەمەسلىكى، خىتاينىڭ ئۆزىدىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى ئۈچۈن داۋاملىق تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتقانلىقى،ئەمما بۇ شەھەردە نامايىش ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇيغۇرلار بىلەن بىلەن تىبەتلىكلەرنىڭ كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتىش ئۈچۈن مەسىلىنى كۆپتۈرۈشكە ئۇرۇنۇۋاتقانلىقى ھەققىدىكى سۆزلىرىگىمۇ ئورۇن بېرىلگەن.

ماقالىدە ئۇيغۇر رايونىنىڭ كۇچا ناھىيىسىدە يۈز بەرگەن بومبا پارتلاش ۋەقەسىدىن كېيىن، 90 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ، قەشقەردە بولسا "شەرقى تۈركىستان ئىسلامى ھەرىكىتى" نىڭ ئەزاسى دەپ قارالغان، 18 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقى قاتارلىقلارمۇ ئالاھىدە ئەسكەرتىلگەن.

بۇ ماقالىگە بېرىلگەن باھالاردىن بىرىدە، ئۇيغۇر رايونى ۋە تىبەتنى كانادانىڭ كۇبەك رايونى بىلەن سېلىشتۇرۇلغان ۋە بۇ ماقالىنى خەۋەرچىلىك يولى بىلەن خىتايغا قارشى ئېلىپ بېرىلغان، تەتۈر تەشۋىقات دەپ تەنقىد قىلغان. زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئۆمەرجان ئەپەندى شەرقى تۈركىستان ۋە تىبەت مەسىلىلىرى بىلەن كانادانىڭ كۇبەك مەسىلىسىنىڭ تۈپتىن ئوخشىمايدىغانلىقىنى،كانادا مەتبۇئاتلىرىنىڭ مۇستەقىل مەتبۇئات ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.