خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇنىڭدىن ئىككى ھەپتە بۇرۇن ئاتاقلىق سەنئەتچى ۋە ئۆكتىچى زات ئەي ۋېيۋېينى تۇتقۇن قىلىپ، ئۇنى ھازىرغا قەدەر نەزەربەند ئاستىدا تۇتۇپ تۇرۇش قىلمىشىغا قارىتا خەلقئارا تەنقىدلەرنىڭ ئايىغى ئۈزۈلىدىغاندەك قىلمايدۇ. خەلقئارا جامائەتچىلىكنىڭ يېقىنقى پوزىتسىيىسىدىن قارىغاندا، خىتاينىڭ ئەي ۋېيۋېي مەسىلىسىدە تېخىمۇ قاتتىق ۋە تېخىمۇ كەڭ كۆلەملىك خەلقئارا بېسىمغا دۇچ كېلىش ئېھتىمالى مەۋجۇت. ھازىرغا قەدەر ياۋروپا ئىتتىپاقى، ئامېرىكا، ئاۋسترالىيە، ئەنگلىيە، گېرمانىيە قاتارلىق نۇرغۇن دۆلەتلەر، كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى قاتارلىق خەلقئارا تەشكىلاتلار ۋە خىتاي ئۆكتىچى گۇرۇھلار بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنى تەنقىد قىلىپ كەلگەن ئىدى. ئالدىنقى كۈندىن باشلاپ خىتاينى تەنقىد قىلىش سېپىگە ياۋروپالىق ئاتاقلىق يازغۇچىلاردىن سابىق چېخ پرېزىدېنتى ۋاكلاۋ خاۋېلنى ئۆز ئىچىگە ئالغان چېخ، گېرمانىيە، ئاۋسترىيە، پولشا قاتارلىق ئەللەردىكى بىر قىسىم مەشھۇر يازغۇچى، شائىر ۋە ئەدىبلەر قېتىلدى.
يۇقىرىقى يازغۇچى ۋە ئەدىبلەر خىتاي باش مىنىستىرى ۋېن جياباۋغا خەت يېزىش پائالىيىتى قوزغاپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يېقىنقى بىر قانچە ئايدىن بۇيان ئۆكتىچى زاتلارنى باستۇرۇشنى كۈچەيتكەنلىكى ۋە ئەي ۋېيۋېينى تۇتقۇن قىلغانلىقىنى تەنقىد قىلغان.
ئۇلار ۋېن جياباۋغا يوللايدىغان خېتىدە، خالىغانچە ئادەم تۇتۇشنىڭ قانۇنسىزلىق ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، ئەي ۋېيۋېينى دەرھال قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان.
چەتئەلدە سۈرگۈندىكى ئاتاقلىق خىتاي يازغۇچى باي لىڭ تەرىپىدىن قەلەمگە ئېلىنغان مەزكۇر خەتكە ھازىرغا قەدەر، ۋاسلاۋ خاۋېلدىن سىرت يەنە، چېخ يازغۇچى ۋە شائىرلىرىدىن ئىۋان كلىما، جىرى گرۇسا، جاچىم توپول، ئاۋسترىيىلىك يازغۇچى، نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتى ساھىبى ئەلفرىد جېلىنىك، پولشىلىق پەيلاسوپ ئادام مىچنىك، يازغۇچى ئادام زاگاجېسكى، گېرمانىيىلىك شائىر ھېلمۇت فرائۇنندورفېر قاتارلىق كىشىلەر ئىمزا قويغان. باي لىڭ تۈنۈگۈن رادىئومىز خىتاي بۆلۈمىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا ئەسكەرتىپ، ياۋروپا جامائەتچىلىكىنىڭ ئەي ۋېيۋېي ۋەقەسىگە ناھايىتى كۈچلۈك ئىنكاس قايتۇرغانلىقىنى، بۇنىڭ يېقىنقى نەچچە ئون يىلدىن بۇيان يۈز بەرگەن خىتاي ئۆكتىچىلىرىنى قولغا ئېلىش ۋەقەلىرىدە مىسلى كۆرۈلۈپ باقمىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئامېرىكىدىكى خىتاي ئۆكتىچىلىرى تەرىپىدىن نيۇ يورك شەھىرىدە نەشر قىلىنىدىغان چەتئەلدىكى خىتاي دېموكراتلىرىنىڭ ئەڭ چوڭ نەشرىيات ئەپكارى«بېيجىڭ باھارى» ژۇرنىلىنىڭ باش مۇھەررىرى خۇ پىڭ ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، خەلقئارا جامائەتچىلىك ۋە ياۋروپا زاتلىرىنىڭ ئەي ۋېيۋېي مەسىلىسىگە پەۋقۇلئاددە يېقىندىن كۆڭۈل بۆلۈشىدىكى سەۋەب، ئەي ۋېيۋېينىڭ بىر ئۆكتىچى بولۇپلا قالماي، ئەڭ مۇھىمى ئۇنىڭ سەنئەتچى كىشىلىكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
خۇ پىڭ ئەپەنەندى «مېنىڭچە، ئەسلىدە بۇ ئەي ۋېيۋېينىڭ بىر سەنئەتچى ئىكەنلىكى ۋە ئۇنىڭ سەنئەت ساھەسىدىكى بىر قاتار پائالىيىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك.
