خىتايغا قارشى ھەرىكەتلەردە نېمە ئۈچۈن پۇقرالار ھۇجۇم نىشانىغا ئايلىنىپ قالدى؟

ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، ئۇيغۇر ئېلىدىكى خىتاي پۇقرالىرىنىڭ ئىقتىسادىي ئورنىنىڭ يۈكسىلىشى، ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر ئېلىگە يېڭى كەلگەن مەزگىلىدىكى مۇلايىم ۋە ئىتائەتچان تەبىئىتىنى ئۆزگەرتىۋەتكەن.

0:00 / 0:00

ئۇلار يەرلىك خەلقلەرنىڭ ئىش ۋە ياشاش ئىمكانلىرىنى تارتىۋالغاندىن باشقا، يەرلىك خەلققە مەنسىتمەسلىك نەزىرىدە قارايدىغان ۋە ئۇلارنى ئاممىۋى سورۇنلاردا چەتكە قاقىدىغان خاھىشلار پەيدا بولغان. بۇ يىللاردىن بېرى خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى داۋاملىشىۋاتقان قارشىلىق ھەرىكەتلەرنىڭ خىتاي پۇقرالىرىغا بۇرىلىشىغا تۇنجى تۈرتكە بولغان.

2009-يىلى يۈز بەرگەن شاۋگۈەن ۋەقەسى، ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن 7-، 8-ئىيۇل ۋەقەلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي پۇقرالىرىغا نىسبەتەن ھېس-تۇيغۇلىرىدا بۇرۇلۇش خاراكتېرلىك ئۆزگىرىش پەيدا قىلغان.

ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىن شىنجاڭ خىزمەت يىغىنىڭ ئېچىلىشى، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ تەرەققىيات پىلانىنىڭ خىتاي ئۆلكىلىرىگە بۆلۈپ بېرىلىشى، بۇنىڭ بىلەن يەنىمۇ كۆپلىگەن خىتاي پۇقرالىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىغا قاراپ ئېقىشى ۋە يېڭى تەرەققىيات قۇرۇلۇشىدا خىتاي پۇقرالىرىنىڭ ئەۋزەل ئىمكانلارغا ئېرىشىشى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ يەنىلا چەتتە قېلىشى، ئۇيغۇر خەلقى بىلەن خىتاي خەلقى ئارىسىدىكى زىددىيەتنى يەنە بىر بالداق كەسكىنلەشتۈرگەن.

5-ئىيۇل ۋەقەسىدىن كېيىنكى ۋەزىيەتتە، خەلقئارا جامائەتنىڭ ئۇيغۇر خەلقىگە جانغا ئەسقاتقۇدەك ئەمەلىي بىر ياردەمدە بولالماسلىقى، چەتئەللەردە كامبودژا ۋەقەسىگە ئوخشىغان ئېچىنىشلىق ۋەقەلەرنىڭ ئارقا-ئارقىدىن يۈز بېرىشى، ئۇيغۇرلارنى خەلقئارا قانۇندىن، خەلقئارا جامائەت پىكرىدىن ئۈمىدسىزلەندۈرگەن.

ئاۋسترالىيىدىكى ئۇيغۇر سىياسىي كۆزەتكۈچى ھۈسەن ئەپەندى ئۇيغۇر مۇستەقىللىق كۈچلىرىنىڭ خىتاي پۇقرالىرىغا ھۇجۇم قىلىشىنىڭ 5-سەۋەبى سۈپىتىدە، ھۇجۇمچىلار بىلەن خىتاي قوراللىق قىسىملىرى ئارىسىدىكى قورال كۈچى پەرقىنىڭ سېلىشتۇرغۇسىز دەرىجىدە چوڭ بولۇشى دەپ كۆرسىتىدۇ.

يۇقىرىدا، يېقىنقى ۋەقەلەردە نېمە خىتاي پۇقرالىرى ھۇجۇم نىشانىغا ئايلاندى دېگەن تېمىدا مۇلاھىزە ئاڭلىدىڭلار.