«5-ئىيۇل ۋەقەسى» دىن كېيىن سىياسىي زىيانكەشلىكتىن قېچىپ، قوشنا ئەللەرگە قېچىپ چىققان ئۇيغۇر مۇساپىرلار مەسىلىسى خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى، مۇساپىرلارنى قوغداش تەشكىلاتلىرى ۋە غەرب پارلامېنتلىرىدىكى بەزى پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان نۆۋەتتىكى جىددىي مەسىلىلەرنىڭ بىرى بولۇپ قالدى. يېقىندا مالايشىيا خىتايغا قايتۇرۇپ بەرگەن 11 كىشىنىڭ ۋەقەسى ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنىڭ بۇ خىل ھاياتى تەھدىتكە ئۇچراش ئېھتىماللىقى مەۋجۇت بىر دۆلەتكە قايتۇرۇلۇش ھادىسىلىرىنىڭ يەنە بىرىدۇر.
لېكىن، بۇ قېتىم ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى كېڭەش ۋە ئاۋام پالاتالىرىنىڭ ئىككى مۇھىم ئەزاسى ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنى قايتۇرۇپ بېرىشنى تەنقىد قىلىش سېپىگە قېتىلدى. جۇمھۇرىيەتچى ئاۋام پالاتا ئەزاسى كرىستوفىر سىمىت بىلەن دېموكراتىك كېڭەش پالاتا ئەزاسى شېرود بروۋېننىڭ رەئىسلىكىدىكى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ۋە ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي ئىشلار بىرلەشمە كومىسسىيىسى چارشەنبە كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي دائىرىلىرىدىن مالايشىيا 18-ئاۋغۇست خىتايغا قايتۇرۇپ بەرگەن 11 ئۇيغۇرنىڭ ئاقىۋىتىدىن مەلۇمات بېرىشنى تەلەپ قىلدى. ئۇلارنى قايتۇرۇشنىڭ خەلقئارا قانۇنغا خىلاپ ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
كرىستوفىر سىمىت بىلەن شېرود بروۋېن يەنە مالايشىيا ھۆكۈمىتىنى تەنقىدلەپ، مالايشىيا دائىرىلىرى تەرىپىدىن قولغا ئېلىنغان قالغان بەش نەپەر ئۇيغۇر سىياسىي پاناھلىق تىلىگۈچىنى قايتۇرۇۋەتمەسلىككە چاقىردى. ئامېرىكا ئاۋام ۋە كېڭەش پالاتا ئەزالىرىنىڭ مەزكۇر چاقىرىقى دەل خىتاي ئۈرۈمچىدە «ياۋرو -ئاسىيا يەرمەنكىسى» ئۆتكۈزۈپ، ئۇيغۇر ئېلىدە قوشنا ئەللەرنىڭ بەزى رەھبەرلىرىنى كۈتۈۋالغان، يەرمەنكىگە قاتنىشىۋاتقان پاكىستان پرېزىدېنتى زەردارى خىتاي بىلەن «تېررورلۇققا قارشى » ھەمكارلىقنى كېڭەيتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بىر پەيتكە توغرا كەلگەن.
ئاۋام پالاتا ئەزاسى كرىستوفىر سىمىت ئەسكەرتىپ، «ئۇيغۇرلارنى خىتايغا مەجبۇرىي قايتۇرۇش خەلقئارا قانۇننى قوپاللىق بىلەن ئاياغ ئاستى قىلىشتىن دېرەك بېرىدۇ. بۇ مەزكۇر قانۇن ئۇيغۇرلارنى قايتۇرۇپ بەرگەن دۆلەتلەر تەرىپىدىنلا ئەمەس، بەلكى ئۇلارنى قايتۇرۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان ۋە كىشىلىك ھوقۇقنىڭ ئېغىر دەپسەندە قىلىنىشىدا جاۋابكارلىقى بولغان خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىنمۇ ئاياغ ئاستى قىلىنغانلىقتۇر» دېگەن. كېڭەش پالاتا ئەزاسى شېرود بروۋېن بولسا ئۇيغۇرلارنى خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بەرگەن بۇ ئەللەرنىڭ خىتايدىن زور ياردەمگە ئېرىشكەن دۆلەتلەر ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ «ئۇلارنىڭ مەسىلىسى خىتاينىڭ پۈتكۈل ئاسىيادىكى ئىقتىسادى ۋە سىياسىي تەسىرى كۈچەيگەن پەيتكە توغرا كەلدى. ئۇيغۇر مۇساپىرلىرى، پاناھلىق تىلىگۈچىلەر ۋە كۆچمەنلىرىنى قايتۇرۇپ بەرگەن بۇ دۆلەتلەر خىتاينىڭ زور سودا كېلىشىمى ۋە ياردىمىگە مۇيەسسەر بولغان ئەللەردۇر» دەپ كۆرسەتتى.
بىز خىتاينىڭ ۋاشىنگتوندىكى ئەلچىخانىسىغا تېلېفون قىلىپ ۋە ئەلچىخانا ئاخبارات باياناتچىسى ۋاڭ باۋدۇڭغا ئېلخەت يوللاپ، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرىنىڭ باياناتىغا قانداق ئىنكاس قايتۇرىدىغانلىقىنى سورىغان بولساقمۇ، لېكىن ئۇلار ھېچقانداق جاۋاب قايتۇرمىدى. لېكىن، د ئۇ ق كرىستوفىر سىمىت ۋە شېرود بروۋېننىڭ باياناتىغا ئىنكاس قايتۇرۇپ، ئۇلارنىڭ باياناتىنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. قۇرۇلتاي رەئىسى رابىيە قادىر خانىم ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرىنىڭ باياناتى خىتاينىڭ ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنىڭ ئاقىۋىتىنى ئاشكارىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ قېلىشىنى ئۈمىد قىلدى.
