قازاقىستاندا غايىپ بولغان ئۇيغۇر مۇساپىرىنىڭ ئىز دېرىكى ھازىرغا قەدەر ئېلىنمىدى

0:00 / 0:00

قازاقىستاننىڭ ئالما-ئاتا شەھىرىدە 23- ئۆكتەبىردىن بېرى ئىز دېرەكسىز يوقاپ كەتكەن ئۇيغۇر مۇساپىرىنىڭ ئىز دېرىكى ھازىرغا قەدەر ئېلىنمىدى. ئۇيغۇر مۇساپىرىنىڭ ئاقىۋىتى ب د ت مۇساپىرلار ئالىي كومىسارىياتىنىڭ ئەندىشىسىنى قوزغىماقتا. مۇساپىرلار كومىسارىياتىنىڭ قازاقىستان ئالما-ئاتا شەھىرىدە تۇرۇشلۇق ئىشخانىسىدىكى خادىملار، ئەركىن يارمەمەت سابىر ئىسىملىك ئۇيغۇر مۇساپىرنىڭ خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەنلىك ئېھتىمالى بارلىقىنى بىلدۈردى.

داۋاملىشىۋاتقان ئەنئەنە

ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنى قايتۇرۇپ بېرىش قازاقىستان ھۆكۈمىتى ئۈچۈن يېڭى ھادىسە ئەمەس. ئاستانا ھۆكۈمىتى يۈسۈپ قادىر ۋە ئابدۇقادىر سىدىق ئىسىملىك 2 ئۇيغۇر مۇساپىرنى خىتايغا قايتۇرۇپ بەرگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىلگەندىن كېيىنكى ئىز دېرىكى ھازىرغا قەدەر مەلۇم ئەمەس. ئەينى چاغدا بۇ خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇقى تەشكىلاتلىرىنىڭ ئەيىبلىشىگە ئۇچرىغان ئىدى. بۇ قېتىم ب د ت مۇساپىرلار كومىسارىياتى، ئەگەر ئەركىن يارمەمەت سابىر خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىلگەن بولسا، بۇ خەلقئارا ئەھدىنامىلاردىكى قازاقىستاننىڭ ئۈستىگە ئالغان مەجبۇرىيىتىگە خىلاپ، دەپ ئاگاھلاندۇردى.

بىرلەشمە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ ئەسكەرتىشىچە، ب د ت مۇساپىرلار كومىسارىياتىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا ئەللىرىدىكى ۋەكىلى سېزار ديۇبون، ئەركىن يارمەمەت سابىرنىڭ 23 - ئۆكتەبىردىن بېرى قازاقىستاننىڭ كونا پايتەختى ئالما-ئاتادا ئىز دېرەكسىز يوقاپ كەتكەنلىكىدىن ناھايىتى قايغۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

تەشكىلاتلار ئەركىن يارمەمەت سابىرنىڭ مەسىلىسىگە دىققەت قىلىپ كەلمەكتە

ديۇبوننىڭ ئەسكەرتىشىچە، ئەركىن يارمەمەت سابىر ئېنىق بولمىغان سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن قازاقىستان تۈرمىسىدە 4 ئاي تۇتۇپ تۇرۇلغان ۋە ئالما-ئاتادىكى بىر سوت مەھكىمىسى 23 - ئۆكتەبىردە ئۇنى قويۇپ بېرىشكە بۇيرۇغاندىن كېيىن، شۇ كۈنى ئىز دېرەكسىز يوقاپ كەتكەن. ئۇ، "ب د ت مۇساپىرلار ئالىي كومىسارىياتى مەزكۇر سىياسىي پاناھلانغۇچىنىڭ خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەن بولۇشىدىن ئەنسىرىمەكتە." ئەگەر بۇ راست بولسا، "يەر شارى مۇساپىرلار ئەھدىنامىسىغا ئاشكارا خىلاپلىق قىلغانلىقتۇر" دەيدۇ.

قازاقىستان دائىرىلىرى ب د ت خادىملىرىنىڭ ئەركىن بىلەن كۆرۈشىشىنى چەكلىگەن

مەركىزى ۋاشىنگتوندىكى ئامېرىكا ئۇيغۇر جەمئىيىتى ئەركىن يارمەمەت سابىرنىڭ مەسىلىسىگە دىققەت قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. ئامېرىكا ئۇيغۇر جەمئىيىتى كىشىلىك ھوقۇق پروگراممىسى مەسئۇلى ئالىم سېيىتنىڭ ئەسكەرتىشىچە، مەزكۇر جەمئىيەت ب د ت ۋە ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بىلەن ئۇيغۇر مۇساپىرلىرى ئوتتۇرا ئاسىيادا دۇچ كېلىۋاتقان خېيىم - خەتەرلەر ھەققىدە سۆزلەشمەكتە.