ئۇ بىر تەرەپتىن كىشىلىك ھوقۇقنى قوغدىغۇچى بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئۇ بىر سەنئەتچى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئۇ ھۆكۈمەتنى تەنقىد قىلىدىغان نۇرغۇن پىكىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇ بىر قانچە يىلدىن بۇيان كۆپ قېتىم چەتئەلگە چىققان ۋە ياۋروپاغا بارغان. شۇڭا ئۇنىڭ نۇرغۇن ساھەلەر بىلەن ئالاقىسى بار. بۇ ساھەدىكى نۇرغۇن كىشىلەر ئۇنى ئۆزىگە يولداش، دەپ قارايدۇ. ئۇنىڭدىن سىرت ئەي ۋېيۋېى جۇڭگودا خېلى مەشھۇر سەنئەتكار. يۇقىرىقى سەۋەبلەردىن ئۇ جۇڭگودىكى زىيالىيلار قاتلىمىدىكى سەرخىللار ئىچىدە زور تەسىر دائىرىغا ئىگە» دەپ كۆرسەتتى.
يۇقىرىقى يازغۇچى ۋە ئەدىبلەر يەنە، يېقىنقى 2 ئايدىن بېرى ئۆزىنىڭ ئوي-پىكرىنى ئىپادىلەشكە ئۇرۇنغان خىتاي پۇقرالىرىنىڭ تۇتقۇنغا ئۇچراۋاتقانلىقىنى ۋە خىتايدىكى چەتئەللىك مۇخبىرلارنىڭ خىزمىتىگە چەكلىمە قويۇلغانلىقىنى تەنقىدلەپ، ۋېن جياباۋنىڭ خىتاي باش مىنىستىرى بولۇش سۈپىتىدە «بۇ خىل ۋەزىيەتنىڭ داۋاملىق تەرەققىي قىلىشىنى چەكلەش مەسئۇلىيىتى بارلىقى» ۋە شۇنداقلا «بىر ھۆكۈمەت ھەر قانداق ئەھۋالدا ساقچىلارنىڭ كىشىلەرنى خالىغان چاغدا قولغا ئېلىشىغا يول قويسا بولمايدىغانلىقى»نى تەكىتلىگەن. بەزى ئانالىزچىلار، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئەي ۋېيۋېينى قولغا ئېلىپ، غەرب ئەللىرىگە ئوتتۇرا شەرقتىكى خەلق ئىسيانلىرىغا ئوخشاش ئىسيانلارنىڭ جۇڭگودا يۈز بېرىشىگە يول قويمايدىغانلىقىدىن بېشارەت بەرمەكچى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. «بېيجىڭ باھارى» ژۇرنىلىدىكى خۇ پىڭ ئەپەندى بۇ قاراشتىكى كىشىلەرنىڭ بىرىدۇر.
ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «ئۇنىڭ ھەرىكىتىنى بىر سىگنال دېيىشكە بولىدۇ. ئۇ شۇنى ئاشكارا ئوتتۇرىغا قويماقچى، يەنى دېموكراتىك ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش نىيىتى يوقلۇقىنى ئېنىق ئىپادىلىمەكچى. ئۇنىڭدىن سىرت بەلكى يەنە قولىدىغان كەلسە، جەمئىيەت ۋە ئاۋام خەلقنىڭ تۈرلۈك ئۆكتىچى پىكىرلىرىنى ئىلگىرىلەپ كونترول قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكچى. ئۇزۇن يىللاردىن بېرى ئامېرىكا، ياۋروپا قاتارلىق تاشقى دۇنيادىكى دۆلەتلەر، ھۆكۈمەتلەر، ئاممىۋى تەشكىلاتلار، سەنئەتچىلەر، يازغۇچىلار ۋە ئەدىبلەردە ئومۇميۈزلۈك مۇنداق بىر ئۈمىد بار ئىدى. يەنى ئىقتىسادنىڭ تەرەققىياتى ۋە خەلقئارا ئالاقىنىڭ كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ، جۇڭگو خەلقئارا نىزامنامىلەرنى تېخىمۇ كۆپ قوبۇل قىلىدۇ، بۇنىڭ بىلەن كىشىلىك ھوقۇقنى ياخشىلايدۇ، دەيدىغان ئۈمىد بار ئىدى. بىراق خىتاي ئۆتكەن يىلى ليۇ شاۋبونى جازالاپ، يېقىندىن بېرى ئەي ۋېيۋېي قاتارلىق ئۆكتىچى زاتلارنى تۇتقۇن قىلىپ خەلقئارا جەمئىيەتكە ناھايىتى ئېنىق بىر سىگنال بەردى. يەنى جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ ئىقتىسادى تەرەققىياتىنىڭ ۋە خەلقئارا ئورنىنىڭ يۈكسىلىشىگە ئەگىشىپ، دادىل بولمايدىغانلىقىنى، بەلكى ئىزچىل كۈچ قوللىنىدىغانلىقىنى نامايان قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بۇ نۇرغۇن كىشىلەرنى بۇنداق بىر ھۆكۈمەتنىڭ داۋاملىق تەرەققىي قىلىشى، داۋاملىق قۇدرەت تېپىشى جۇڭگو خەلقىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىغا زىيانلىق بولۇپلا قالماي، بەلكى يەنە دۇنيانىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋە تىنچلىقىغا زور تەھدىت پەيدا قىلىدىغانلىقىنى ئويلاشقا مەجبۇر قىلىۋاتىدۇ.»
