0:00 / 0:00
نامايىش 47 دۆلەتنىڭ رەھبىرى قاتارىدا، خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋنىڭ "يادرو بىخەتەرلىكى ئالىي دەرىجىلىكلەر يىغىنى" غا ئىشتىراك قىلىۋاتقان پەيتتە ئۆتكۈزۈلدى.
نامايىشقا كالىفورنىيە، تېكساس، ۋىرگىنىيە ۋە ۋاشىنگتوندىن كەلگەن ئۇيغۇرلار، تىبەتلەر، خىتاي دېموكراتچىلىرى شۇنىڭدەك فالۇنگوڭچىلار قاتناشتى. 13 - ئاپرىل كۈنىSamuel Gompers خاتىرە باغچىسى مەيدانىدا ئېلىپ بېرىلغان نامايىشنى ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى، تىبەت، خىتاي ۋە ۋيېتنام كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى بىلەن بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان بولۇپ، مەزكۇر نامايىشقا ئۇيغۇر، تىبەت، خىتاي ۋە ۋېيتناملىقلاردىن بولۇپ، 500 دىن ئارتۇق كىشى ئىشتىراك قىلدى.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى نەق مەيدان خەۋىرىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.