خەۋەرلەرگە قارىغاندا ئەركىن يارمەمەت سابىر، قازاقىستان دائىرىلىرى تەرىپىدىن تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان مەزگىلدە ب د ت نىڭ ئالما-ئاتادىكى مۇساپىرلار ئىشخانىسى ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشۈشنى تەلەپ قىلغان ۋە قازاقىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بىلەن ئالاقىلاشقان بولسىمۇ، لېكىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى قازاقىستان ساقچى ئورگانلىرىنىڭ ئەركىننى تەكشۈرۈش خىزمىتى ئاخىرلاشمىغىچە ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشەلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ب د ت نىڭ ئالما-ئاتادىكى مۇساپىرلار ئىشخانىسىنىڭ ئەسكەرتىشىچە، ئەركىن بۇ يىل 7 - ئايدا قازاقىستان دائىرىلىرى تەرىپىدىن تۇتۇپ كېتىلگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئايالى ب د ت مۇساپىرلار ئالىي كومىسارىياتىنىڭ ئالما-ئاتادىكى ئىشخانىسىغا كېلىپ سىياسىي پاناھلىق سورىغان. ديۇبوننىڭ ئەسكەرتىشىچە، ئەركىننىڭ ئايالى قازاقىستان دائىرىلىرى يولدىشىنى خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىشىدىن ئەنسىرەپ سىياسىي پاناھلىق سورىغان بولسىمۇ، لېكىن قازاقىستان دائىرىلىرى مۇساپىرلار ئىشخانىسىنىڭ ئەركىن بىلەن كۆرۈشۈشىنى چەكلىگەنلىكتىن ئەركىننىڭ سىياسىي پاناھلىق سوراش سەۋەبلىرىنى ئىگىلەشكە مۇيەسسەر بولالمىغان.

ئامېرىكا ئۇيغۇر جەمئىيىتى قازاقىستان ھۆكۈمىتىنىڭ ب د ت مۇساپىر، دەپ تونۇغان ئۇيغۇرلارنى قوغداش مەسئۇلىيىتى بار، دەپ كۆرسەتتى.

ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنىڭ خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلىشى مەقسەتلىك بولۇشى مۇمكىن

لېكىن قازاقىستان ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر مۇساپىرلار مەسىلىسىنى ئاشكارا تىلغا ئېلىشتىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ كەلمەكتە. بىز قازاقىستاننىڭ ۋاشىنگتوندىكى ئەلچىخانىسىغا تېلېفون قىلىپ، ئۇلارنىڭ بۇ مەسىلىدىكى ئوي - پىكىرىنى ئالماقچى بولغان بولساقمۇ، لېكىن ئەلچىخانا خادىملىرى بۇ توغرىسىدا پىكىر بايان قىلىشنى رەت قىلدى.

ئەركىن يارمەمەت سابىرنىڭ ئىز دېرەكسىز يوقاپ كەتكەنلىكى بۇ قازاقىستاندا مۇشۇ بىر يىل ئىچىدە يۈز بەرگەن ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىغا مۇناسىۋەتلىك تۇنجى ۋەقە ئەمەس. ب د ت مۇساپىرلار كومىسارىياتىنىڭ ۋەكىلى ديۇبون، مۇساپىرلار كومىسارىياتى قازاقىستان دائىرىلىرىنىڭ باشقا بىر ئۇيغۇر مۇساپىرنى خىتايغا مەخپىي ئۆتكۈزۈپ بەرگەنلىك ۋەقەسىدىن خەۋەردار، دەپ كۆرسەتتى.

ئالما-ئاتادىكى ۋەزىيەتتىن خەۋەردار كىشىلەرنىڭ ئاشكارىلىشىچە، يېقىندا ب د ت تەرىپىدىن سىياسىي پاناھلىق بېرىلىپ كاناداغا ئورۇنلاشماقچى بولغان ئەركىن سادىق ئىسىملىك يەنە بىر ئۇيغۇر مۇساپىر ئىز دېرەكسىز يوقاپ كەتكەن. ئۇنىڭ خىتايغا مەخپىي ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.

ديۇبون، ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنى خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىش "مەقسەتلىك بولۇشى مۇمكىن، دەپ گۇمانلىنىمەن" دەيدۇ. ئامېرىكا ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىكى ئالىم سېيىت، قازاقىستان دائىرىلىرىنىڭ ھەرىكىتىدىن چوڭقۇر قايغۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. ب د ت مۇساپىرلار ئىشخانىسىدىكى ديۇبون، قازاقىستان قانۇن سىستېمىسىنى "ئوچۇق ‏- ئاشكارا ئەمەس" دەپ ئەيىبلىدى. ئۇ، قازاقىستاندا مۇساپىرلارنىڭ ھوقۇقىغا كاپالەتلىك قىلىدىغان ياكى بۇ مەسىلىلەرنى بىر تەرەپ قىلىدىغان قانۇن تەرتىپنىڭ يوقلىقىنى، "ھەر بىر دىلو قانۇن ‏- قائىدىلەر بويىچە ئەمەس، بەلكى دائىرىلەرنىڭ ئىختىيارى بويىچە بىر تەرەپ قىلىنىدىغانلىقىنى" بىلدۈردى.

خىتاي قازاقىستاننىڭ شەرقىدىكى ئەڭ چوڭ قوشنىسى شۇنداقلا شاڭخەي گۇرۇھىدىكى ئەڭ مۇھىم ئىقتىسادى، بىخەتەرلىك ۋە نېفىت ئېنېرگىيە شېرىكى. ئىككى دۆلەت سودا - ئىقتىسادى ئالاقىسىنى 2010 - يىلغا قەدەر 10 مىليارد دوللارغا يەتكۈزۈشنى پىلانلىماقتا. ئانالىزچىلارنىڭ ئەسكەرتىشىچە، قازاقىستان سىياسىي بېسىم، بىخەتەرلىك، مەبلەغ ۋە ئىقتىسادى مەنپەئەتنى كۆزدە تۇتۇپ، ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىغا قارشى تۇرىۋاتىدۇ. قازاقىستان مەتبۇئاتلىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، خىتاي بىلەن قازاقىستان 1998- يىلى قازاقىستاندا ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىغا سىياسىي پاناھلىق بەرمەسلىك توغرىسىدا مەخپىي كېلىشىم ئىمزالىغان. لېكىن قازاقىستان ھۆكۈمىتى خىتاي بىلەن بۇنداق بىر كېلىشىم ئىمزالىغانلىقىنى ئېتىراپ قىلىپ باقمىدى. (ئەركىن)