ئەي ۋېيۋېينىڭ تۇتقۇنغا ئۇچرىغىنىغا بۈگۈن 11 كۈن بولدى. خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىرغا قەدەر ئۇنىڭ ئائىلىسىگە ئەي ۋېيۋېينىڭ قەيەردە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرمىگەن. ئەي ۋېيۋېينىڭ ئاپىسى ۋە ئايالى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قىلمىشىنى تەنقىد قىلىپ، ئۇنىڭغا ئارتىلغان «جىنايەت» نى بوھتان دېگەن ئىدى. لېكىن خوڭكوڭ مەتبۇئاتلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى خوڭكوڭ بېيجىڭپەرەس ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنى ۋە خىتاي قۇرۇقلۇقىدىكى ھۆكۈمەت ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنى قوللىنىپ، ئەي ۋېيۋېينىڭ ئائىلە تاۋاباتىنى ھۆكۈمەتكە تۆھمەت قىلىش بىلەن ئەيىبلەشكە باشلىغان. لېكىن خۇ پىڭ ئەپەندى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئەي ۋېيۋېينى قولغا ئېلىشتىن بۇرۇن بۇنىڭ بۇنچىلىك زور خەلقئارا ئىنكاس پەيدا قىلىدىغانلىقىنى ئويلاپ باقمىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ «بىزنىڭ پەرىزىمىزچە، جۇڭگو ھۆكۈمىتى بۇنىڭدىن بۇرۇن ئەي ۋېيۋېي قولغا ئېلىنسا، مەلۇم خەلقئارا ئىنكاس پەيدا قىلىدىغانلىقىنى ئويلاشقان. لېكىن بۇنچىلىك قاتتىق خەلقئارا قارشىلىققا ئۇچراپ كېتىدىغانلىقىنى ئويلاپ باقمىغان بولۇشى مۇمكىن. ئۇلار ئۇچرىغان قارشىلىق ئۇلار ئويلىغاندىنمۇ كۈچلۈك بولدى. بىزمۇ بۇنچىلىك قاتتىق قارشىلىققا ئۇچرايدىغانلىقىنى پەرەز قىلىپ باقمىغان. مېنىڭچە بۇ، ئەي ۋېيۋېينىڭ باشقىلارغا ئوخشىمايدىغان شەخس ئىكەنلىكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپلا قالماي، بۇ يەنە چوڭ ۋەزىيەت بىلەنمۇ مۇناسىۋەتلىك. يەنى بۇ جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ يىل 2-ئايدىن باشلاپ باستۇرۇشنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىشى بىلەن ئالاقىدار بولسا كېرەك» دەپ كۆرسەتتى.
ۋاسلاۋ خاۋېل قاتارلىق يازغۇچى ۋە ئەدىبلەر ۋېن جياباۋغا يوللايدىغان خېتىدىكى بايانىدا يەنە، ئۆزلىرىنىڭ بىر دۇنيا پۇقراسى، خەلقئارا ئەدەبىيات جامائەتچىلىكىنىڭ بىر ئەزاسى بولۇش سالاھىيىتى بىلەن ۋېن جياباۋغا خىتاب قىلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ، «بىز سىزنىڭ بۇ مەسىلىگە دەرھال ئارىلىشىشىڭىزنى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئورگانلىرىنى ئەي ۋېيۋېي قاتارلىق كىشىلەرنى قويۇپ بېرىپ، ئۇلارنىڭ خەلقئارا تەرىپىدىن بىردەك ئېتىراپ قىلىنغان ئەركىنلىكىنى قايتۇرۇپ بېرىشىڭىزنى تەلەپ قىلىمىز» دېگەن.