كېڭەش پالاتا ئەزاسى شېرود بروۋېننىڭ ئەسكەرتىشىچە، خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىلگەن بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ تراگىدىيىلىك يېرى، ئۇلارنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلغاندىن كېيىن «تەن جازاسى، خالىغانچە قامىلىش ۋە كەمسىتىلىشتىن ئىبارەت ھەقىقىي تەھدىتكە ئۇچرايدىغانلىقى» دۇر. ئۇ «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شىنجاڭدا خەلقئارا قانۇنغا خىلاپلىق قىلىپ، قاتتىق باستۇرۇش ھەرىكەتلىرىنى ئېلىپ بېرىۋاتقىنىغا ئۇزۇن يىللار بولدى. ئۇلار بۇنىڭغا قوشنىلىرىنى شېرىك قىلىپ، باستۇرۇش سىياسىتىنى يۈرگۈزۈشكە ئۇلارنىمۇ داخىل قىلغاندەك قىلىدۇ. بۇ قەستەن، مەقسەتلىك قىلمىش شۇنداقلا ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيىتى، دىنى ۋە تىلىغا تەھدىت سېلىۋاتقان كەڭ دائىرىلىك سىياسەتنىڭ بىر پارچىسى» دەپ كۆرسەتتى.
ئاۋام پالاتا ئەزاسى كرىستوفىر سىمىتنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ب د ت مۇساپىرلار ئالىي كومىسارىياتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك قائىدە تۈزۈملىرىگە ھۆرمەت قىلىشى كېرەك. ئۇ «خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارغا قاراتقان باستۇرۇش سىياسىتىگە خاتىمە بېرىپ، ئۆزىنىڭ باستۇرۇش سىياسىتىنى يۈرگۈزۈشتە قوشنىلىرىدىن پايدىلىنىشنى توختىتىشى شەرت. ب د ت مۇساپىرلار ئالىي كومىسارىياتىنىڭ سىياسىي پاناھلىق تىلىگۈچىلەر ۋە مۇساپىرلار مەسىلىسى ھەققىدىكى قائىدە تۈزۈملىرىگە ھۆرمەت قىلىشى، بارلىق خىتاي پۇقرالىرىنىڭ ئاساسى كىشىلىك ھوقۇقى ۋە ئەركىنلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشى لازىم» دەيدۇ. رابىيە قادىر خانىم خىتاينىڭ «5-ئىيۇل ۋەقەسى» دىن ھېچقانداق ساۋاق ئالمىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، خىتاي ھازىرقى سىياسىتىنى تۈپ يىلتىزىدىن ئۆزگەرتمىسە، تېخىمۇ شىددەتلىك نارازىلىقلارنىڭ يۈز بېرىشىدىن ساقلانغىلى بولمايدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇردى.
مالايشىيا ھۆكۈمىتى 8-ئاينىڭ 6-كۈنى 16 ئۇيغۇرنى قولغا ئېلىپ، ئۇلارنىڭ 11 نەپىرىنى خىتايغا قايتۇرۇپ بەرگەن ئىدى. ب د ت مۇساپىرلار ئالىي كومىسارىياتىنىڭ كۇئالا لامپۇردىكى ئىشخانىسىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، مالايشىيا دائىرىلىرى ب د ت مۇساپىرلار ئىشخانىسى خادىملىرىنىڭ ئۇلار بىلەن ئۇچرىشىشىغا يول قويمىغان. دائىرىلەر ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنىڭ ئادەم ئەتكەسچىلىك گۇرۇھى بىلەن چېتىشلىقى بارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۇلارنىڭ مۇساپىرلىق سالاھىيىتىدىن بەھرىمەن بولۇشىنى رەت قىلغان.
مالايشىيا دائىرىلىرىنى تەنقىد قىلغۇچىلار ئۇيغۇر سىياسىي پاناھلىق تىلىگۈچىلەرنىڭ مۇساپىرلىق سالاھىيىتىنى پەقەت ب د ت مۇساپىرلار ئىشخانىسى تەكشۈرۈپ بېكىتىدىغانلىقىنى، بىراق مالايشىيا دائىرىلىرىنىڭ بۇنىڭغا توسقۇنلۇق قىلىپ، خەلقئارا قانۇننى بۇزغانلىقىنى ئەيىبلىمەكتە. ئاۋام پالاتا ئەزاسى كرىستوفىر سىمىت بىلەن كېڭەش پالاتا ئەزاسى شېرود بروۋېن تۈنۈگۈن ئېلان قىلغان بۇ ھەقتىكى باياناتىدا يەنە، پاكىستان ۋە تايلاند دائىرىلىرىنىڭ يېقىندا بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنى خىتايغا قايتۇرۇپ بەرگەنلىكىنى تەنقىد قىلدى. پاكىستان ھۆكۈمىتى بۇ يىل 8-ئاۋغۇست بەش ئۇيغۇرنى خىتايغا قايتۇرۇپ بەرگەن. ئوخشاشلا تايلاند ھۆكۈمىتى 6-ئاۋغۇست كۈنى نۇر مۇھەممەت ئىسىملىك بىر ئۇيغۇرنى خىتاينىڭ بانكوكتىكى ئەلچىخانا دائىرىلىرىگە تاپشۇرۇپ بېرىپ، ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ تەنقىدىگە ئۇچرىغان ئىدى.